سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىپتاردىن كېيىن ھەيزنىڭ قېنىنى كۆرگەن بولسا، قاننىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن ياكى كىيىن كەلگەنلىكىدىن شەكلەنسسە قانداق قىلىدۇ؟.

سۇئال

رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىپتاردىن كېيىن ھەيزنىڭ قىنى كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، لېكىن مەن ئۇ قاننىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئاشۇ كۈندىكى روزام قانداق بولىدۇ؟ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىسلام ئالىملىرى بايان قىلغان پىقھى قائىدىلەرنىڭ جۈملىسىدىن: يېڭىدىن يۈز بەرگەن ھەرقانداق نەرسىدىكى ئەسلى قائىدە ئۇنى يېقىن ۋاقىتقا بىكىتىشتۇر.

   بۇنىڭ مەنىسى: مەلۇم بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ ئىشنى يېقىن ياكى يىراق بولغان بىر ۋاقىتقا بېكىتىش مۇمكىن بولمىسا، ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ بىرنى كۈچلاندۇرىدىغان بىرەر ئىسپات بولمىسا، ئۇنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ۋاقتى شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئىككى ۋاقىتنىڭ يېقىنراقىدۇر، چۈنكى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەنچىلىك بولغىنى يېقىنراق ۋاقىتتۇر، يىراق ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىدە شەك قىلىنىدۇ. 

بۇ قائىدىنىڭ شاخچىلىرىدىن: بىر كىشى كىيىمدە ئىسپىرما كۆرسە، ئۇنى ئېھتىلامنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ بىلسە، ئەمما ئېھتىلام بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇخلىغان ئۇيقۇسىنىڭ قاچان بولغانلىقىغا قارايدۇ، ئاندىن ئاشۇ ئۇيقىدىن كېيىن ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ.

   بۇ قائىدىنى ئىمام زەركەشى ئۆزىنىڭ: "ئەلمەنسۇر فى ئەلقەۋائىد" ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام سۇيۇتىي :«ئەل ئەشباھ ۋەننەزائىر"ناملىق ئەسىرىدە كەلتۈرۈپ، بۇ قائىدىنىڭ نۇرغۇن شاخچىلىرىنى بايان قىلدى، پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىككى كىتابنىڭ قايسىسىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.

   مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن: ئايال ھەيزنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ ئەمما قاچان كەلگەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ، كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ؟ بۇنداق ھالەتتە، ھەيزنىڭ كەلگەنلىكىنى ئەڭ يېقىن ۋاقىتقا بېكىتىمىز، سىزنىڭ سوئالىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن ۋاقىت بولسا ئىپتاردىن كېيىنكى ۋاقىتتۇر.

"پىقھى ئىنىسكلۇپېدىسى 26-توم 194-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرىدىن مۇشۇ مەسىلىنىڭ ئوخشىشىدىن بولغان مەسىلىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ: بىر ئايال ھەيز كۆرۈپتۇ ئەمما قايسى ۋاقىتتا كۆرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ھۆكمى كىيىمدە ئىسپىرما كۆرگەن ئەمما ئۇنىڭ يۇقۇپ قالغان ۋاقتىنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ، يەنى ئۇ كىشى يۇيۇنۇپ ئاخىرقى ئۇيقۇسىدىن كېيىن ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئوقۇيدۇ، مانا بۇ روشەنلىكى ئېنىق ۋە چېگىكى ئاز بولغان قاراشتۇر".

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى مۇختار ئەششەنقىتىدىن (ئاللاھ ئۇكىشىگە ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلسۇن) ئايال كىشى ھەيزدىن بولغان نەرسىنى شام نامىزىدىن كېيىن كۆرگەن بولسا، بۇنىڭ شامدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەنلىكىنى بىلمىسە، ئۇ ئايالنىڭ نامىزى ۋە روزىسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزنى كۆرگەندە گۇمانىدا كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى بولغانلىقى كۈچلۈك بولسا، شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ بىكار بولۇپ كەتكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق، ئۇ ئايال شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قېلىشى كېرەك.

ئەمما تۇيۇقسىز كەلگەن ھەيزنىڭ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بولغانلىقىغا گۇمانى كۈچلۈك بولسا، شۇ كۈندىكى روزىسىنىڭ سەھىھ بولىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق، ھەيزدىن پاكىزلانغاندا شۇ ۋاقىتتىكى شام نامىزىنىڭلا قازاسىنى ئوقۇيدۇ.

    ئەمما ئىككىلىنىپ، شەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۆلىمالارنىڭ(ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن)قارىشىدىكى قائىدە بويىچە(ۋەقە يۈزبەرگەن ئەڭ يېقىن ۋاقىتقا نىسبەت بېرىلىدۇ)روزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقى ئەسلى بولۇپ قاچان بۇزۇلغانلىقىغا دەلىل كەلگەندە بۇزۇلىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئايال تولۇق بىر كۈن روزا تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن روزىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە روياپقا چىققانغا قەدەر ئۇ ئايال ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا شۇ كۈنلۈك روزىسى سەھىھ دەپ ھۆكۈم قېلىنىدۇ، ھەيزنىڭ قىنى شۇ كۈنلۈك روزىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، مەسىلە ئەكسى ھالەتتە قېلىپ قالىدۇ. سىز ئۇ كۈننىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ دېسىڭىز، شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش لازىم كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ كۈننىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ دېسىڭىز، بۇ يەردە شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىتنىڭ كىرىشى ھەيزدارغا نىسبەتەن مەسئۇلىيىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئەسھابىلىرى ۋە بەزى ھەنەفى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئېيتقاندەك ۋاقىتنىڭ ئاخىرى ھېسابلانغۇچى بولمايدۇ". "شەيخ شەنقىتىينىڭ"شەرھى زادۇل مۇستەنقىئ"دىن ئېلىندى.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز ھەيزنىڭ كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدىكەنسىز سىزنىڭ شۇ كۈنلۈك روزىڭىز توغرا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى