شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا پاتىھە سۈرىسىدىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

175312

تارقاتقان ۋاقىت : 08-12-2022

كۆرگۈچىلەر : 892

سۇئال

   نامازنىڭ بىرىنچى رەكەتتە سۈبھانەكەللاھۇممە، ئەئۇزۇ ۋە بىسمىللاھ دەيمەن، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمەن، ئىككىنچى رەكەتتە بىسمىللاھ دېمەيمەن، ئەلھەمدۇ لىللاھ دەپ باشلايمەن، بۇ شەكىلدە ئوقۇلغان ناماز قوبۇل بولامدۇ؟، نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئالاقىدار مەسىلىگە ھەنەفى مەزھىبىنىڭ قارىشى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، قىرائەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئەئۇزۇ بىللاھ دېيىش سۈننەتتۇر، ئۇنىڭ ئورنى بىرىنچى رەكەتتۇر. بۇ توغرىدا ئىلگىرى 65847 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

   ئىككىنچى: پاتىھە سۈرىسىدىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش نامازنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدكى بايانات ئىلگىرى22186 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    شۇنىڭغا ئاساسەن، كىمكى بىسمىللاھنى قەستەن ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ دېمىگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ئەسلىدە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتە تولۇق دەيدىغان بولۇپ ئۇنتۇپ قىلىپ دېمىگەن بولسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىۋېتىش  سۈننەت ئەمەس ئەمما مۇستەھەبتۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلىرى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 11207765847 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما قەستەن تەرك قىلغان كىشىگە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىش دېگەن ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ تەرك قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا بىرەر سۆز-ھەرىكەتنى ئۇنتۇپقالغان بولسا، سەھۋەنلىكى ئۈچۈن ئىككى سەجدە قىلىۋەتسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 572-ھەدىس].

    ئۈچىنچى: بىسمىللاھ دېيىش ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدىمۇ ھەم سۈننەتتۇر،

    "پىقھى توپلاملىرى"8-توم 87-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇ توغرىدا ھەنەپىي مەزھەپنىڭ قارىشى: ئىمام ئۈچۈن ۋە يالغۇز ناماز ئادا قىلغۇچى ئۈچۈن ھەر بىر  رەكئەتتە پاتىھە سۈرىسىدىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېيىش سۈننەتتۇر. ئەمما پاتىھەدىن كېيىن يەنە بىر سۈرە باشلىغاندا ئەبۇ ھەنىپە بىلەن ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قارىشىدا بىسمىللاھ دېيىش مۇتلەق سۈننەت ئەمەس، چۈنكى بىسمىللاھ دېگەن پاتىھە سۈرىسىدىن بىر ئايەت ئەمەس، بۇ پاتىھە سۈرىسىنىڭ ئەۋۋىلىدە بەرىكەت يۈزىسىدىن زىكىر قىلىنىدۇ". 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى