پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سول قولى بىلەن ئۇلاغ بوغۇزلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    سول قولى بىلەن ئۇلاغ بوغۇزلاشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سول قولى بىلەن ئۇلاغ بوغۇزلىسا ھېچ گەپ بولمايد، يەنى توغرا بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى ئالىملىرىدىن: " بىر كۈنى ۋەلىيمە قىلماقچى بولۇپ مېھمانلارغا تاماق تەييارلاش ئۈچۈن ئاشپەز ئۇستامنى چاقىردىم، قاراپ تۇرسام ئۇ كىشى بىسمىللاھ  دەپ ئۇلاغنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىدى، شەرىئەتتە بۇيرۇلغان تەكبىر بولسا: "بىسمىللاھ ۋاللاھۇ ئەكبەر" دېيىش ئىدى، مەن ئۇنىڭغا " مال بوغۇزلاش بۇنداق ئەمەس دەپ ۋاقىرىدىم، ئۇ كىشى ماڭا:  مەن بۇ توغرىدا ئۇستازلاردىن پەتىۋا سورىغان، مۇشۇنداق شەكىلدە سول قولۇم بىلەن مال بوغۇزلاشنى توغرا بولىدۇ دېگەن دېدى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنداق قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلىسا ياخشى بولىدۇ".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  22 -توم 474-475 بەتلەر].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى