پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرغان جايدا قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى ئۆز مەملىكىتىدە بىرەرسىنى ۋەكىل قىلامدۇ؟

سۇئال

مەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇيمەن، مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە ئازغىنە مۇسۇلمانلاردىن باشقا بىرەر ئىسلام مەركىزىمۇ يوق، بار بولغان مۇسۇلمانلاردىنمۇ كىمنىڭ قۇربانلىققا ھاجىتى بار كەمبەغەل بۇنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ئوقۇۋاتقان جايىمدا قۇربانلىق قىلشىم ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆز ۋەتىنىمدە بىرەر كىشىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ۋەكىل قىلىشىممۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەسلىدە قۇربانلىق قىلغۇچى قايسى جايدا بولسا قۇربانلىقمۇ شۇ جايدا قىلىنىدۇ. بەلكى قۇربانلىق قىلغۇچى مالنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ. قۇربانلىقتىن بولغان مەقسەت پەقەت گۆش مەسىلىسىلا بولماستىن بەلكى ئىسلامنىڭ بۇ شوئارىنى ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق ۋە ئەقىقە ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان ماللارنى مەدىنىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بوغۇزلايتتى. گەرچە مەدىنىدە بوغۇزلاشتىن مەككىدە بوغۇزلاش ياخشى دەپ قارالسىمۇ شۇنداقلا مەدىنىگە نىسبەتەن مەككىدە كەمبەغەللەر كۆپ ۋە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ ئۇنى مەككىگە ئەۋەتمەيتتى، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەر بىر ئىبادەتنى ئۆز ئورنىدا ئادا قىلىشنى يولغا قويغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ھەجگە ئالاقىدار بولغان ھەدىيە ماللىرى مەدىنىدە بوغۇزلانمايدۇ، قۇربانلىق ۋە ئەقىقە ماللىرى مەككىگە ئەۋەتىلمەيدۇ، بەلكى ھەر بىر تۈرنى ئۆز ئورنىدا بوغۇزلاش بىكىتىلگەن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى، ئىشلارنىڭ ئەڭ ناچىرى دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەتتۇر. تۈگىدى. [شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما 10/50].

ئەسلى قائىدىدە: قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقنى ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدا قىلىدۇ. باشقا شەھەردە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلمايدۇ، لېكىن قۇربانلىق قىلغۇچى بىر يۇرتتا ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى يەنە يۇرتتا بولسا، ئەگەر مالدىن ئىككىنى ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولالىسا، ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدا بىرنى، ئائىلە-بالىلىرى تۇرىۋاتقان جايدا يەنە بىرنى قۇربانلىق قىلىدۇ، بۇنداق قىلالىسا ئەۋزەل بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە ئائىلە-بالىلىرى تۇرىۋاتقان يۇرتقا پۇل ئەۋەتىپ بىر كىشىنى ئۆزىگە ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىسا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئۆزىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا ئىشلىگىلى كەلگەن ئىشلەمچى قۇربانلىقنى قانداق قىلىدۇ؟ يۇرتىدا ئائىلە-بالىلىرى بار، بۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە نىسبەتەن ئۆز يۇرتىدىكىلەر بەكرەك ئېھتىياجلىق، ئۇ كىشى بۇ يەردە قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى قۇربانلىق مالنىڭ پۇلىنى ئۆز يۇرتىغا ئەۋەتىپ ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلامدۇ؟. ئاللاھ تائالا سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ قۇربانلىققا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بەك زۆرۈرلىكىنى ياخشى بىلىسىلەر، دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ كىشىنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرسە بۇ يەردە بىرنى ۋە ئۆز يۇرتىدا بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا مۇشۇنداق بەرىكەتلىك كۈنلەردە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ پۇلىسىنى ئۇلارغا ئەۋەتسۇن، ئۇلار مال سىتىۋىلىپ قۇربانلىق قىلسۇن." ["ئايلىق ئۈچرىشىش پروگراممىسى'' 1-توم 440-بەت].

يەنە شەيختىن: بىز ئەسلى بۇ دۆلەتتىن ئەمەس، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز قۇربانلىقنىڭ گۆش ۋە تېرىلىرىدىن مەنپەئەتلىنىشكە بەكراق ئېھتىياجلىق، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى كەمبەغەل، قۇربانلىقنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان دىنى شوئارنى ئەمەلىيەتتە ئىزھار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، بىز قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى يۇرتقا ئەۋەتىپ بىر كىشىنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىل قىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان كىشى ئۆزى بىر دۆلەتتە، ئائىلە-بالىلىرى يەنە بىر دۆلەتتە ياشايدىغان بولسا، ئائىلە-بالىلىرىنىڭ قۇربانلىقتىن مەنپەئەتلىنىشى ۋە خۇرسەن بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتىپ بىر كىشنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىل قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يۇرتتا قۇربانلىق قىلسا ئۇنىڭ قۇربانلىقلىرىنى كىم يېيىشىپ بېرىدۇ؟ بەزى ۋاقىتتا قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن سەدىقە بېرىدىغانغا ئادەم تاپالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئائىلە-بالىلىرىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى ئەۋەتىپ قۇربانلىقنى شۇ جايدا قىلىشىنى ياخشى دەپ قارايمىز." تۈگىدى. ["ئايلىق ئۈچرىشىش پروگراممىسى'' 2-توم 306-بەت].

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى