قەسەم دېگەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەسەم قىلسا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 2679-ھەدىس].
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: شەرئى ئايەتلەر، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ كالامى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ۋەھىي قىلغان ۋە سۆزلىگەن سۆزلىرىدۇر.
كائىناتتىكى ئايەتلەر: كېچە-كۈندۈز، ئاسمان-زېمىن قاتارلىق نەرسىلەر ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى، چەكسىز ئىلمىي ۋە تەڭداشسىز قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشى، مۇنۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:
بىرىنچى ھالەت: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن بولغان مەقسىتى: قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە قەسەم قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھنىڭ كالامى بولسا ئاللاھنىڭ سۇپەتلىرىدىن بىرىدۇر.
ئىككىنچى ھالەت: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن بولغان مەقسىتى: كائىناتتىكى كېچە-كۈندۈز، قۇياش-ئاي قاتارلىق ئالامەتلەردۇر، بۇنداق ھالەتتە قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرى مەخلۇق بولۇپ، مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ.
دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن دەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بولغان مەقسىتى قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىش بولسا، بۇنداق قەسەم قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھنىڭ كالامى بولسا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. ئەمما ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بولغان مەقسىتى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئالامەتلىرى بولسا، بۇ ھالەتتە قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ". ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى بولسۇن". [كومىتېت رەئىسى: ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ ئالى شەيخ ، ئەزالاردىن: بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيىد، سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزان... "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" بىرىنچى بۆلۈم23-توم 48-بەت].
شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى بەرراك (ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن)مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ كەلىمىلىرى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم قىلغاندا بۇنىڭ بىلەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى مەقسەت قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرى بىلەن قەسەم، ياكى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى بىلەن قەسەم دېسە بولىدۇ، ئەمما قۇياش، ئاي قاتارلىق كەۋنىي ئالامەتلەر بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ. كىمكى قەسەمدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلارنى مەقسەت قىلىدىكەن، ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان بولدى، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش شېرىكتۇر. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ھاكىم سەھىھ دېگەن].
كۆپ ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇنداق دەپ قەسەم قىلىش توغرا بولىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.