ئانىڭىزنىڭ مەسچىتكە بېرىشىدا گۇناھ يوق، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ چۆرىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن چەكلىمەڭلار» دېگەن، تولۇق ئۇرۇنۇپ خۇتبە ئاڭلاش، دۇئاغا ئورتاق بولۇش نىيىتى بىلەن مەسچىتكە بارسا بولىدۇ. ئايال ئۈچۈن مەسچىتكە بارغاندىن ئۆيدە تۆت رەكەت پېشىن نامىزى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، لېكىن تولۇق ئۇرۇنۇپ ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاپ پايدىلىنىش ئۈچۈن چىقسا ئاللاھ خالىسا گۇناھ بولمايدۇ ھەم چەكلەشكە بولمايدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلاتتى، جۈمە نامىزىغا كېلەتتى، خۇتبە تىڭشايتتى. نۇرغۇن ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن جۈمە ئادا قىلىشقا كېلەتتى، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر . ["شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 2-توم 1051-بەت].
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى.