ئېھتىياجى بار خىزمەتچىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا ياكى سەدىقە قىلسا بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: خىزمەتچىگە زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بىز ئۇنىڭ ئايمۇ ئاي ئىش ھەققى بېرىۋاتقان تۇرساق قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىنسان ئۆزىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىگە ئۇ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئائىلىسى بولۇپ، بۇ يەردە ئالغان ئايلىق پۇلى ئائىلىسىگە يەتمىسە، ئۇنىڭغا زاكات بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئالغان ئايلىق ئىش ھەققى كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا زاكاتتىن بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاِبْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنْ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ماللىرىدا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى، بۇ بايلاردىن ئېلىنىپ كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن». ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى]"
بۇنداق قىلىش زاكات ماللىرىدا دۇرۇس بولىدىكەن، نەپلە سەدىقىلەرگە ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى خىزمەتچىگە زاكات بەرگۈچى زاكات بېرىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلماسلىقى لازىم.
ئەگەر زاكات مېلىنى خىزمەتچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى زىيادە قىلىپ بېرىشنىڭ بەدىلىگە ياكى ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مۇكاپاتنىڭ ئورنىغا ياكى خىزمەتچىنى ئىلگىرى ئىتتىپاق قىلغاندىنمۇ بەكرەك ئىشلىتىۋېلىش مەقسىتىدە بەرگەن بولسا توغرا بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.