جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىشنىڭ ھۆكمى

145596

تارقاتقان ۋاقىت : 09-03-2014

كۆرگۈچىلەر : 4180

سۇئال

بەزى كىشىلەر ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماستىن بەلكى قۇرئان كەرىمنىڭ مەلۇم بەتلىرىنى قارىماستىن ئىختىيار قىلىپ، ئاندىن تاللىغان بەتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا ئىشارەت قىلىدىغان ئايەتنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ مەزكۇر ئىش توغرىسىدا قارار بېرىدۇ. تۇرمۇش قۇرغان بىر قىزنى مىسالغا ئالساق، ئۇ قىزنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقتىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. قىزچاق يولدىشىدىن ئايرىلىشنى خالايدۇ، ئەمما قىزنىڭ ئانىسى قۇرئان كەرىمنى ئىلىپ ئۆزى تاللاپ بىر بەتنى ئاچىدۇ، ئۇ بەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئانىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا خىتاب قىلىپ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى ھالاك بولارمىكىن دەپ قورقمىغىن دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، بۇ ئايەتتىن ياخشى پال ئىلىپ، قىزىم يولدىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىشى لازىم دەپ قارىغان. بۇ ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىستىخارە نامىزى ئوقۇش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىش باھانىسى بىلەن بۇ سۈننەتنى تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۆپچىلىك ئالىملار قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىشنى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋرىدىكى پال سىلىش شەكلىگە ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، بۇنداق قىلىشنى چەكلىگەن يەنى ھارام دەپ قارىغان.

ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق شەكىلدە پال ئىلىش ھارام بولۇپ، ئىمام تەرتۇشىي رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىش، قۇم ۋە ئارپا بىلەن پال سىلىش، چەك تاشلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. چۈنكى ئۇلار جاھىلىيەتنىڭ پال سىلىش شەكلىدىندۇر. پال ئوقى جاھىلىيەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ تال ئوق بولۇپ، بىرىگە قىلغىن يەنە بىرىگە قىلما ئۈچىنچىسىگە بىلمىدىم دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، پال سالغۇچىغا: قىلغىن دېگەن خەت يېزىلغان ئوق چىقسا، ئۇ كىشى مەقسەت قىلغان ئىشىنى قىلىشقا ئاتلىناتتى، قىلما دېگەن خەت يېزىلغان ئوق چىقسا، مەقسەت قىلغان ئىشىنى قىلمايتتى ۋە بۇ ئىش ياخشى بولمايدىكەن دەپ قاراپ، ئۇ ئىشنى قىلىشتىن چىكىنەتتى. بىلمىدىم دېگەن خەت يېزىلغان ئوق چىقسا، قايتىدىن پال سالاتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە پال سېلىش ئارقىلىق غەيىبتىن ئۆز تەقسىماتىنى تەلەپ قىلاتتى. ياخشىسىغا ئەگىشەتتى، ناچارنى تەرك قىلاتتى. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمدىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن پال ئالغۇچى ئۆز ئىتىقاتىدا پالدىن ياخشى نەتىجە چىقسا قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلىش، ئەگەر ياخشى نەتىجە چىقمىسا ئۇ ئىشنى تەرك ئېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىمدە ھاراملىقى بايان قىلىنغان پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشنىڭ ئۆزىدۇر". تۈگىدى. [ئەلفۇرۇق ناملىق ئەسەر 4-توم 240-بەت].

نەپراۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشى پالنى ياقتۇراتتى، (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئىيجابى سۆزلەردۇر) ياخشى پال بولسا؛ ئىنساننىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان ياخشى سۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇم پال ئىلىش يوق. ياخشى پال ئىلىش كېرەك دېگەندە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پال دېگەن نېمە؟ دەپ سورالدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پال دېگەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاڭلايدىغان ياخشى سوزدۇر، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنى پال ئەجەبلەندۈرىدۇ، دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ياخشى پالنى ياقتۇرىمەن، دېگەن.

بۇنىڭ مىسالى: سەپەرگە چىقىشنى ياكى كېسەل يوقلاشنى مەقسەت قىلىپ چىققاندا، : ئى سالامەت قالغۇچى ياكى غەنىمەت ئالغۇچى ياكى ساق بولغۇچى دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، بۇ كىشى ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلمىغان ئەمما شۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالغان. ئەمما ئاڭلىغان سۆزنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە قاراپ ئىش قىلىش ئۈچۈن (يەنى سۆز ئارقىلىق پال ئىلىشنى مەقسەت قىلسا) يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغان جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىشىغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ مەنالارغا ئاساسلانغاندا قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پال ئوقى بىلەن پال سىلىپ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىشنىڭ بىر تۇرىدۇ. قۇرئاندىن پال ئالغان ۋاقتىدا، ئۇ كىشىگە ئۆزى خالىمايدىغان بىر ئىشارەت چىقىپ قالسا، بۇ ئىش ئۇ كىشىنى قۇرئان كەرىمدىن شۇم پال ئىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ.

ئىنسان بىر ئىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىسا قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قايتماسلىقى ۋە ئى ئاللاھ! ياخشىلىق سېنىڭلا تەرىپىڭدىن كېلىدۇ. يامانلىقنىڭ كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ سىنىڭ بىلەن بولىدۇ، دېيىشى كېرەك. تۈگىدى. [ئەلپەۋاكىھ ئەددەۋانى 2-توم -342 -بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ قۇرئان كەرىمنى ئىچىپ پال ئىلىش توغرىسىدا سورالغاندا، جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قۇرئان كەرىمنى ئىچىپ پال ئىلىش توغرىسىدا ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىدىن ھېچ بىر ئەسەر يوق، ئەمما كىيىنكى ئالىملار بۇ توغرىدا تالاش-تارتىش قىلدى. قازىي ئەبۇ يەئلا بۇ توغرىدىكى تالاش-تارتىشنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بەزىلەر ئىبنى بەتتە شۇنداق قىلغان دېسە، بەزىلەر ئىبنى بەتتە بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى دېگەن. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرىدىغان پال ئەمەس. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيجابىلىقنى ياخشى كۆرەتتى ۋە قۇشلاردىن شۇم پال ئىلىشىنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرىدىغان پال بولسا، بىر ئىشنى قىلىش ياكى كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغاندا، ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان گۈزەل سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر. مەسىلەن: ئى نەتىجىگە ئېرىشكۈچى ياكى نىجات تاپقۇچى ياكى بەختلىك بولغۇچى ياكى ياردەم بېرىلگۈچى دېگەنگە ئوخشاش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە ماڭغاندا يولدا بىر كىشى ئۈچرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: يەزىد دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئابابەكرى! بىزنىڭ ئىشىمىز زىيادە بولىدىكەن، يەنى ئۇتۇقلۇق بولىدىكەن دېگەن.

شۇم پال ئىلىش دېگەنلىك: ئىنسان بىر ئىشنى قىلغان ياكى قىلىش ئۈچۈن كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئاتلانغاندا، ئۇ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلايدۇ. مەسىلەن: ئى يىتىم قالغۇچى ياكى نىجات تاپالمىغۇچى دېگەنگە ئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغان بۇ سۆزدىن شۇم پال ئىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ۋاز كېچىدۇ. مانا بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، مۇئاۋىيە ئىبنى ھەكەم ئەسسۈلەمي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يا رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ئارىمىزدا بەزى كىشىلەر قۇشلاردىن پال ئالىدۇ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا شۇنداق بىر نەرسە پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ سىلەرنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى توسىاپ قويمىسۇن دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇشلاردىن شۇم پال ئىلىشنىڭ ئىنساننى قىلماقچى بولغان ئىشىدىن توسۇپ قويۇشىدىن چەكلىگەن، ھەر بىر كىشىدە پالنى ياخشى كۆرۈش ۋە شۇم پالنى ياقتۇرماسلىق بولسىمۇ، ئەمما بىر ئىشنى قىلىشتا، ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە قىلىش، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش ۋە شەرىئەت يولغا قويغان سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن مەزكۇر ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ياخشى پال ئىلىش بىر ئىشنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان نەرسە قىلىنمىغاندەك، شۇم پال ئېلىشمۇ بىر ئىشنى قىلىشتىن چەكلەيدىغان ئامىل قىلىنمىدى. ھەقىقەتەن بۇ ئىشلار جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ پال ئوقلىرى بىلەن ياخشى-ياماننى بەلگىلەيدىغان ئىشىغا ئوخشاپ قالغانلىقى سەۋەبلىك چەكلەندى. ئاللاھ تائالا پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشنى قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلدى.

ئۇلار جاھىلىيەت ۋاقتىدا بىرەر ئىشنى مەقسەت قىلسا، پال ئوقى ياكى تاشلار سېلىنغان قاچىلارنى ئايلاندۇرۇپ، چىققان نەرسىگە قاراپ بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ياكى يامانلىقنىڭ ئالامىتى ياكى بىلىنمىدى دەپ ئايرىيتتى. قىل دېگەن خەت چىقسا قىلاتتى. قىلما دېگەن خەت چىقسا قىلمايتتى. بىلمىدىم دېگەن خەت چىقسا قايتىدىن پال سالاتتى.

تاش-ئارپا چېچىش، ئەبجەد ھەرپلىرى ياكى بېيىت يېزىلغان قىلماقچى بولغان ئىشى بۇيرۇلسا ياخشىلىق بولىدۇ، قىلماسلىق بۇيرۇلسا يامانلىق بولىدۇ دېگەن ئاساستا پال ئىلىنىدىغان قەغەز، تاختاي ۋە شال پارچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پال ئوقلىرى بىلەن مەقسەت تەلەپ قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ھەقىقەتەن مۆمىن ئۈچۈن بىرەر ئىشنى قىلىشتا ياراتقۇچى ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە قىلىش (ئاللاھ تائالادىن مەزكۇر ئىشتا ياردەم سوراش)، كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىش يولغا قويۇلدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان، ياقتۇرمايدىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېكىتىش كېرەك.

بۇ ئىشلاردا يەنى پال ئىلىشتا بەزى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشىنى بۇ ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ؟ دېگەننى ئىسپاتلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىش ئۆتكەن زاماندا مەنپەئەتلىك بولغانمۇ ياكى كەلگۈسىدە مەنپەئەتلىكمۇ؟ دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان ئىشلاردۇر. ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. تۈگىدى. [پەتىۋالار توپلىمى 2366].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىل ۋە كۆزقاراشلاردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، قۇرئان كەرىمنى پال سېلىشقا ئىشلىتىش، يەنى خالىغان بەتنى ئىچىپ، ئۇ بەتتە چىققان ئىشارەتلەرگە ئاساسەن ئىش قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى (يەنى ھاراملىقى) ئوچۇق ئىپادىلەندى. بۇمۇ پال ئوقلىرى بىلەن مەقسەت تەلەپ قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەمما ئىنسان بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا ئىزدەنمەستىن ۋە مەقسەتسىز ئاڭلىغان چىرايلىق سۆز بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.

سوئالدا بايان قىلىنغان يولدىشى ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان ھەمشىرىمىزنىڭ سوئالىغا كەلسەك، يولدىشىنىڭ قىلغان ئىشى توغرا ئەمەس، ئەگەر باشقا بىرى ئۇ ھەمشىرىمىزگە: بۇ ئايەت ئىككىڭلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىڭلارغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىمۇ قورقۇپ ئۇنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن، ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك دېسە، ئايرىلىپ كېتەمدۇ؟. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى دەسلەپتە ئۇنى دەرياغا تاشلىغان بولسا، ئاقىۋەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقازدى.

ئائىلىدە مەسىلە كېلىپ چىققاندا، ئۇنىڭ سەۋەبىگە قاراش ۋە بۇ مەسىلىنى شەرئى ۋاسىتىلەر بىلەن، يەنى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ئىككى ئائىلىدىن تەدبىرلىك كىشىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تېرىشىش كېرەك.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى