بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى ئۇنى تونۇتۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەسچىت دېگەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان بەلكى ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بىر ئادەمنىڭ مەسچىتتە يوقالغان نەرسىنى سۈرۈشتۇرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان كىشى، ئۇ ئادەمگە: ئاللاھ ساڭا يوقالغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان دېسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى568-ھەدىس].
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىر كىشى مەسچىتكە كېرىپ: مېنىڭ ئاق تۆگەمنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ كىم تېپىشىپ بېرىدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: تاپالمىغايسەن، ھەقىقەتەن مەسچىتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىنا قىلىندى، دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى569-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «تاپالمىغايسەن» دېگەن سۆزىگە كۆرە مەسچىتتە يوقالغان نەرسىنى سورىغان كىشىگە مۇشۇنداق دېيىشكە بۇيرۇلغان، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇيرۇقىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈندۇر، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان كىشىلەر: تاپالمىغايسەن، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىنمىغان دېسۇن ياكى تاپالمىغايسەن، ھەقىقەتەن مەسچىتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىنا قىلىندى دېسۇن".
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مەسچىتلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆيى دەپ بايان قىلىپ، ئۇنىڭدا ئەتتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىدىغان تەسبىھلەر ئېيتىلىدىغان ۋە ئىبادەتلەر قىلىنىدىغانغا رۇخسەت قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىنا قىلىندى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتلەرنى بۇنىڭ سىرتىدىكى مەقسەتلەردىن پاك تۇتۇش كېرەك بولىدۇ ". ["ئەلئىستىزكار" 2 -توم 368 -بەت.]
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتنىڭ يېنىغا بىر ئارام ئىلىش ئورنى بىنا قىلدى ۋە بىكار سۆز قىلىدىغان، شىئىر ئوقۇيدىغان، يوقالغان نەرسىسىنى سورايدىغان ۋە ئۈنلۈك پاراڭلىشىدىغان كىشىلەر بۇ يەرگە كەلسۇن دېدى. [بەيھەقى "ئەسسۈنەن"ناملىق ئەسەر 20763 -ھەدىستە كەلتۈرگەن. "ئەلئىستىزكار" 2 -توم 368 -بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
يوقالغان نەرسىسىنى سورايدىغان كىشى مەسچىتنىڭ سىرتىغا چىقسۇن ياكى قەغەزگە يېزىپ مەسچىتنىڭ تاشقىرى تېمىغا چاپلاپ قويسىمۇ بولىدۇ.
مەسچىتتە بىر نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى مەسچىتنىڭ ئىمامىغا ياكى مۇئەززىنگە ياكى مەسچىتتىكى بىرەر خىزمەتچىگە يۈتۈپ كەتكەن نەرسە تىپىلىپ قالسا ئىگىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش توغرىسىدا خەۋەر بەرسە بولىدۇ. بۇ سۆز ئۇ كىشى بىلەن خەۋەر بەرگەن كىشى ئارىسىدا بولىشى كېرەك.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مەسچىتلەر يوقالغان نەرسىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىلىم-سېتىم قىلىش دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن بىنا قىلىنمىدى، پەقەت ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئىلىم سورۇنلىرىنى ھازىرلاش ئۈچۈن بىنا قىلىندى.
يوقالغان نەرسىنى قەغەزگە يېزىپ مەسچىتنىڭ سىرتقى تېمىغا ياكى كېرىش ئېشىكىگە چاپلاپ قويسا بولىدۇ، ئەمما مەسچىتنىڭ ئېچى تەرەپتىكى تامغا ياكى ئېشىككە چاپلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ كىشىلەرنى ئۇ ۋاراقلارنى ئوقۇش ياكى باشقا ئىشلارغا مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.
بىزگە ئېنىق بولغىنى: مەسچىتكە ۋاراقلارنى چاپلاش ياكى ئېسىپ قويۇشمۇ يوقالغان نەرسىنى سوراش بولۇپ بۇنداق قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، لېكىن مەسچىتنىڭ سىرتقى تېمىغا ياكى كېرىش ئېشىكىگە چاپلاپ قويسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ مەسچىتنىڭ سىرتى ھېسابلىنىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 2 -توم709 -بەت.]
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىت دېگەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قاتقان (نىسبەت بەرگەن) ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىگە قاتقان ئورۇنلار بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بۇيرىدى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھۆكۈملىرى ۋە ھۆرمەت-ئېھتىرامى بولىدۇ.
مەسچىتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىن: مەسچىتتە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سودا-سېتىق قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بىر ئادەم مەسچىتكە كېلىپ: مېنىڭ مۇنداق نەرسەم يوقاپ كەتكەنتى ياكى پورتىمالىم يوقاپ كەتتى دېسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا ئۇكىشىنىڭ ئىشەنچىسىدە: بۇ نەرسىنىڭ مەسچىتتە ئوغرىلانغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ بۇنى مەسچىتنىڭ ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، سىز: بۇنى ئەمىسە قانداق تاپىمەن؟ دېمەڭ، مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى ئېشىكنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ: ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، مېنىڭ مەسچىتتە مانداق نەرسەم يوقاپ كەتتى، كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دېسىڭىز بولىدۇ. قېرىنداشلىرىم! مەسچىتنى ئېھتىرام قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ["رىيازۇسسالىھىن شەرھىسى" 2014 -بەت].
دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: " يوقالغان نەرسىنى يېزىپ مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى ھەممە كىشىلەر بىلىدىغان مەلۇم ئورۇنغا چاپلاپ قويسا بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5 -توم 275 -بەت.]
ئىككىنچى: ھەدىستە كەلگەن چەكلىمە مەسچىتتە يوقالغان نەرسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقا ئىلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پەقەت تائەت-ئىبادەتكە بولغان ئىلاننى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.
دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: مەسچىت، مەسچىتنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى مەيدانلىرىنى تىجارەت ئىلانلىرى، يوقالغان نەرسىلەرنى ئىزدەش، ئۇچۇرلارنى يىزىش دېگەندەك ئورۇن قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، بۇ ئىلانلار مەكتەپ-مەدرىسىلەرنىڭ بولسۇن، زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ بولسۇن قەتئىي توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەسچىت دېگەن ئاللاھ تائالاغا ناماز، زىكىر، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق دىنى ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتلەرنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن پاك تۇتۇش، ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىش، كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولۇشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلاش لازىم". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5 -توم 276-277 -بەتلەر. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ھەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مەسچىتتە ئىپتارلىق بېرىلىدۇ دەپ ئىلان قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇ شەكىلدە ئىلان قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ سودا-سېتىق ئېلانى ئەمەس بەلكى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈش ئىلانىدۇر، چەكلەنگىنى بولسا: سودا-سېتىق، ئىجارە ئېلىش، بېرىش قاتارلىق مەسچىتنىڭ بىنا قىلىنىشىغا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلارنى ئىلان قىلىشتۇر، ئەمما ياخشىلىققا چاقىرىش، كىشىلەرگە يېمەك بېرىش، سەدىقە قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ".
يەنە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەسچىتكە ھەج-ئۆمرە ياكى دەرس، نۇتۇق سۆزلەش توغرىسىدىكى ئىلانلارنى چاپلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا؟ شەيخ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "تائەت-ئىبادەتكە ئالاقىدار ئىلانلار بولسا بولىدۇ، چۈنكى تائەت-ئىبادەت دېگەن ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولىدىغان ئەمەللەردىندۇر، مەسچىت ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان.
ئەمما دۇنيا ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولسا: ئۇنداق ئىلانلارنى چاپلاش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى مەسچىتنىڭ سىرتقى تېمىغا چاپلىسا بولىدۇ، ھەج-ئۆمرىگە ئېلىپ بارىدىغان ئېلانلار دۇنيالىق ئىشلار بولسىمۇ ئۇنى مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئىلان قىلسا بولىدۇ، ئىلىم سورۇنلىرى دېگەن تولۇق ياخشىلىق بولۇپ، ئۇنى مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئىلان قىلسا بولىدۇ". ["شەرھى مەنزۇمەتىل قاۋائىدۇل پىقھىيە" 52 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.