1-ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ياراتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى سۈپەتتە، تەبىئەتتە ۋە ئەخلاقتا پەرقلىق قىلدى، بۇ بولغان رىئال ۋاقىئەلىكتۇر، بۇ پۈتۈن ئادەملەردە شۇنداق بولىدۇ، ھەتتا بىر ئائىلىدە ئەۋلادلار ئارىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن چەكسىز ھېكمەت بار، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2-ئاتىنىڭ كۆڭلىنىڭ يارىتىلىشى، ئەخلاقى گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان، مەرھەمەتلىك، مېھرىبان كىشىلەرنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان پەرزەنتىگە مايىل بولىشى ئىنكار قىلىنمايدىغان تەبىئىي ئىش، كۆڭلىنىڭ مايىللىقىدا پەرزەنتنىڭ ئوغۇل بولىشى لازىم ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئاتىلار قىز پەرزەنتىگە بەكرەك مايىل بولىدۇ، بەزىلەر ئەكسىچە بولىدۇ.
3-بۇ شەكىلدە كۆڭلىنىڭ مايىللىقىدا ئاتىغا مالامەت قىلىنمايدۇ، لېكىن بۇ مايىللىقىنى باشقا ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەندە قىلىش ئەقىل-پاراسەتتىن ھېسابلانمايدۇ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ، ئەمما پەقەت بىرلا پەرزەنتى بار كىشى ئۆزىنىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزھار قىلسىمۇ بۇنىڭغا ھېچ كىشى مالامەت قىلمايدۇ.
4-نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن، باشقىلارنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان پەرزەنتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۇنىڭغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، پەرزەنت بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ، ھەددىدىن ئاشىدۇ، ياكى ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىق، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشتا باشقىلارغا تايىنىۋېلىش دېگەندەك ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ، شەكسىز بۇنداق پەرزەنت ئۆزىگىمۇ، ئاتىسىغىمۇ ۋە ئائىلىسىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياراملىق پەرزەنت بولمايدۇ.
5-ئائىلىدە ئاتا-ئانا، بولۇپمۇ ئاتا بىر بالىسىغا باشقا بالىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق مۇئامىلىدە بولسا، بۇ نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بۇزۇلۇشقا سەۋەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن:
ئا-باشقا بالىلىرىدا دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنالماسلىق، ئىلگىرىلىيەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
ب-ئۇلاردا جىسمانى ۋە روھى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
ج-ئالاھىدە پەرقلىق قارىغان قىرىندىشىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ ئاخىرىدا ئۇ قىرىندىشىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
ئائىلىدە پەرزەنتلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان ئاتىلار ئائىلىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە چېچىلاڭغۇ بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بىر پەرزەنتىگە ئالاھىدە قاراش بىلەن باشقا پەرزەنتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە ھەسەت پەيدا بولىدۇ، ئېتىبار بېرىلمىگەن پەرزەنتلەر بىرلىشىپ ئالاھىدە قارىغان پەرزەنتنىڭ قارشىسىدا بولىدۇ، بەلكى شۇنداق قىلغان ئاتا-ئانىسىغىمۇ قارشى چىقىدۇ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققان كىشىگە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيىدە بولغانلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزنىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: إِذْ قَالُواْ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَى أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلاَلٍ مُّبِينٍ . اقْتُلُواْ يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُواْ مِن بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىزنىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر دېيىشتى، (ئۇلار) يۇسۇفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر ، دېيىشتى». [سۈرە يۈسۈپ 8-9-ئايەتلەر].
ھەقىقەتتە ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈپتىن باشقا پەرزەنتلىرىگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىغان ئىدى، ئۇلارنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە بولسا پەقەت ئاتىسىنىڭ قەلبىدىكى سۆيگۈنىڭ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا زىيادە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئاتا بىر پەرزەنتىگە باشقىلىرىغا بەرمىگەن بىر نەرسىنى بەرسە، ئاتىسىنىڭ باشقا پەرزەنتلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقىدىن قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار ئىدى؟!.
6-كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋلادلار ئارىسىدا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن: پەرزەنتلىرىگە بىر نەرسە بېرىشتە ئايرىمچىلىق قىلىش، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پاك دىنىدا چەكلەنگەن ھارام ئىشتۇر، بۇنداق ئايرىمچىلىقنىڭ سەلبى تەسىرى ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشقا، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلغان ھەر ئىككىسىگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولماسلىق قاتارلىق ئىشلارغا سەۋەپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرزەنتلىرىگە بىر نەرسە بېرىشتە ئايرىمچىلىق قىلىشنىڭ زۇلۇم ۋە ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
نۇمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: ئاتام مېنى كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئوغلۇم نۇمانغا مېلىمدىن مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەرنى بەرگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولۇپ بەرسىلە؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سەن نۇمانغا مال بەرگەندەك، باشقا پەرزەنتىڭگىمۇ مال بەردىڭمۇ؟، دېۋىدى، ئاتام: ياق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىشقا مەندىن باشقىسىنى شاھىت قىلغىن، دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرزەنتىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا ئوخشاش ياخشىلىق قىلىشى سېنى سۆيۈندۈرەمدۇ؟ دېگەن ئىدى، ئاتام: شۇنداق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا، مەن بۇ ئىشقا گۇۋاھ بولمايمەن، دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 3059 -ھەدىس].
ئاللاھ تائالا پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى بىرىگە بېرىپ قالغانلىرىغا بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئايرىمچىلىقنى كەسكىن چەكلىگەندەك، پەرزەنتلىرىدىن بىرىگە ئايرىم ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىمۇ چەكلىدى، ۋارىسلىرىغا ۋەسىيەت قىلىشنى ھارام قىلدى، مۇشۇ ئەھكاملارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرلىشىشى ۋە بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قائىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈندۇر.
7-ئاتا پەرزەنتلىرىدىن ھېچ بىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، ئۆز قارىشىدا ئەۋلادلىرىدىن بىرىگە ئالاھىدە پەرقلىق قارايدىكەن، ئەگەر ئىنساپ نەزىرى بىلەن قارىغاندا ئۇنىڭدىمۇ يەنى بىر سەلبى سۈپەتلەرنى تاپىدۇ، ئەكسىچە، ئالاھىدە قارىمىغان پەرزەنتلىرىدە نۇرغۇن ئىجابىي سۈپەتلەر بولىدۇ، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئائىلىسىگە ياخشى كۆرەلگۈچى بالىنىڭ سىرتتىن بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئائىلىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئائىلىنىڭ ۋە مېھمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يارىمايدۇ، ئاتا بولغۇچىلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، ئەۋلادلىرىدا گۈزەل سۈپەتلەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇنىڭغا قىزىقتۇرۇشى لازىم، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك، ھەر بىرى ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا يارىتىلغان ئىشقا مۇيەسسەر قىلىنغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمەتنى ياخشى كۆرسە، بەزىسى ئىلىمنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بىرى تىجارەتنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىسىنىڭ تەبىئىتى بەزىسىگە ئوخشىمايدۇ، ئەقىللىق ئاتا بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى تولۇقلايدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىدىكى ئىجابىي سۈپەتنى ماختىسا، باشقىلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى ماختىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا، ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئۇلار ئارىسىدا دۈشمەنلىك ۋە ھەسەت پەيدا بولمايدۇ.
8-مۇشۇ باپتا، ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلىرىدىن خاتالىق سادىر قىلغانلارنى تىللاپ، ئەيىبلەپ، سەنمۇ پالانى قىرىندىشىڭغا ئوخشاش بول دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، بەلكى ئۇ پەرزەنتىگە ئوخشاش ياشتىكى تۇغقانلىرىنىڭ ۋە خوشنىلىرىنىڭ پەرزەنتىنى ئەسلىتىش ياكى مۇئەييەن بىرنى تىلغا ئالماستىن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشى لازىم، ئۇ پەرزەنتى بىلەن ئۇنىڭدىن ياخشى بولغان پەرزەنتنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
9-ئاتىنىڭ ئاتا-ئانىنى قاقشاتقۇچى پەرزەنتى بىلەن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلغۇچى پەرزەنتىنى بىر قاتارغا قويۇشى ئادىللىق ئەمەس، لېكىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلغۇچى پەرزەنتنىڭ باشقا ئارتۇقچىلىقى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ، ئاتا بولغۇچى ئەۋلادلىرىغا تەربىيە قىلىپ ئۇلارغا ئائىلە ئىشلىرىدا ئانىسىغا ياردەم بېرىشنى ۋە قۇرئان ياد قىلىشنى ئۈگەتسە ياخشى بولىدۇ، ئەۋلادلىرىنى بۇ ئىشلاردىن مەھرۇم قىلىش ياكى بىرەر خاتالىق سادىر قىلسا دەرھال جازالاش ياخشى ئەمەس، -بىز بۇ يەردە پەرزەنتلىرىدىن بىرىگە ھەدىيە، سوغات بېرىپ يەنە بىرىگە بەرمەسلىك دېگەن مەسىلىلەردە توختالمايمىز، چۈنكى ئۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى بايان قىلدۇق- بىزنىڭ بۇ يەردە مەقسەت قىلىدىغىنىمىز، ئۇلارنى گۈزەل سۆزلەر بىلەن ماختاش، بەزى نەرسىلەرنى ئارتۇق ئېلىپ بېرىش، مۇمكىن بولسا ياخشى ئىش قىلمىغان بالىسىغا نىسبەتەن ياخشى ئىش قىلغان بالىسى بىلەن دۇرۇس بولغان ئويۇنلارنى ئۇزۇنراق ئويناش قاتارلىقلار، بۇ ئاتىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئادىللىقتۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىسىمۇ ۋە خاتالىق سادىر قىلغۇچىمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىدىغان پەرزەنتىگە زۇلۇم قىلماسلىق كېرەك.
ئاتا پەرزەنتلىرى ئارىسىدىكى گەپ ئاڭلىمايدىغان، گۇناھ سادىر قىلىدىغان پەرزەنتىنى گۇناھغا سەرپ قىلىدىغان ئىقتىسادتىن چەكلىشى، بەلكى ئاتا بولغۇچىغا پەرزەنتىنى ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن چەكلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
شەيخ ئابدۇللاھ جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلۇمغا-ئادىل بولمىغان ئىشقا-شاھىت بولمايمەن» دېدى، بۇنىڭ مەنىسى، ئۇ كىشى پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىگە مايىل بولغان، بۇنى زۇلۇم دەپ ئاتىدى، لېكىن بۇ قانداق ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ دېسە: ئاتا بەكرەك مايىل بولغان بالىسى ياخشى بولۇپ، يەنە بىرى تەلۋە، ناچار بولسا، ئاتا بۇ ناچار ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغانسېرى، بۇ بالىسى ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىغان، ئاسىيلىق قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىدىغان، ئىسلامدىن يۈز ئۆرىيدىغان ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلمايدىغان، زەھەرلىك، چېكىملىك، ھاراق-شاراپ، مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولسا، ئاتا بولغۇچى بۇ بالىسىنى ياخشى ئادەم قىلىشقا قادىر بولالمىسا، بۇنداق ھالەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلمىسىمۇ توغرا بولىدۇ، بەلكى يولدىن چىققان بالىسىغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئامال-چارىلەرنى قىلىش، ئىقتىسادتىن چەكلەش، مەكتەپتىن چەكلەش، نۆۋىتى كەلگەندە قىلمىشىغا كۆرە جازالاش كېرەك بولىدۇ". [شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىيننىڭ دەرىسلىرىدىن 1/ 23 ].
10-بىزنىڭ ئاتىلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئاجىز، مېيىپ، ئالاھىدە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق پەرزەنت بولۇپ قالسا، ئەۋلادلىرىنىڭ تۇيغۇلىرىنى شۇ پەرزەنتكە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك، ئاتا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىماسلىقى لازىم، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا ئاجىز، مېيىپ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈش تۇيغۇسىدىن ھەققىنى بېرىشكە، ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىرى ئارىسىدا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت ۋە ھەسەتنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بولىدۇ.
11-پەرزەنتلەرنىڭ مىجەز-خۇلقى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ھەر قانچە پەرقلىق بولسىمۇ زاھىرى ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش بولسا شەرئى مەجبۇرىيەتتۇر، ئۇلاردىن بىرىنىڭ تويلۇق چېقىمىنى قىلىپ بېرىدىكەن، پەرزەنتلىرىنىڭ قايسى بىرى توي قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭمۇ تويلۇق چېقىمىنى قىلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ، بىرسى ئاغرىپ قالسا داۋالاتقان ئىكەن، باشقا قايسى بىرى ئاغرىپ قالسا ئۇنىمۇ داۋالىتىشى كېرەك بولىدۇ، بىرسىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىكەن، قالغانلىرىنىڭمۇ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك بولىدۇ، كىيىم-كېچەك ۋە خەج-خىراجەتتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھەممىسىگە ئوخشاش بولۇشنى ئەمەس بەلكى ئادىللىق قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز، يەنى ھەر بىرىگە كۇپايە قىلغۇدەك بېرىش، ھەتتا سەلەپ ئالىملىرىنى بەزىسى: ئەۋلادلىرىنى "سۆيۈپ قويغاندىمۇ" ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش كېرەك دەيدۇ.
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە نۇرغۇن پايدىلار بار، ئۇنىڭدىن جۈملىسىدىن: بىر نەرسە بەرگەندە پەرزەنتلەرنىڭ ئارىسىنىڭ باراۋەر قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ياخشىلىقلار ھەتتا سۆيۈپ قويغاندىمۇ قىز بولسۇن-ئوغۇل بولسۇن باراۋەر قىلىشى كېرەك، ئايرىپ قويغۇچىنىڭ كۆڭلىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان بىر نەرسە قالماسلىقى لازىم".[شەرھى سۈننە 8-توم 297-بەت].
ئىبراھىم نەخەئىي مۇنداق دەيدۇ:" سەلەپ ئالىملىرى، ئاتا پەرزەنتلىرى ئارىسىدا (ھەتتا سۆيۈپ قويۇشتىمۇ) ئادىللىق قىلىشنى مۇستەھەپ-ياخشى بولىدۇ دەپ قارايتتى". [مۇسەننىپ ئىبنى ئەبى شەيبە 11-توم 221-بەت].
مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق كۆرگەن بولمايدۇ، يەنى بۇنىڭدىن ھەممىسىگە ئوخشاش تۇيغۇدا يۈزلىنىش دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇ ئىشقا ئاتىمۇ ئىگە بولالمايدۇ، لېكىن زاھىرى ئىشلاردا ئادىللىق قىلىشقا ئىگە بولىدۇ، بۇ خۇددى كۆپ ئاياللىق كىشىنىڭ گەرچە خىراجەت قىلىپ بېرىش، بىرگە قونۇش ۋە كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىش قاتارلىق زاھىرى ئىشلاردا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئادىللىق قىلىشقا تىرىشسىمۇ كۆڭلىدە ئاياللىرىدىن بىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرۈشتىن چەكلەنمىگەنلىكىگە ئوخشاشتۇر.
ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، ئەۋلادلىرىڭىز ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىڭىزگە ياردەم بېرىشىنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.