4,184

رامىزاندا جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىشنى تاڭ يورۇغىچە كىچىكتۈرسە روزا بۇزۇلمايدۇ

سوئال: 14225

ەن رامىزاندا سوھۇرلۇق ۋاقتىدىن بۇرۇن ئىھتىلام بولۇپ قالدىم، غۇسلى قىلىشقا قادىر بولالمىدىم، چۈنكى يۇيۇنسام ئاتا-ئانام مېنىڭ ئىھتىلام بولغانلىقىمنى بىلىپ قالاتتى، بۇ سەۋەبلىك يۇيۇنىشتىن خىجىللىق ھېس قىلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنماي سوھۇرلۇق يىدىم، ئاللاھ كەچۈرسۇن! مەن شۇ كۈنى بامدات نامىزىنى ۋاقىتىدا ئوقۇيالمىدىم، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن قازاسىنى ئوقۇدۇم، مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم، مېنىڭ شۇ كۈندىكى روزام توغرا بولامدۇ؟، مېنىڭ قارىشىمدا مەن جۇنۇپ تۇرۇپ يۇيۇنماي سوھۇرلۇق يەپ تۇتقان روزام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

رامىزاندا ئەر-ئايال بىرگە بولۇپ، جۇنۇپ بولۇپ قالغان بولسا شۇنىڭدەك كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئۇخلاپ ئىھتىلام بولۇپ قالغان كىشىلەريۇيۇنۇشتىن بۇرۇن سوھۇرلۇق يەپ ئاندىن تاڭ يورىغاندا يۇيىنسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. رامىزان روزىسى تاڭ يورىغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەر-ئايالنىڭ بىرگە بولىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشى بىلەن بۇزىلىدۇ. [دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى 10-توم327-بەت].

ئەمما سىزنىڭ نامازنى ۋاقتىدىن كىچىكتۈرۈپ ئوقۇغانلىقىڭىز، توغرا بولماپتۇ، چۈنكى نامازنى ۋاقىتىدا ئادا قىلىش كېرەك، سىزنىڭ يۇيۇنۇشتىن خىجىللىق ھېس قىلىپ نامازنى ۋاقتىدىن كىچىكتۈرگەنلىكىڭىز بۇنىڭغا ئۈزۈر بولالمايدۇ، سىز بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورىشىڭىز لازىم. جانابى ئاللاھ سىز ۋە بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android