بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاللاھ تائالا سەماۋىي دىنلارنى ئۆزى رازى بولۇپ تاللىغان ۋە ئۇنىڭ غەيرىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىسلام دىنى بىلەن تاماملىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر». [سۈرە ئال ئىمران 19 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر». [سۈرە ئال ئىمران 85 -ئايەت].
ئىسلام دىنىغا كېرىشتىن يېنىۋالسىڭىز زىيان تارتقان سىز بولىسىز ۋە ئىسلام دىنىغا كىرشىڭىز بىلەن سىزنى كۈتۈۋاتقان بەخت-سائادەتنى يوقۇتۇپ قويغان بولىسىز.
ئىسلام دىنىغا كېرىشكە ئالدىراڭ، كېچىكىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ، كېچىكىپ قىلىش سىزنى ئاقىۋىتى ماختالمايدىغان بىر ئىشقا ئىلىپ بارىدۇ.
ئەمما سىزنى ئىسلام دىنىغا كېرىشتىن ياندۇرىۋەتكەن سەۋەبنى مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇشى دېدىڭىز، سىز ئالدى بىلەن ئىسلامدىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ ھۆكمىنى ۋە ئۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنغان ھېكمەتنى، ئاخىرقى غايىنى ۋە كۆپ ئاياللىق بولۇشتىن ماختالغان ئىشلارنى بىلىڭ.
بىرىنچى: ئىسلامدا كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ ھۆكمى:
كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدىكى شەرئى دەلىللەر: بۇ توغرىدا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَى فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَى وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلَّا تَعُولُوا تەرجىمىسى: «ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر». [سۈرە نىسا 3-ئايەت.]
بۇ كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئايەت كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدە ئەر كىشى بىردىن تۆتكىچە ئايال بىلەن توي قىلىش دۇرۇس قىلىندى، بىرلا ۋاقىتتا ئەرنىڭ تۆت ئايالى بولسا بولىدۇ، تۆتتىن ئارتۇق ئېلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ بارلىق تەپسىر ئالىملىرى، پىقھى ئالىملىرى ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن ئىختىلاپى مەسىلىدۇر.
كۆپ ئاياللىق بولىدىغان كىشى ئۇنى دۇرۇس قىلىدىغان شەرتلەرنى بىلىشى كېرەك:
بىرىنچى: ئادىل بولۇش: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار». [سۈرە نىسا 3 -ئايەت].
بۇ ئايەت كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بولۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىردىن زىيادە خوتۇن ئالماقچى بولغان كىشى ئاياللىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسە، ئۇ كىشىگە بىردىن زىيادە ئايال بىلەن توي قىلىش چەكلىنىدۇ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئەر كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئادىللىقتىن بولغان مەقسەت: ئاياللىرى ئارىسىدا نەپىقە بېرىش، كېيىم-كېچەك قىلىپ بېرىش، كېچىدە بىر ئۆيدە قونۇش قاتارلىق ئۆزى قادىر بولالايدىغان ۋە كۈچى يېتىدىغان ماددى ئىشلاردا ئوخشاش بولۇش دېمەكتۇر.
ئەمما كۆڭلىنىڭ مايىللىقى ۋە قەلبىدىكى مۇھەببەت ئىشلىرىدا ئۇ كىشىدىن ئادىل بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھەم ئۇ كىشىمۇ قەلب ئىشلىرىدا ئادىللىق قىلالمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَنْ تَسْتَطِيعُوا أَنْ تَعْدِلُوا بَيْنَ النِّسَاءِ وَلَوْ حَرَصْتُمْ تەرجىمىسى: «قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر». [سۈرە نىسا سۈرىسى 129 -ئايەت].
ئىككىنچى: ئاياللىرىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشكە قادىر بولالىشى كېرەك:
بۇ شەرت توغرىسىدا: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّى يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ تەرجىمىسى: «ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن». [سۈرە نۇر 33 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە توي قىلىشقا قادىر بولسىمۇ ئۈزۈر سەۋەبىدىن توي قىلالمايۋاتقانلارنى ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرىدى، توي قىلىشقا قادىر بولالماسلىقنىڭ يوللىرىدىن: تويلۇق بېرىدىغان مېھرى تاپالماسلىق ۋە ئايالىغا خىراجەت قىلىشقا قادىر بولالماسلىق قاتارلىقلاردۇر". [ "ئاياللار ھۆكۈملىرى ھەققىدىكى تەپسىلات" 6 -توم 286 -بەت.]
ئىككىنچى: كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس بولىشىدىكى ھېكمەت:
1-كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى: ئۈممەتنى كۆپەيتىشتۇر. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۈممەتنىڭ كۆپ بولىشى پەقەت كۆپ ئاياللىق بولۇش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، بىرلا خوتۇندىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلارغا كۆرە، كۆپ ئاياللاردىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلارنىڭ سانى زىيادە بولىدۇ.
ئەقىل ئىگىلىرىگە مەلۇمدۇركى، ئىنسانلارنىڭ كۆپ بولىشى ئۈممەتنى كۈچلاندۇرۇشقا سەۋەپ بولىدۇ، ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ بولىشى ئەگەر دۆلەت باشقۇرغۇچىلار ياخشى تەدبىر ئىلىپ، ئەمگەك كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلانسا بۇ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ: ئىنسانلار كۆپ بولۇپ كەتسە زېمىندىن چىقىدىغان تەبىئىي بايلىقلارغا نىسبەتەن خەتەرلىك بولۇپ، زېمىندىن چىققان نەرسىلەر ئۇلارغا كۇپايە قىلمايدۇ دېگەن سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئاللاھ تائالا كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ناھايىتى ھېكمەت بىلەن يولغا قويدى، بەندىلىرىگە رىزىق بېرىشكە كېپىللىك قىلدى، زېمىندا ئۇلارنى بىھاجەت قىلىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنى زىيادىسى بىلەن قىلدى، ئەمما ئۇ بايلىقلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشى بولسا، ئىدارە-جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىشى، ياخشى ئىدارە قىلالماسلىقىدىندۇر، خىتايغا قاراپ باقساق، ئۇ دۇنيادا نۇپۇس سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، بەلكى دۇنيادىكى ئادەم بايلىقى ئەڭ كۆپ دۆلەت دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ چوڭ سانائەت دۆلىتى، قاراپ بېقىڭ! كىم خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ئويلايدۇ ۋە بۇنىڭغا كىم جۈرئەت قىلالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟.
2-سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ئاياللارنىڭ سانىنىڭ ئەرلەردىن كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئەگەر ھەر بىر ئەر بىر ئايال بىلەنلا توي قىلسا، جەمئىيەتتە ئېرى يوق ئاياللار كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايالمۇ ۋە جەمئىيەتمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ:
ئەمما ئايالغا بولىدىغان زىيان: ئايال ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان، تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدىغان، ئۆزىنىڭ نەپىسى شەھۋەتلىرىنى ھارامدىن ساقلايدىغا، پەرزەنت دۇنياغا كەلسە ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان بىر ئەرنى تاپالمايدۇ، بۇ ئاللاھ تائالا رەھىم قىلغان ۋە مۇھاپىزەت قىلغان ئاياللاردىن باشقىلىرىنىڭ يولدىن چېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمما جەمئىيەتكە بولىدىغان زىيان: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇشۇ ئېرى يوق ئولتۇرۇپ قالغان ئاياللار، توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىپ ئازغۇنلۇق رەزىللىك يولىدا مېڭىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پاھىشە ۋە زىناغا چۈشۈپ كېتىدۇ، (ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى بۇنىڭدىن سالامەت قىلسۇن) زىنا-پاھىشە ئىشلار كەڭ تارايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز، سىبلىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان، ئىنسان جىسمىنى تۈگەشتۈرىدىغان داۋاسىز كېسەللەر تارقىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئاتىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان نەسەبىي ئېنىق بولمىغان ئەۋلادلار دۇنياغا كېلىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە مېھرىبانلىق قىلىدىغان كۆيۈمچان، گۈزەل شەكىلدە تەربىيە قىلىدىغان ئەقىللىق بىرىنى تاپالمايدۇ، ئۇلار ھاياتلىققا چىققاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى يەنى زىنادىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر قىلىدۇ، ئۇلارنى توغرا يولدىن چىقىپ كېتىش ۋە زايە بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، كىم بىلىدۇ، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى ۋەيران قىلىدىغان تۇتقا ۋە يولدىن چىققان قاراقچىلارنىڭ كاتتىۋېشى بولۇپ قالامدۇ؟. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە ئەھۋال شۇنداق بولغان.
3-بەزى ھادىسىلەر ئەرلەرنى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئىلىپ بارىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئېغىر خىزمەتلەرنى قىلىدۇ، مەرىكىلەردە ئەسكەر بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ سېپىدە ۋاپات بولىدىغانلارنىڭ سانى ئەلۋەتتە ئاياللار سېپىدە ۋاپات بولىدىغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ، مانا بۇ ئاياللار سېپىدە ئاياللارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەپلىرىدۇر، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
4-بەزى ئەرلەرنىڭ شەھۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئايال كۇپايە قىلمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ يولى تاقىلىپ، سېنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن توي قىلىشىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ دېيىلسە، ئۇ قاتتىق ھەرەج-قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ شەھۋېتىنى ھارام يول بىلەن قاندۇرۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭغا قېتىلىپ، ئايال ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدۇ، بالا تۇغقاندا نىپاس قېنى ئۈزۈلۈپ ساقىيىپ بولغىچە قىرىق كۈن ياتىدۇ، بۇ جەرياندا ئەر ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئايالى بىلەن ھەيز ۋە نىپاس ھالىتىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش شەرىئەتتە ھارامدۇر. تىببى جەھەتتە بولسا زىيانلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر ئاياللىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشقا قادىر بولالىسا ئۇ كىشىگە كۆپ ئاياللىق بولۇش دۇرۇس بولىدۇ.
5-كۆپ ئاياللىق بولۇش پەقەت ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس بەلكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئارىسىدىمۇ تونۇشلۇق ئىشتۇر، بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپ ئاياللىرى بار ئېدى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ توقسان ئايالى بار ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ يەتتە-سەككىزدىن ئايالى بار ئېدى، بەزىسىنىڭ بەش-ئالتە ئايالى بار ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تۆت ئايالنى ئىلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى تالاق قىلىۋېتىشكە بۇيرىغان.
6-بەزى ۋاقىتتا ئايال تۇغماس چىقىدۇ ياكى كېسەل بولۇپ، ئەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئەر پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدۇ، ئەرنىڭ خالىشى يوللۇقتۇر، دۇرۇس بولغان ئەر-ئاياللىق جىنسى مۇناسىۋەت ھاياتىنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلمىسا بولمايدۇ، ئايالنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەنمۇ ئادىللىق، ئىنساپ ۋە ياخشىلىق جەھەتتىن ئايال بولۇپ تۇرۇشقا رازى بولۇپ ئېرىنىڭ ئىككىنچى بىر خوتۇن ئېلىشىغا يول قويىشىدۇر.
7-بەزى ۋاقىتتا ئايال ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولۇپ توي قىلمىغان ياكى ئايرىلىپ كېتىش ياكى ئېرى ۋاپات بولۇش بىلەن تۇل قالغان بولىدۇ، بۇ ئەر ئۇ ئايالغا ياخشىلىق قىلىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىپ، بىرىنچى ئايالى بىلەن بىرگە خوتۇن قىلىشنى توغرا كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنى ئىپپەتلىك قىلىش بىلەن خىراجەت قىلىپ بېرىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ، بۇ ئۇ ئايالغا خىراجەت قىلىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنى يالغۇز قويۇپ قويغاندىن ياخشىدۇر.
8-بۇ يەردە يەنە كۆپ ئاياللىق بولۇشقا چاقرىدىغان شەرئى مەنپەئەتلەر بار: ئىككى ئائىلە ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇش ياكى رەئىس بىلەن ئۇنىڭ جامائەتلىرى ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى بەزى شەخسلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش دېگەندەك، بۇ غەرەز-مەقسەتلەر قۇدا-باجا بولۇش ۋە كۇئوغۇل بولۇش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئاياللىق بولۇش كېرەك بولىدۇ.
بۇ پىكىرگە نارازىلىق:
بەزى ئىنسانلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: كۆپ ئاياللىق بولغان ئائىلىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىر قورۇدا ياشىسا، ئۇلار ئارىسىدا، بىر-بىرىگە مەن-مەنلىك، بەسلىشىش ۋە ئۆز ئارىسىدا پەيدا بولغان ئۆچمەنلىك ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئەر، ئەۋلادلار ۋە باشقىلارغا ئەكىس تەسىر بېرىدۇ، بۇ زىياندۇر، زىيان دائىم بولىدۇ، بۇنى چەكلەشنىڭ بىردىن-بىر يولى كۆپ ئاياللىق بولۇشنى چەكلەشتۇر.
نارازىلىققا رەددىيە بېرىش:
بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ: ئائىلىدە بولىدىغان تالاش-تارتىش بەزىدە بىر ئايال بولغان ئۆيدىمۇ يۈز بېرىدۇ، بەزى كۆپ ئاياللىق ئائىلىلەردە تالاش-تارتىش بولمايدۇ، ئەمەلىيەت بۇنى ئىسپاتلىدى، ئائىلىدە يۈز بەرگەن بۇ تالاش-تارتىشلارنى زەرەر ۋە يامانلىق دەپ قارىغاندىمۇ، كۆپ ئاياللىق بولغاندا، بىر ئايال بىلەن بولۇپ يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش ۋە سۈركىلىشنىڭ كۆپ بولىشىدىن ساقلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئۇ زىيان كۆپ ياخشىلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولىدۇ، ھاياتلىق دېگەن پۈتۈنلەي يامان ياكى پۈتۈنلەي ياخشىلىق بولمايدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغىنى: ياخشىلىقى كۆپ بولغان تەرەپنى يامانلىقى كۆپ بولغان تەرەپتىن غالىپ بىلىپ تاللاشتىن ئىبارەتتۇر. ( بۇ پرىنسىپ كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇلاھىزەلەردىن ئېلىنغان).
ھەر بىر ئايالنىڭ يوللۇق بولغان ئايرىم ياشاش ھەققى بولىدۇ، ئەرنىڭ ئايالىنى ھەممىگە ئورتاق بولغان چوڭ ئائىلىدە ياشاشقا مەجبۇرلىشى توغرا بولمايدۇ.
يەنە بىر نارازىلىق:
سىلەر ئەرلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولىشىنى دۇرۇس دېسەڭلار. نېمە ئۈچۈن ئايالنىڭ كۆپ ئەرلىك بولىشىنى دۇرۇس دېمەيسىلەر؟ ئايالنىڭمۇ بىر ۋاقىتتا بىر قانچە ئەر بىلەن توي قىلىشى ھەققى يوقمۇ؟.
بۇ پىكىرگە رەددىيە:
ئايالغا كۆپ ئەرلىك بولۇش ھەققىنى بېرىشنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ شان-شەرىپى ۋە قەدىر-قىممىتى چۈشىدۇ، بالىسىنىڭ نەسەبى زايە بولىدۇ، چۈنكى ئايال دېگەن نەسەبنىڭ شەكىللىنىش مەنبىيىدۇر، بىر قانچە ئەرنىڭ سۈيىدىن نەسەپ شەكىللەندۈرۈش توغرا بولمايدۇ، نەسەپ شەكىللەندۈرىمەن دېسە، بالىنىڭ نەسەبى زايە بولىدۇ، ئۇنى تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتى يوق بولىدۇ، ئائىلىدە پارچىلىنىدۇ، ئاتىلارنىڭ پەرزەنتلەر بىلەن بولغان رىشتىسى ئۈزىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىسلام دىنىدا توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئايالغا، بالىغا ۋە جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىق ئەمەس". ["ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەردىكى تەپسىلات" 6 -توم 290 -بەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.