شۇنداق، بۇ يەردە بەك مۇھىم بولغان باشلىنىش نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ يۇقىرىدا سورىغان سوئالنىڭ بىردىن- بىر جاۋابىدۇر. ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ زىيادە مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، تور بەتتىكى:" ئىسلامغا كېرىش" ناملىق تېمىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز ۋە بولۇپمۇ (378) بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقىشىڭىز ئۈمىت قىلىنىدۇ.
سىزنىڭ بۇ دىننى چۈشەنگەنلىكىڭىز ۋە بۇ دىنغا كېرىشكە يۈزلەنگەنلىكىڭىزدىن ئىبارەت شانلىق قەدىمىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، خوش كەپسىز، ئاللاھ تائالا سىزنى بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن. ئامىن.