جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا

سۇئال

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن بولغان مەقسەت نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شۇنى بىلىڭكى، (ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزىنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە مۇۋەپپەق قىلسۇن). ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن بولغان مەقسەت: ئۇ ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە خەۋەر بەرگەن ياكى ئۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم بولىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. قىيامەتتىن ئىلگىرى بولىدىغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە، ئۆلۈمگە، ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى سەكراتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەبرىنىڭ پىتنىسى، نېمەتلىرى ۋە ئازابىغا، سۈرنىڭ چېلىنىشى، قەبىردىن ھېساب مەيدانىغا قوزغىلىش، قىيامەت مەيدانىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئەھۋاللار، توپلىنىش ۋە ھېسابنىڭ تەپسىلاتى، جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرى ۋە نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش، دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ئازابلىرى، ئۇنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى ئاللاھ تائالانى كۆرۈشتىن چەكلىنىشتىن ئىبارەت ئىشلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

مۇشۇ ئىشىنىش ئىنسان قەلبىگە ئورۇنلىشىدىكەن، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن كاتتا نەتىجىلەر ھاسىل بولىدۇ:

بىرىنچى: تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلىنىش، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش، قىيامەتتە ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىش.

ئىككىنچى: قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قورققانلىقتىن گۇناھ-مەسىيەتكە رازى بولۇش ۋە ئۇنى قېلىشتىن ئەيمىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى: ئاخىرەتنىڭ نېمەت، ساۋاپلىرىنى ئۈمىت قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نېمەتلەر ئۈچۈن تەسەللى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بىزگە سەمىمى ئىمان ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچ ئاتا قىلىشىنى سورايمىز...ئامىن.

ئەئلام سۈننەتۇل مەنشۇرە 110-بەت، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"ئۈچ ئاساسنىڭ شەرھىسى"98 -103-بەتلىرىگە قارالسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد