بىرىنچى: قۇرئان، ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئىسىملىرى ئوچۇق بايان قىلىندى، قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : مۇھەممەد، ئەھمەد" دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتالدى، سەھىھ ھەدىسلەردە يەنە بىر قانچە ئىسىملەر بايان قىلىندى، ئۇ ئىسىملاردىن: «مېنىڭ بىر قانچە ئىسىملىرىم بار: مەن مۇھەممەد، مەن ئەھمەد، مەن ماھى (ئۆچۈرگۈچى) ئاللاھ تائالا مەن بىلەن زېمىندا كۇپىرنى ئۆچۈرىدۇ، مەن ھاشىر (يىغقۇچى-توپلىغۇچى) قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار مېنىڭ قەدىمىم ئەتراپىغا توپلىنىدۇ، مەن ئاقىب (كېيىن كەلگۈچى) مەندىن كېيىن ھېچ بىر پەيغەمبەر كەلمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 4896 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2354 -ھەدىس].
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئىسمىنى ئاتاپ: مەن مۇھەممەد، مەن ئەھمەد، ئاقىب، ھاشىر، تەۋبە پەيغەمبىرى ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى»دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2355 -ھەدىس].
بەزى ھەدىسلەردە ئىسمىنىڭ سانىنى ئېنىق بېكىتىلگەنلىكى نامايەندە بولغان، مۇھەممەد بىن جۇبەير بىن مۇتئىمدىن بايان قىلىنىدۇكى، جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بەش ئىسمىم بار: مەن مۇھەممەد، مەن ئەھمەد، مەن ماھى(ئۆچۈرگۈچى) ئاللاھ تائالا مەن بىلەن زېمىندا كۇپىرنى ئۆچۈرىدۇ، مەن ھاشىر (يىغقۇچى-توپلىغۇچى) قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار مېنىڭ قەدىمىم ئەتراپىغا توپلىنىدۇ، مەن ئاقىب». [بۇخارى رىۋايىتى 3532 -ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ يەردە ئوچۇق بولغىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېنىڭ بەش ئىسمىم بار دېگەن سۆزىدىن: ماڭا خاس قىلىنغان بۇ ئىسىم بىلەن مەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشى ئاتالمىغان، ئۇلۇغلانمىغان ياكى ئۆتكەنكى ئۇممەتلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولمىغان ئىسىم دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ پەقەت بەش ئىكەنلىكىنى مەقسەت قىلىش ئەمەس.
بەزىلەر: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئىسمىنى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان بەش ئىسىمغىلا قىسقارتىشىدىكى ھېكمەت: بۇ بەش ئىسىم باشقا ئىسىملىرىغا قارىغاندا، مەشھۇر ھەم ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئىسىمدۇر دەيدۇ".
ئىككىنچى: ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى توپلانغان نۇرغۇن كىتابلارنى يازدى، يازغان كىتابلارنىڭ سانى ئون تۆتتىن ئاشىدۇ، يازغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەت ۋە سۈپەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئايرىم باپلارنى كەلتۈردى.
قازى ئىياز : "ئەششىپا بىتەرىيپى ھوقۇقۇل مۇستەپا" ناملىق ئەسىرى 1 -توم 228 -بەتتە: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇ ئىسىملەر ئۆز ئېچىگە ئالغان پەزىلەتلىرى توغرىسىدىكى پەسىل" دەپ كەلتۈرگەندەك، باپ ۋە پەسىللەرنى كەلتۈرگەن".
ئىبنى ئەساكىر"دەمەشىق تارىخى" ناملىق ئەسىرىدىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئۈچۈن ئايرىم بىر باپ كەلتۈردى.
ئەللامە بەكىر ئەبۇ زەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا نۇرغۇن كىتابلار يېزىلدى، "كەشپ زۇنۇن " ۋە" زەيلەيھى"دا ئون تۆت كىتابنى ئاتىدى، بۇ يەمەنلىك شەيخ ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ھۇبشىنىڭ"مۆجەمىل مەۋزۇئاتىل مەترۇقەتى پى تەئلىيپىل ئىسلامى" ناملىق كىتابىنىڭ 435-436 -بەتلىرىدە بايان قىلىنغان، ئۇلار: ئىبنى دىھيە، قۇرتۇبىي، رىسا، ساخاۋىي، سۇيۇتىي، ئىبنى پارىس ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت .
بۇنىڭدىن باشقا سىيرەت كىتابلىرى، پەيغەمبەرلىك خۇسۇسىيەت بايان قىلىنغان كىتابلار ۋە ھەدىسلەرنىڭ شەرھىسى يېزىلغان كىتابلاردىنمۇ كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك. "ئارىزەتىل ئەھۋەزى" ناملىق كىتابنىڭ 10 -توم 281 -بەتتىمۇ بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا يېزىلغان : "ئەررىيازۇل ئەنىيقە پى شەرھى ئەسمائۇ خەيرىل خەلىيقە"ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنغان. "ئەل مۇجەمۇل مەناھى" 10 -توم 281 -بەت.
ئۈچىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى دەپ سانالغان نۇرغۇن ئىسىملەر توغرىسىدا ئۆلىمالار: بۇ ئىسىملەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بۇ ئىختىلاپ ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىنىڭ سانىنى بېكىتىشتىمۇ ئىختىلاپقا ئېلىپ باردى.
ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى: بەزى ئۆلىمالار: قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈپەتلەنگەن ھەر قانداق بىر سۈپەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى دەپ قارىغان. مەسىلەن: "ئەششاھىد، ئەلمۇبەششىر، ئەننەزىير، ئەددائىي، ئەسسىراجىل مۇنىير" قاتارلىقلار، بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى دەلىل قىلغان: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا . وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُنِيرًا تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق». [سۈرە ئەھزاپ 45-46 -ئايەت].
يەنە بەزى ئۆلىمالار: قۇرئاندا بايان قىلىنغانلىرى سۈپەتتىن ئىبارەت، رەسمى ئىسىم ئەمەس دەيدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان بەزى سۈپەتلەرنىمۇ مۇتلەق ئىسىم دەپ ئاتاش مەجاز (سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى ئىشلەتمەسلىك) قاتارىدىندۇر" . [تەھزىيب ئەسما ۋە لۇغەت 1 -توم 49 -بەت].
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇ ئىسىملارنىڭ كۆپ قىسمى سۈپەتتىن ئىبارەتتۇر" . [تەنۋېيرىل ھەۋالىك 1 -توم 727 -بەت].
ئەللامە بەكىر ئەبۇ زەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاش توقسان توققۇز ئىسىم قىلدى، ئۇنىڭدىن يەتمىش ئىسىمنى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن قىلدى، "جەزۇلى" ئۇنىڭدىن "دەلائىلۇل خەيرات" ناملىق ئەسىرىدە ئىككى يۈز ئىسىم قىلدى، بۇ ئىسىملەرنى "ئىبنى دىھيە" ئۆزىنىڭ "ئەل مۇستەۋپا پى ئەسمائىل مۇستەپا" ناملىق ئەسىرىدە ئۈچ يۈزگە يەتكۈزدى. بەزى سوپىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىنى مىڭغا يەتكۈزۈپ: ئاللاھنىڭ مىڭ ئىسمى بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ مىڭ ئىسمى بار دېدى". "[ئەل مۇجەمۇل مەناھى" 361 -بەت].
بۇنىڭغا دېيىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىنىڭ سانىنى بۇ قەدەر كۆپەيتىۋېتىشتە بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش بار، ئەڭ توغرىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى بۇنىڭدىن بەك ئاز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرى بېكىتىلگەن تۇرۇقلۇق، قۇرئان-ھەدىستە سۈپەتلەنگەن سۈپەتلىرىنى ئېنىق ئىسىم دەپ ئېتىبارغا ئېلىش توغرا بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن ئىسىملەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىغا زىيادە قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئەللامە بەكىر ئەبۇ زەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دەلىللەردە بايان قىلىنغان ئەسلى ئىسىم بەك ئاز، ئەمما سۈپەتلەر بولسا بەك كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھېچ ئەسلى يوق، سەل قاراش ۋە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشلىتىلمەيدۇ، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئۇچۇرنى ئىپادەيلىدىغان ئايەت-ھەدىسلەردە ئەسلى بولمىغان ئىسىم سۈپەتلەرنى ئىشلىتىشتىن بەك چەكلىنىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە بايان قىلىشنى خالايدىغىنىمىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن دەلىل كەلمىگەن ئىسىم-سۈپەتلەرنى مۇتلەق ئىشلىتىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ تۈردىكى ئىسىملەر بەك كۆپ، بۇنىڭ ئورنى تەرىقەت كىتابلىرى، كۈندىلىك ۋەزىپىلەر ۋە بىدئەت زىكىرلار بولغان ئەسەرلەردە بولىدۇ مەسىلەن : جەزۇلىنىڭ" دەلائىلۇل خەيرات"، ئۇ كىتابتا مۇنداق ئىسىملەر بار: «أحيد . وحيد . منح . مدعو . غوث . غياث . مقيل العثرات . صفوح عن الزلات . خازن علم الله . بحر أنوارك . معدن أسرارك . مؤتي الرحمة . نور الأنوار . السبب في كل موجود . حاء الرحمة . ميم الملك . دال الدوام . قطب الجلالة . السر الجامع . الحجاب الأعظم . آية الله . ئەھىيد، ۋەھىيد، مەنھۇ، مەدئۇ، غەۋس، غىياس، مۇقىيلىل ئەسىرات، سەپۇھۇن ئەنىززىللات، خازىنۇ ئىلمۇللاھى، بەھر ئەنۋارىك، مەئدەن ئەسرارىك، مۇئتىي رەھمە، نۇرۇل ئەنۋار، ئەسسەبەبۇ كۇللۇ مەۋجۇد، ھائۇ رەھمە، مىيمۇن مەلەك، دالۇن داۋام، قۇتۇبۇل جەلالە، ئەسسىررۇل جامى، ئەل ھىجابۇل ئەئزەم ۋە ئايەتۇللاھ قاتارلىقلار. »
مۇشۇ ئىسىملاردىن توقسان توققۇز ئىسىم قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى مۇقاۋىغا بېسىلغان، ئاۋۋالقى مۇقاۋىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ توقسان توققۇز ئىسىمى بېسىلغان، بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھىندىستان باسمىسىدا بار. ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ قۇرئان كەرىمنى بۇ ئىسىملاردىن خالى قىلىش توغرىسىدا كۆپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە خالى قىلدى، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى مۇكاپاتلىسۇن . بۇ ئىسىملار يەنە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تامغا يېزىلغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى قۇرئان، ھەدىستە دەلىل بولمىغان بۇ ئىسىملەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنىڭ تاملىرىدىن خالى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي. ئاللاھ بۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچىدۇر.
بۇنىڭدىن كېيىن ئەك ئېسىل بىر سۆز ئۈستىدە توختالدىم-ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن-بۇ لۇغەت ئالىمى ئەللامە ئىبنى تەييىب پاسىنىڭ ئىبنى ئەجدەبىنىڭ" شەرھى كىپايەتۇل مۇتھەپىز" ناملىق كىتابىغا يازغان: "ئەلخاتىر ئەلەلخاتىر"ناملىق ئەسىرىنىڭ 51 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: " كىپايەتۇل مۇتھەپىز" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلىگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغلاش بىلەن سۈپەتلەپ، ئەڭ يۇقىرى ئەدەپتە يول تۇتتى، چۈنكى ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا سۈپەتلىگەندەك سۈپەتلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشكە رازى بولمايتتى، بۇنىڭدا سۈپەتلىگۈچىنى يېڭى سۈپەت كەلتۈرۈپ سۈپەتلەشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بار، بۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى مەدھىيلەشتە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ماشايىخلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرى بىر يېڭى سۈپەت كەشىپ قىلىپ ئەمەس بەلكى قۇرئان، ھەدىستىن ئىبارەت پاك شەرىئەتتە كەلگەن بويىنچىمۇ زىكىر قىلالمايدىغانلىقىنى تاپىسىز". "ئەل مۇجەمۇل مەناھىل لەپزىيە" 362 - 363 -بەتلەر.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.