بوۋاق تۇغۇلغاندا تاتلىق، تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 134163

بوۋاق تۇغۇلغاندا تاتلىق، تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بوۋاق تۇغۇلغاندا خوشاللىق ۋە خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلسا ۋە تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقاتسا بولىدۇ، بۇ مۇسۇلمانلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا بۇرۇندىن تارقالغان ئادەتتۇر، بۇ كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئەمەس.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن بىر ئايال: "بىزنىڭ ئادىتىمىزدە بوۋاق تۇغۇلۇپ مېڭىشنى باشلىغاندا، مۇشۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن خوشنىلار چاقىرىلىدۇ، بۇ ئادەت بولمىغان مۇناسىۋەت دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەتتە بوۋاقنىڭ ئانىسى خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىقنى ئىزھار قىلىپ، ئۇنىڭ مېڭىشىدىن ياخشى بىشارەت ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىدىن تاتلىق-تۈرۈملەرنى چاچىدۇ، بۇ شەكىلدىكى مۇراسىملار شۇنىڭدەك پەرزەنتلەر مەكتەپتە ئۇتۇق قازانغاندا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بۇنداق پائالىيەتلەر ئەگەر ھارام ئىشلار ۋە خاتا ئېتىقادنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا، بۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىنسان تەبىئىتى خالايدىغان تەبىئىي ئىشلاردىن بولۇپ، مەن بۇنى خاتا دەپ قارىمايمەن". ["پەتىۋا سۇلاسىيە"].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android