3

ئىسلامدا يىمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرى

سوئال: 13348

ئىسلامدىكى يىمەك-ئېچمەك ئەدەپلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىسلامدىكى يىمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە جاۋاپ:

يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيۇش، ئۆزىنى مېھمان قىلغان كىشى يېمەكلىكىنى ئەكەلگەندە، يىمەككە ئالدىراش ۋە يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېيىش، يىمەكتىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، قولى بىلەن يېگەندە ئۈچ بارمىقى بىلەن يېيىش، دەستۇرخانغا چۈشۈپ كەتكەن لوقمىنىمۇ يېيىش، زۆرۈر بولمىسا يىمەك يەۋاتقاندا تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق، يىمەكنى سۆكمەسلىك، يىمەكنى نورمال يېيىش، قوساقنى لىق توشقۇزىۋەتمەسلىك، ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا يىمەك يېيىشتىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا يىمەك يېيىش ھارام بولىدۇ، يىمەكنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش كېرەك.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

يىمەك يېيىشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ئەدەپلىرى تۆۋەندىكى تۈرلەردە بولىدۇ:

  -يىمەكتىن ئىلگىركى ئەدەپ.

يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيۇش: ئىككى قولى بىلەن يىمەك يېيىش ۋە قولىنىڭ پاكىزە بولىشى، قولىدا كىر-قاسماق بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيىنى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيۇش كېرەك.

-يېمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن: ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغان بولسا، يەيدىغان يېمەكلىكنى بىلمىسە، كەلتۈرىلىدىغان يېمەكلىكتىن كۆڭلى خاتىرجەم بولالمىسا، ئۆي ئېگىسىدىن يىمەكنىڭ تۇرىنى سوراش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەكىلىدىغان يىمەكلىكنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆزىنى بىلمىگۈچە يىمەيتتى، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، (مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خالىدنىڭ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاممىسى ئېدى)، ئۇ ئانىمىزنىڭ ئۆيىدە قاقلاپ پىشۇرۇلغان كىلە كاۋىپى بار ئېدى، ئۇنى مەيمۇنە ئانىمىزنىڭ ھەمشىرىسى ھەپىدە بىنت ھارىس نەجدىدىن ئېلىپ كەلگەن ئېدى، بۇ كېلە كاۋىپىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىمەكلىك كەلتۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ نېمىلەردىن تەييار قىلىنغانلىقى ۋە بۇ يىمەكنىڭ ئىسمىنى سۆزلەپ بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلەگە قولىنى ئۇزاتقان ئېدى، ئۆيدە بار بولغان ئاياللاردىن بىرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا قويۇلغىنى كېلە كاۋىپى دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى تارتتى، بۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىيد: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كېلە گۆشى ھاراممۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق! ھارام ئەمەس، لېكىن بۇ مېنىڭ قەۋمىمنىڭ زېمىنىدا بولمىغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى يېيىشنى خالىمىدىم» دېدى، خالىد مۇنداق دەيدۇ: مەن كېلەنى ئالدىمغا تارتىپ يېيىشكە باشلىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى. [بۇخارى رىۋايىتى5391-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1946-ھەدىس].

ئىبنى تىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن يىمەكتىن سورايتتى، چۈنكى ئەرەپلەرنىڭ يېمەك تۈرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن يىمەكلىكتىن ھېچ نەرسىنى ئۆچ كۆرمەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى يىمەكلىكلەرنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن سورايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سورىغانلىقى بەلكىم شەرىئەتتە بەزى ھايۋانلارنى يېيىشنىڭ ھارام بولغانلىقى ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئۇلار يېمەكلىكتىن ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتى، كاۋاپ قىلغان ياكى پىشۇرۇلغان نەرسىلەر كەلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭدىن سوراش ئارقىلىق ئايرىغىلى بولاتتى". ["پەتھۇلبارى" 9-توم 534-بەت].

ئۆزىنى مېھمان قىلغان كىشى يېمەكلىكىنى ئەكەلگەندە، يىمەككە ئالدىراش، مېھماننىڭ ھۆرمىتىدىن ئۇنىڭغا يىمەكلىكنى تىزدىن كەلتۈرۈش، ساھىپخاننىڭ ھۆرمىتىدىن ئەكەلگەن يىمەكلىكنى تەخىر قىلماي دەرھال يېيىشتۇر، ئەگەر مېھمان ئەكەلگەن يىمەكلىكنى يىمەي ئولتۇرسا ساھىپخان نېمە بولغاندۇ دەپ خاتا چۈشىنىش كېلىپ چېقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھىپخاننىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن كەلتۈرگەن يىمەكلىكنى يىيىشكە ئالدىراش كېرەك.

يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش، يىمەكتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش بەزى قاراشتا ۋاجىپ بولىدۇ، بىسمىللاھنى يىمەكنىڭ بېشىدا دەيدۇ، ئۇممۇ كۈلسۈم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەك يىمەكچى بولسا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ باشلىسۇن، ئەگەر دەسلەپتە بىسمىللاھ دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، يادىغا يەتكەندە: ئەۋۋەلدە ۋە ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى1858-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3767-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3264-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3202- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئۆمەر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوجۇرلىرىدا ياشايدىغان كېچىك بالا ئېدىم، يىمەك كەلگەندە، قولام قاچىنىڭ ھەممە تەرىپىنى سىلاشتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىغىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى3576-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 2022-ھەدىس].

   -يىمەك يېيىش جەريانىدىكى ئەدەپ.

ئوڭ قولى بىلەن يېيىش، مۇسۇلمانغا يىمەكنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىش ۋاجىپ بولىدۇ، سول قولى بىلەن يېيىش توغرا بولمايدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار سول قولى بىلەن بىر نەرسە يىمىسۇن ۋە بىر نەرسە ئېچمىسۇن، ھەقىقەتەن شەيتان سول قولى بىلەن يەيدۇ ۋە ئېچىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى2020-ھەدىس].

بۇ شۇ كىشىنىڭ ھېچ ئۈزۈرسى بولمىغاندا شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ئوڭ قولى بىلەن يېيىش ۋە ئېچىشتىن چەكلەپ قويىدىغان كېسەللىك، جاراھەت ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزۈرلەر بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا سول قولى بىلەن يەپ-ئېچسىمۇ بولىدۇ.

ھەدىس ئىنساننى شەيتاننىڭ قىلمىشىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئىشارەت قىلىدۇ.

يېمەكنى ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش: ئىنسان لېگەن، تەخسىلەردە كىشىلەر بىلەن بىرگە يىمەك يېگەندە، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يىمەككە ياكى يىمەك ئوتتۇرىغا قولىنى سوزماسلىق كېرەك. ئۆمەر ئىبنى سەلەمەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىغىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى3576-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2022-ھەدىس].

چۈنكى ئىنسان باشقىلار بىلەن بىرگە يىمەك يېگەندە، ھەمراھىنىڭ ئالدىدىن يېسە، ئۆزىنىڭ ئېسىللىقىنى يوقىتىدۇ، باشقىلار بىلەن ياخشى ئارىلاشقان بولمايدۇ، بولۇپمۇ شورپا، قورداق دېگەندەك يىمەكلەر بولۇپ قالسا، ھەمراھى ئۇ كىشى قول ئۇزاتقان يەردىن يېمەسلىكى مۇمكىن. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەرىكەت يىمەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشىدۇ، يىمەكنىڭ قاچىنىڭ ئەتراپىدىن يەڭلار، ئوتتۇرىدىن يىمەڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى1805-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3277-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 829-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

لېكىن يىمەكلىك سۇيۇق يېمەك بولماستىن خورما ياكى باشقا مېۋىلەر بولۇپ قالسا، قايسى تەرەپتىن ئىلىپ يېسە دۇرۇس بولىدىغانلىقى نەقىل قىلىنغان.

يېمەك يەپ بولغاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇش: يېمەكتىن قولنى يۇيۇش بىلەن سۈننەت ھاسىل بولىدۇ، ئىبنى رۇسلان مۇنداق دەيدۇ: " يېمەكتىن قولىنى سوپۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن يۇيۇش ياخشى بولىدۇ". ["تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" 5-توم 485-بەت].

يېمەكتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولىنى يۇيۇش مۇستەھەپ بولىدۇ، گەرچە تاھارەت بىلەن بولسىمۇ يۇيىۋېتىش كېرەك.

يېمەكتىن كېيىن ئېغىزىنى چايقىۋېتىش: يېمەكتىن كېيىن ئېغىزىنى چايقىۋېتىشمۇ مۇستەھەپتۇر. بۇ توغرىدا بەشىير ئىبنى يەسار سۇۋەيد ئىبنى نۇماندىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق خەۋەر بەرگەن: «ئۇلار يەنى ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەيبەردىن قايتىپ سەھبا دېگەن جايغا كەلگەندە ناماز ۋاقتى بولۇپ قالدى، يېمەكمۇ ھازىر بولغان بولۇپ، ئۇلار ئارىلاشتۇرۇلغان تالقان يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يېدى، ئاندىن سۇ كەلتۈرۈشنى بۇيرۇپ ئېغىزىنى چايقىۋەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى، بىزمۇ بىرگە ناماز ئوقۇدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالمىدى» [بۇخارى رىۋايىتى5390-ھەدىس].

مېھمان قىلغان كىشىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئەد ئىبنى ئۇبادىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، سەئىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نان بىلەن ماي كەلتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يېدى ئاندىن مۇنداق دۇئا قىلدى: «سىلەرنىڭ ئۆيدە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، ياخشى كىشىلەر يېمەكلىرىڭلارنى يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تېلىدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3854-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"3263-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].

قولىدا يەيدىغان يېمەكلىك بولسا ئۇنى ئۈچ بارماق بىلەن يېيىش سۈننەت بولىدۇ، قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ بارماقتىن كۆپ بارماق بىلەن يېسە، ئاچكۆزلۈك ۋە ئەدەپسىزلىكتىن بولىدۇ، چۈنكى ئۈچ بارماق بىلەن يېمەكنى تۇتۇپ يېگىلى بولغاندىن كېيىن، باشقا بارماقلىرى بىلەن يېمەك كۆپ ئېلىپ يېيىشكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، ئەمما يىمەكلىك ئۈچ بارماق بىلەن ئالغىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە بارماقلىرى بىلەن يېسىمۇ بولىدۇ". ["پەتھۇل بارى"9-توم578-بەت].

يېمەكنى قولى بىلسە مۇشۇنداق يەيدۇ، ئەگەر قوشۇق ياكى باشقا نەرسە بىلەن يېسىمۇ بولىدۇ.

دەستۇرخانغا چۈشۈپ كەتكەن يېمەكنىمۇ يېۋېتىش: يىمەك چۈشۈپ كەتسە ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ بەرمەسلىك ئۈچۈن پۈدىۋېتىپ ياكى سۈرتىۋېتىپ يېيىش كېرەك، چۈنكى ئىنسان يېمەكتىكى بەرىكەتنىڭ يېمەكنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بەلكى بەرىكەت چۈشۈپ كەتكەن مۇشۇ يېمەكتە بولىشى مۇمكىن، ئۇنى تاشلاپ قويۇش بىلەن ئىنسان يېمەكنىڭ بەرىكىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېمەك يېگەندە، ئۈچ بارمىقىنى يالىۋېتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سىلەردىن بىرىڭلار يېمىكى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى سۈرتىۋېتىپ ياكى پۈدىۋېتىپ يىسۇن، شەيتانغا تاشلاپ قويمىسۇن، سىلەرنىڭ بەرىكەتنىڭ يېمەكنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر». بىز قاچىنى يالىۋېتىشكە بۇيرىلاتتۇق.

يېمەك يېيىش جەريانىدا بىر نەرسىگە يۆلىنىۋالماسلىق كېرەك: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تۇرغان ھالەتتە يېمەك يېمەيمەن». [بۇخارى رىۋايىتى5399-ھەدىس].

يۆلىنىشنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولدى. بەزىلەر: ھەر قانداق ھالەتتە ئولتۇرۇپ يېيىش كېرەك دېسە، يەنە بەزىلەر: بىر تەرىپىگە سىڭايان بولۇپ يېيىش دەيدۇ، بەزىلەر: سول قولىنى زېمىنغا تېرەپ ئولتۇرۇش دېدى، ئىبنى سەئىيد زەئىپ ئىسناد بىلەن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يېمەك يېگەندە ئىنساننىڭ سول قولىنى زېمىنغا تېرەپ ئولتۇرۇشدىن قاتتىق چەكلىدى». ئىمام مالىك: بۇمۇ يۆلىنىۋېلىشنىڭ بىر تۈرى دېدى.

مەن دەيمەنكى: بۇ سۆز ئىمام مالىكنىڭ:  قانداق شەكىلدە بولسۇن يۆلىنىپ يېيىش مەكرۇھ بولىدۇ، بۇ مەلۇم بىر سۈپەتكە خاس بولماي دېگەنگە ئىشارەت بولىدۇ". ["پەتھۇلبارى" 9-توم 541-بەت].

زۆرۈر بولمىسا يىمەك يەۋاتقاندا تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق كېرەك.

يېمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن: كىشىلەر بىلەن بىرگە يېگەندە، يېمەك ئارىسىدا سۆز قىلىش چەكلەنمەيدۇ، كېچىك بالىلىرىغا يېمەك يېدۇرۇپ قويۇش، ئايالىنىڭ ئېغىزىغا يېمەك سېلىپ قويۇش، كېسەل ئىشى دېگەندەك ئايرىم يېمەك بولمىغان ئەھۋالدا، يېمەكنىڭ ۋە گۆشنىڭ ياخشىسىنى، ناننىڭ يۇمشىقىنى ئۆزىگە ئايرىۋالماسلىق كېرەك، مېھمان يېمەكتىن قولىنى يىغسا، ساھىپخان مېھماننىڭ كۇپايە قىلمىغانلىقىنى بىلسە: ئۇنى ئالسىلا، يېسىلە دەپ تەكرار يېمەككە تەكلىپ قىلىشى كېرەك، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەكلىپ قىلماسلىق، چېشلىرىنى كولاپ چېشىنىڭ ئارىسىدىن چىققان نەرسىنى يۇتىۋەتمەستىن بەلكى تاشلىۋېتىشى كېرەك.

   -يىمەك يەپ بولغاندىن كېيىنكى ئەدەپ.

ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىنچە يېمەك يەپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىپ دۇئا قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېمەكنى يەپ بولغاندا: «بارلىق ھەمدۇ-سەنا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ تائالا يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا مۇھتاجمىز دەپ دۇئا قىلاتتى» [بۇخارى رىۋايىتى5458-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈتتىن باشقا يېمەك يېگەندە: «ئى ئاللاھ! بۇ يېمەكتە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسىلا، بىزگە بۇنىڭدىن ياخشى يېمەك ئاتا قىلسا» دەيتتى، سۈت ئېچكەندە: « ئى ئاللاھ! بۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسىلا، بىزگە بۇنى زىيادە قىلىپ بەرسىلە» دەيتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى3377-ھەدىس]. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 381-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە يېمەك ئاتا قىلسا، ئۇ كىشى: «ئى ئاللاھ! بۇ يېمەكتە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسىلا، بىزگە بۇنىڭدىن ياخشى يېمەك ئاتا قىلسا دېسۇن. ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى سۈت بىلەن سۇغارسا، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھ! بۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسىلا، بىزگە بۇنى زىيادە قىلىپ بەرسىلە دېسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى3455-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2749-نومۇرلۇق ھەدىس].

   يىمەك يېيىشتىكى ئومۇمى ئەدەپ.

يىمەكنى سۆكمەسلىك ۋە ئەيىپ قويماسلىق: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزەلدىنلا تاماققا ئەيىپ قويمايتتى، كۆڭلى تارتسا يەيتتى، كۆڭلى تارتمىسا يېمەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 3370-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2046-ھەدىس].

بۇ يەردىكى تاماقتىن دۇرۇس-ھالال تاماق مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ھارام يېمەك بولسا: ئۇنى ئەيىپلەيدۇ، سۆكىدۇ ۋە ئۇنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاماقنىڭ تەكىتلەنگەن ئەدەپلىرىدىن تاماقنى ھەرگىز ئەيىپلىمەسلىك. مەسىلەن: تۇزلۇق، ئاچچىق، تۇزى يوق، قوياق، سۇيۇق، خام دېگەنگە ئوخشاش بولاپ قالسىمۇ ئەيىپلىمەسلىك لازىم. ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ گۈزەل ئەدەپلەردىن: بىرىنىڭ كۆڭلى تارتمىسا، يەنە بىرىنىڭ كۆڭلى تارتىدۇ، شەرىئەت تەرەپتىن يېيىشكە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيىپ بولمايدۇ". ["مۇسلىم شەرھىسى" 14-توم 26-بەت].

يېمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن: يىمەكنى نورمال يېيىش، قوساقنى بەك توشقۇزىۋەتمەسلىك: ئەڭ بولمىغاندا قوساقنىڭ ئۈچكە ئايرىپ، ئۈچتىن بىرىنى تاماققا، ئۈچتىن بىرىنى ئېچىملىككە ۋە يەنە ئۈچتىن بىرىنى نەپەس ئېلىشقا قالدۇرۇش كېرەك. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادى قوساقتىنمۇ يامانراق بىر قاچىنى توشقازمىدى، ئادەم ئەۋلادىغا سۈلبىنى تۇرغۇزغىدەك تاماق كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر بەك يېگىسى كەلسە، ئۈچتىن بىرىنى تاماققا، ئۈچتىن بىرىنى ئېچىملىككە ۋە يەنە ئۈچتىن بىرىنى نەپەس ئېلىشقا قالدۇرۇش كېرەك» [تىرمىزى رىۋايىتى2380-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3349-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1939-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

تاماقنى نورمال يېگەندە بەدەن يەڭگىل بولىدۇ، قوساق بەك تويۇپ كەتسە، بەدەن ئېغىرلىشىپ قالىدۇ، بۇ ئىبادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتكە ھورۇنلۇقنى پەيدا قىلىدۇ، ئازراق يەپ قوساقنىڭ تويغانلىقنى ھېس قىلىش ياخشى بولىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 25-توم 332-بەت].

ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا يىمەك يېيىشتىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا يىمەك يېيىش ھارامدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قېلىن، نىپىز يىپەك كىيىملەرنى كىيمەڭلار، ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا بىرنەرسە ئىچمەڭلار، ئالتۇن لىگەن-تەخسىلەردە بىر نەرسە يېمەڭلار، بۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلار ئۈچۈندۇر، ئاخىرەتتە بىز ئۈچۈندۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 5426-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2067-ھەدىس].

يىمەكنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش كېرەك. بۇنىڭ كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار، بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا يىمەك يەپ بولۇپ ئۆزىنى ماختىغان ۋە ئېچىملىك ئېچىپ بولۇپ ئۆزىنى ماختىغان بەندىسىدىن رازى بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 2734-ھەدىس].

   يېمەك يەپ بولغاندىن كېيىن دەيدىغان ھەمدە-سانانىڭ شەكلى:

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر شەكىلدە بايان قىلىنغان، ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېمەكنى يەپ بولۇپ دەستۇرخاننى ئالىدىغاندا: «بارلىق ھەمدۇ-سەنا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ تائالا يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا مۇھتاجمىز دەپ دۇئا قىلاتتى» [بۇخارى رىۋايىتى 5458-ھەدىس].

مۇئاز ئىبنى ئەنەس ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى يېمەك يەپ بولۇپ ئاندىن بارلىق ھەمدۇ-سەنا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئۇ ماڭا بۇ تاماقنى مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز رىزىق قىلىپ بەردى، ئۇ كىشىنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى3458-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3285-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"3348-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسە يېسە ياكى ئېچسە مۇنداق دەيتتى: «بىزگە يېمەك بەرگەن، ئېچىملىك بەرگەن، ئۇنى سىڭدۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن چېقىش ئورنى قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدە سانالار بولسۇن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3851-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

ئابدۇراھمان ئىبنى جۇبەيرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەككىز خىزمەت قىلغان بىر كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ كىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىغا يېمەكلىكنى قويسا مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئېكەن: «ئى ئاللاھ! تاماق بەردىڭ، ئېچىملىك بەردىڭ، ھىدايەت ئاتا قىلدىڭ، ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭ، سېنىڭ ئاتا قىلغان نەرسىلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا چەكسىز ھەمدە سانالار بولسۇن» ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى16159-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 111-بەتتە كەلتۈرگەن].

پائىدە: يېمەكتىن ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ھەمدۇ- سەنا شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى كەلتۈرۈش مۇستەھەپ بولىدۇ. بىر قېتىمدا بىرىنى دەيدۇ، يەنە بىر قېتىمدا يەنە بىرىنى دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە تۇتقىلى بولىدۇ، بۇ دۇئالارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ، بىر قېتىم بىرنى يەنە بىر قېتىم يەنە بىرىنى دېيىش ئارقىلىق بۇ لەۋزىلەرنىڭ مەنىلىرى كۆڭلىگە ئورنىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى مەلۇم بىر زىكىر-دۇئانى كۆپ تەكرارلاپ ئادەت قىلىۋېلىش بىلەن ئۇنىڭ مەنىسىنى كۆڭلىگە كەلتۈرىشى ئاز بولۇپ قالىدۇ". [شەلھۇبنىڭ"ئەدەپ" ناملىق ئەسىرى 155-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android