4

قەبرىستانلىققا سېلىنغان بىنادا ناماز ئادا قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 132415

قەبرىستانلىققا سېلىنغان بىنانىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدە كىشىلەر ناماز ئادا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە ئادا قىلغان نامىزى توغرا بولامدۇ ۋە ئۇ يەردە ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەگەر بىنا ئايرىم بولسا، ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇندا قەبرە بولمىسا نامازنى بىرىنچى ياكى ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قەۋەتتە ئادا قىلسۇن ھېچگەپ يوق ئادا قىلىنغان ناماز توغرا بولىدۇ، ئەمما قەبرە بىرىنچى قەۋەتتە بولسا، قەبرە بولغان قەۋەتتە ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، قەبرىنىڭ يېنىدا ۋە قەبرىنىڭ ئارىسىدا ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلىرىنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالاتتى، دىققەت قىلىڭلار! قەبىرىستانلىقنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا لەنەت قىلدى».

بىنانىڭ ئەتراپىدا قەبرە بولسا، زېمىن قەبرە بولمىغان ساغلام زېمىن بولسا، (يەنى بىنا سېلىنغان زېمىن) لېكىن بىنانىڭ ئەتراپىدا، ئالدىدا ياكى كەينىدە ياكى ئوڭ تەرىپىدە ياكى سول تەرىپىدە قەبرە بولسا زېمىن ئەسلىدىنلا قەبرە بولمىغان ساغلام زېمىن بولسا بۇنىڭ زېيىنى يوق.

ئەمما زېمىن قەبىرىستانلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ بۇ يەرنى ئىزنىسىز ئىلىۋېلىپ مەسچىت قىلغان بولسا، بۇ يەردە ناماز ئادا قىلىش ۋە بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەتتىمۇ ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ زېمىن قەبرىستانلىقنىڭ ھەققى ۋە ئىزنىسىز ئىگىلىۋېلىنغان، ئۇ يەردە ياشاش ۋە ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى بىنانى قەبرىستانلىقتىن يوق قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ قەبرىستانلىققا قېلىنغان زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىكتۇر".

[ھۆرمەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمە ھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 2-توم 1143 ].

مەرجەلەر

مەنبە

(پەتىۋا نۇرۇن ئەلەددەرب )

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android