كېچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۇنى چوڭ گۇناھقا ئىلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 130711

ئىسلامدا ئىككى تۈرلۈك گۇناھ بار، بىرى چوڭ گۇناھ، يەنە بىرى كېچىك گۇناھ. مېنىڭ سوئالىم: قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىش، شەھۋانە فېلىملەرنى كۆرۈش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنامدۇ ياكى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنامدۇ؟، ئاشۇ ئاسىيلىقنىڭ ئاخىرەتتە جازاسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەرقانداق مۇئ‍مىن بۇنداق سۈرەت، شەھۋەتنى قوزغايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۇ ئىشلار ئىستىمنا ۋە زىنا قاتارلىق ئاسىيلىققا تۈرتكە بولىدۇ، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم. شەكسىز بۇنداق پىلىملەرنى كۆرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھ بولىدۇ، چۈنكى داۋام قىلغان گۇناھ كېچىك گۇناھ بولمايدۇ. كېچىك گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىق سەۋەبىدىن چوڭ گۇناھقا چۈشۈپ قالىدۇ، ئەمما بىر قېتىم قىلىپ قالغان ياكى قاراپ قالغان بولسا بۇ كېچىك گۇناھ بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىستىمنا شەھۋەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بىر قېتىم بولۇپ قالسا، ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي چۈنكى ئۇ كېچىك گۇناھ بولىدۇ، ئەمما ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھ بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ بىن جەبرىين رەھىمەھۇللاھ.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android