0 / 0
2928/ذو القعدة/1446 , 26/ماي/2025

ئىسلامى ھاياتتا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرى توغرىسىدا

سوئال: 12804

ئىسلامى ھايات ئىنسان ياشنىتىشى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ھاياتتۇر، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئىش قىيىن بولىدۇ، مەن بۇ ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈمۈدىمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىسلامى ھايات ئىنسان ياشنىتىشى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ھاياتتۇر، بۇ ھايات بەك سەۋېرچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىش بۇ قەدەر ئاسان ئەمەس، بۇ خۇددى چوغنى تۇتۇپ تۇرغان كىشىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئەڭ زور ياردەم بولىدىغان ئىش، ئىنسان رەببىگە ئۇچراشقانغا قەدەر سۇسلاشماي، چەكتىن ئېشىپ كەتمەي ۋە يولىنى ئۆزگەرتمەي ھەق يولدا سەۋېرچانلىق بىلەن يۈرۈشتۇر، دىلىڭىزدا ئۈمىتسىزلىك ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىدىن ھەزەر قىلىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممتىگە غەلبە-نۇسرەت ۋە تەمكىنلىك ئاتا قىلىدىغان ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىڭ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر،  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   - ئىسلام ھاياتى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدىن دەلىللەر:

سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، سىز ئىسلامى ھاياتتا ياشاشنى قارار قىلىپ بەك ياخشى قىلىپسىز. ئىسلامى ھايات ئىنسان ياشنىتىشى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ھاياتتۇر، بۇ كاتتا ھەقىقەتتۇر، ئىنسانلاردىن بۇنىڭغا قانائەت قىلىش تۈگۈل بۇنى بىلىدىغانلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» [سۈرە نەھىل 97-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتقانلارنى بايان قىلغاندەك، ئۆزنى تار ۋە بەختسىز ھاياتقا سۈرەكلىگەن كىشىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‎وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَى * قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِي أَعْمَى وَقَدْ كُنْتُ بَصِيرًا* قَالَ كَذَلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا وَكَذَلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَى* وَكَذَلِكَ نَجْزِي مَنْ أَسْرَفَ وَلَمْ يُؤْمِنْ بِآيَاتِ رَبِّهِ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبْقَى تەرجىمىسى: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟»دەيدۇ، ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن، ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر» [سۈرە تاھا 124-127-ئايەتكىچە].

   -گۈزەل ھايات سەۋېرچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆستىگە ئېلىشتۇر.

ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! سىز بۇنى بىلگەندە، بۇ دىلىڭىزغا ئورناشقاندا، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ كاتتا كائىناتنى زېمىن- ئاسمانلىرى، دېڭىز-ئوكيان، دەريالىرى، تاغلىرى، تۈزلەڭلىكلىرى، باغلىرى ۋە سەھرالىرىغىچە ھەممىنى ئاجىز، پىقىر بولغان بىر مەخلۇق ئۈچۈن يەنى سىز ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى» [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].

ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانىلىقىڭىزدىكى كاتتا ھېكمەتنى بىلىسىز. ئۇ بولسىمۇ: سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ياراتقان، ھەممە نەرسىنى گۈزەل شەكىلدە ياراتقان ۋە ئىنسان-جىنلارنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان رەببىڭىزگە ئىبادەت قىلىشىڭىزدىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» [سۈرە زارىيات 56-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھاياتلىق ئۆلۈمنى پەقەت بەندىلىرىنى ئىختىبار قىلىش، مۇشۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىش يوللىرىدا سىناش، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھەققىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ياراتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ تەرجىمىسى: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» [سۈرە مۈلۈك 2-ئايەت].

ئاندىن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئىكرام قىلىپ، مۇشۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغان بەندىلىرىگە ۋەدە قىلىپ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدا كەڭلىكى ئاسمانلار ۋە زېمىنلاردىنمۇ كەڭرى بولغان جەننەتنى تاييارلىغانلىقى، ئۇ جەننەتتە بولسا ئىنساننىڭ كۆزى كۆرۈپ باقمىغان، قۇلىقى ئاڭلاپ باقمىغان ۋە كۆڭلىگە كېلىپمۇ باقمىغان نېمەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسە، ئاللاھنىڭ ھەققىگە سەل قارىغان چەكتىن ئېشىپ خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارغا بولسا، لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ بار ئىكەنلىكى، ئۇلار دوزاختا ئازاپتىن ئۆلمەي ياكى تېرىلمەي ئازاپلىنىدىغانلىقىنى، دوزاختا تۈرلۈك ئازابلارنىڭ بار ئىكەنلىكى، بۇنى كۆرۈش ئەمەس بەلكى ئاڭلىغان بوۋاقنىڭمۇ چېچىغا ئاق كېرىپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى بۇنىڭدىن سالامەت قىلىشىنى تىلەيمىز.... ئامىن.

بۇنىڭغا دىلىڭىزدىن ئىشەنچ بىلەن ئىمان ئېيتسىڭىز، مۇشۇ كاتتا نېمەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىش ۋە بۇ ئىمتىھاندا نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئانچە ئاسان  ئەمەسلىكىنى بىلىسىز. سەۋېرچانلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئېھتىياجلىق بولىدىغان مۇشەققەتنىڭ كۆۋرىكىدىن ئۆتۈش بىلەن بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇشەققىتى تىز تۈگەيدۇ، قىيىنچىلىقى ئەڭ يېقىن پۇرسەتتە ئاخىرلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەبەدىيلىك راھەت ۋە مەڭگۈلۈك نېمەتنى ئەگەشتۈرىدۇ، ئەبەدىيلىك راھەت ۋە مەڭگۈلۈك نېمەت بىلەن تارتقان مۇشەققەتلەر سېلىشتۇرۇلسا، بۇ نېمەتكە كۆرە، پۈتۈن ھاياتىدا كۆرگەن قىيىنچىلىقلار بىر سائەتلىك مۇشەققەت ۋە بىر مىنۇتلۇق دەرتكە باراۋەر كەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىزگە ئۆز پەزلى-رەھمىتى بىلەن جەننەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

-ئىسلام غېرىپلىق ھالەتتە باشلاندى، باشلانغىنىغا ئوخشاش غېرىپلىق ھالەتتە قايتىدۇ.

قىرىندىشىم! -ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن-شۇنى بىلىڭكى، دىندا غۇربەتچىلىك قاتتىق بولىدىكەن، ھازىرقى زاماندىكىگە ئوخشاش ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولىدىكەن، دىنغا زىت ئىش قىلىۋاتقانلار كۆپ بولىدىكەن، ئۆزىنى دىندا مۇستەھكەم قىلىش مۇشەققەتلىك، قىيىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى قىلدى. ئاللاھ ئۆى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، ئېسىل جېنىنى ۋە مېلىنى قۇربان قىلغان، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرغان سەمىيمى، راستچىل مۆمىنلەرگە ھەسسىلەپ ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىش بىلەن ئىكرام قىلدى. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام غېرىپلىق ھالەتتە باشلاندى، باشلانغىنىغا ئوخشاش غېرىپلىق ھالەتتە قايتىدۇ، غېرىپلارغا خۇش بىشارەت بولسۇن». [سەھىھ مۇسلىم 145-ھەدىس].

ئەبى سەلەبە خۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ، ئۇ كۈنلەردە سەۋېر قىلىش چوغنى تۇتقانغا ئوخشاش، ئۇ كۈندە ئەمەل قىلغۇچىلارغا سىلەرگە ئوخشاش ئەمەل قىلىدىغان ئەللىك كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ».

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزدىن بولغان ئەللىك كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ ياكى ئۇلاردىن بولغان ئەللىك كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بەلكى سىلەردىن بولغان ئەللىك كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ دېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 3058- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"تەرغىيب ۋە تەرھىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدا"3172-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ئىنسانلارغا: ئاخىر زاماندا ناچار، بۇزۇق كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى، تەقۋادار، ياراملىق، ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق بولىشى: پىتنە-پاساتنىڭ كۆپ بولىشى، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ۋە كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، ھەتتا دىندا مۇستەھكەم تۇرغان كىشىنىڭ غېرىپ-مۇساپىردەك بەلكى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە مەھەللىلىرىدىمۇ يات ئادەمدەك بولۇپ قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ئاسان ئەمەس، بەلكى ئۇ چوغنى تۇتۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، بۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن مۇشۇ يولدا مېڭىپ تاكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقانغا قەدەر سۇسلىشىپ قالماي، يۆلىنىشنى ئۆزگەرتمەي، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماستىن ئاللاھ رازى بولغان ھالەتتە ئۇچرىغۇچە سەۋېرچان بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ھەسسىلىپ ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، بۇنى ھەقىقى بىلگەن كىشىگە ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن رەببىنىڭ ھوزۇرىدا ئىنتىزار بولغان ئىززەت- ھۆرمەت، پەزىلەتكە كۆرە بۇ يولدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

ئەگەر سىز دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ئىشىنى ئۆزىڭىزگە قىيىن بولدى دەپ ھېس قىلسىڭىز، سەۋېرچانلىقىڭىزنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، قەدىمىڭىزنىڭ توغرا يولدىن تېيىلىپ كېتىشىدىن قورقسىڭىز، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر بىزنىڭ سىزگە قىلغان تەۋسىيەلىرىمىزدۇر.

   - دىلىڭىزدا ئۈمىتسىزلىك ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىدىن ھەزەر قىلىڭ.

سىز ئەتراپتىكىلەرگە ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان مۇشۇ ئىسلامى ھاياتنى تارقىتىش ۋە قايتىدىن قۇرۇپ چېقىش خىزمىتىدە ئۈمىتسىزلىكىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، (بۇ بىر مەجبۇرىيەت، بۇنىڭدا نۇرغۇن چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىقلارغا ھەتتا بۇ ھايات قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىدىغان ئامىللارغا دۇچ كېلىسىز)، شۇنى بىلىڭكى، سىزنىڭ بۇ يولدا باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز غەلبە، سەدىقەدۇر، ياخشى سۆزنى قىلىش سەدىقە، بەلكىم سىز ئۆزىڭىز دېگەن ياخشى سۆزگە كىمنىڭ، قاچان ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، ئۇ سۆزنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ ئاڭلىغۇچىلارغا پايدىسى بولىدۇ، سىزنىڭ مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن بىر كۈنمۇ ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈشىڭىز توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا اللَّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا قَالُوا مَعْذِرَةً إِلَى رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى.» [سۈرە ئەراپ 164-ئايەت].

دىلىڭىزدا ئۈمىتسىزلىك ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىدىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملار ئۈمىتسىزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَلَا تَيْأَسُوا مِن رَّوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِن رَّوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ تەرجىمىسى: « ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ». [سۈرە يۈسۈپ 87-ئايەت]

ئۈمىتسىزلىكتىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئۇ ئازغۇنلۇقتۇر. پەقەت ئازغۇنلار ئۆز رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَ وَمَن يَقْنَطُ مِن رَّحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى. [سۈرە ھىجىر 56-ئايەت].

بىلىڭكى، سىز يولنى داۋام قىلغان مۇددەتتە باسقان قەدىمىڭىز ھەرگىز زايە بولمايدۇ، ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى سىز يېتىپ بارىدىغان ئاخىرقى مەنزىلدۇر.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە نىسا 100-ئايەت].

ئاندىن سىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ دەۋرى كېلىدۇ، ئۇلار سىزدىن بايراقنى ئېلىپ يولنىڭ قالغان تەرىپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇشۇ ئۈممەتتىن قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يولنى مۇشۇنداق داۋام قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا دائىم بۇ دىنغا كۆچەتلەرنى تىكىدۇ، ئۇلار بۇنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە ئىشلىتىدۇ» ["سۈنەن ئىبنى ماجە"5-توم 1-بەت].

-ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە غەلبە-نۇسرەت ۋە تەمكىنلىك ئاتا قىلىدىغان ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىڭ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِي الزَّبُورِ مِنْ بَعْدِ الذِّكْرِ أَنَّ الْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ الصَّالِحُونَ تەرجىمىسى: «بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، (داۋۇدقا نازىل قىلىنغان) زەبۇردا زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى (يەنى ۋارىسلىق قىلىشقا لاياقەتلىك) بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق» [سۈرە ئەنبىيا 105-ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ دىننى كېچە-كۈندۈز يەتكەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا زېمىندا ھەر قانداق بىر ئۆي بولىدىكەن مەيلى چېدىر بولسۇن ياكى ساراي بولسۇن بۇ دىننى ئىززەتلىكنى ئىززەت قىلىش، خار بولغۇچىنى خار قىلىش بىلەن كېرگۈزىدۇ، ئىسلامنى ئىززەتلىك قىلىدۇ، كۇپىرنى خار قىلىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىس دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"32-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

مۇمكىن بولسا "ئۈمىتسىزلەنمەڭ، غەلبە ئالدىمىزدا" ناملىق سۆھبەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

قىرىندىشىم! سىزنى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا، گەرچە پىتنە-پاساتلار، ئازدۇرغۇچى ئامىللار بەك كۆپ، قىيىنچىلىق ۋە سۇسلاشتۇرىدىغان ئىشلار ئەتراپنى ئورىغان بولسىمۇ تەۋرەنمەسلىككە تەۋسىيە قىلىمىز، ياخشى ئاقىۋەتنىڭ تەقۋادارلار ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ.

سىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان بارلىق ۋاستىلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، بۇ توربەتتە سىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ۋاستىلەر ۋە يوللارنىڭ بايانى بار، سىزنى بۇ توردىكى ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ۋە كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   - دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايەتلەر.

ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! سۆزنىڭ ئاخىرىدا سىزنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ كېسەللىرىگە داۋا، قەلبىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ كاتتا ئايەتلىرى بىلەن بىرگە قويىمىز، بۇ ئايەتلەرنى ئالدىرىماي، تەرتىپلىك، تەپەككۇر ۋە تەدەببۇر بىلەن ئوقۇسىڭىز، مۇمكىن بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ قىسقا-ئىخچام تەپسىرلىرىدىن بىرىگە مۇراجىئەت قىلسىڭىز، ناھايتى ياخشى بولىدۇ. شەيخ ئابدۇراھمان سەدىنىڭ: "تەپسىر سەدى" ياكى ئىبنى كەسىرنىڭ "تەپسىر ئىبنى كەسىر"، "قۇرئان كەرىمنىڭ قىسقىچە تەپسىرى" دېگەندەك.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّى يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَى نَصْرُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ تەرجىمىسى: «سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر:«ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟»دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر» [سۈرە بەقەرە 214-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎الم * أَحَسِبَ النَّاسُ أَنْ يُتْرَكُوا أَنْ يَقُولُوا آمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ*وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ تەرجىمىسى: «ئەلىف، لام، مىم، ئىنسانلار«ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 1-3-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُدْخِلَنَّهُمْ فِي الصَّالِحِينَ * وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ فَإِذَا أُوذِيَ فِي اللَّهِ جَعَلَ فِتْنَةَ النَّاسِ كَعَذَابِ اللَّهِ وَلَئِنْ جَاءَ نَصْرٌ مِنْ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمْ أَوَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز، بەزى كىشىلەر:«ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق»دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟» [ئەنكەبۇت 9-10-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَى حَرْفٍ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَى وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ تەرجىمىسى: «بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر» [سۈرە ھەج 11- ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ  تەرجىمىسى: « شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار،دەيدۇ» [سۈرە پۇسسىلەت 30-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ*أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر، ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر» [سۈرە ئەھقاپ 13-14-ئايەتلەر].

بۇنىڭدىن باشقىمۇ سىزنى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار، بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە تەييار قىلغان نېمەتلىرى ئېنىق بولدى، ئاللاھنىڭ كىتابى بۇ مەنىنى بىكىتىدىغان، روشەنلەشتۈرىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۇسلۇپتا بايان قىلىپ بېرىدىغان ئايەتلەر بىلەن تولغان.

قىرىندىشىم! سىزنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىپ ئوقۇشقا يۈزلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزنىڭ سەۋېرچان بولىشىڭىزغا، ئېچى سېقىلىش، ئۈمىتسىزلىنىش ۋە بۇ يولنىڭ بەك ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىققا ئەڭ ياخشى ياردەمچىنى تاپىسىز. ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا تىزلا ئاخىرلىشىدۇ، ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ، ئاندىن بەندە ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى رەببىنىڭ ھوزۇرىدا كۆرىدۇ، ئەگەر ياخشىلىق قىلغان بولسا مۇكاپىتى ياخشى بولىدۇ، يامانلىق قىلغان بولىسا جازاسى ئېغىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ تەرجىمىسى: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر» [سۈرە ئال ئىمران 30-ئايەت].

ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ دىلىڭىزنى ياخشىلىققا ئېچىۋىتىشنى، سىزنى ئاللاھقا ئۇچراشقانغا قەدەر ھەقتە مۇستەھكەم قىلىشىنى، سىزدىن بارلىق يامانلىق، ناچارلىقلارنى يىراق قىلىشىنى سورايمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى يېقىندا ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئالىدۇر، ئۇ توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
ئىسلامى ھاياتتا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرى توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ