ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: خرىستىئانلار بىلەن خوشنا بولغان مۇسۇلمانلار توغرىسىدا سوراپ: مۇسۇلمان كىشى خرىستىئان خوشنىسى كېسەل بولۇپ قالسا، يوقلىسا توغرا بولامدۇ؟، ئۆلۈپ كەتسە جىنازىسىغا قاتنىشامدۇ؟، مۇسۇلمانلاردىن مۇشۇنداق قىلغان كىشىگە گۇناھ بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، كاپىرنىڭ جىنازىسىغا ئەگەشمەيدۇ، ئەمما كېسەل بولۇپ قالسا، يوقلاپ بارسا بولىدۇ، بەلكى بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسلامغا مايىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنى دوزاخ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا جىنازە نامىزى ئوقۇلمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.