ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
7,26324/شعبان/1431 , 05/ئاۋغۇست/2010

ناماز ئوقۇپ رامىزاندا روزا تۇتمىغان كىشى كافىر ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال: 12654

سوئال: ناماز ئوقۇپ كېسەللىك ياكى ھىچ قانداق سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان كىشى كافىر ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
رامىزان روزىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلىپ روزا تۇتمىسا كافىر ھېسابلىنىدىغانلىقىغا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى بۇ مەسىلىدىكى پىقھى ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەن . ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ كۆزگە ئىلماي، قېرىغاندا تۇتىۋالىمەن دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەر بىلەن سەل قاراپ روزا تۇتمىسا كافىر بولىدىغانلىقىنى بەزى ئالىملار ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سەھىھ پىقھى كۆز قاراشتا، ئۇ ئادەم قىلىش پەرز بولغان ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىنى قىلماسلىق بىلەن ئەڭ خەتەرلىك ئىش قىلغان بولىدىغانلىقى، ئەمما كاپىر بولمايدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئىسلام ھاكىمىيىتى بولغان ئاساستا، رەھبەرلەر تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىپ، تەلىم - تەربىيە بېرىش، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى قايتا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى ناملىق ئەسىرى 10-توم 143-بەت

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android