1,340

قېشىنى سۈرمە بىلەن سىزسا ۋە مەقسەتسىز قېشىنىڭ بەزىسى چۈشۈپ كەتسە قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 118089

   سىلەردىن سۈرمە قەلىمى بىلەن قاش سېزىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورايمەن، سۈرمە بىلەن كۆز سىزغانغا ئوخشاش، ئەمما قاشنى سېزىۋاتقاندا قاشلىرىمنىڭ بەزىسى ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، مەن قەستەن قىلمىساممۇ بۇنىڭدا ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سۈرمە قەلىمى بىلەن قاش سىزسا ياكى تېرىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىغان بوياق بىلەن بويىسا ئەسلىدىكى دۇرۇس دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلغانلىقتىن ھېچنەرسە بولمايدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 103345 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

     قاش سېزىۋاتقان ۋاقىتتا مەقسەتسىز قېشى چۈشۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ‎ ‏ تەرجىمىسى: «رەببىمىز! بىزنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە خاتا كەتكەن ئىشلىرىمىز سەۋەبىدىن جازالىمىسلا».[سۈرە بەقەرە 286-ئايەت. ]

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا‏ تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».[سۈرە ئەھزاب 5 ئايەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android