3

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرسىدا

سوئال: 11575

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتىنى ئۆزگەرتتى، ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، باتىل ئاشكارا بولدى، زۇلۇم ۋە بۇزۇقچىلىق يامرىدى، ئۈممەت ھەقنى روياپقا چىقىرىدىغان، باتىلنى يوقىتىدىغان، كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان بىر دىنغا ئېھتىياجلىق بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي اخْتَلَفُوا فِيهِ ۙ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق » [سۈرە نەھىل 64-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش، ئىنسانلارنى كۇپىرنىڭ زۇلمىتىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چېقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئەۋۋىلى نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئاخىرى بولسا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» [سۈرە نەھىل 36-ئايەت].

پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَٰكِن رَّسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ» [سۈرە ئەھزاپ 40-ئايەت].

ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ قەۋمىگە خاس قىلىپ ئەۋەتىلەتتى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇم قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وما أرسلناك إلا كافة للناس بشيرا ًونذيراً ولكن أكثر الناس لا يعلمون تەرجىمىسى: «سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى(بۇنى)بىلمەيدۇ» [سۈرە سەبا 28-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش، رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى كۇپۇرنىڭ زۇلمىتىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چېقىرىش ئۈچۈن قۇرئاننى چۈشۈردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ تەرجىمىسى: «(بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا يەنى ئىمانغا،چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب،ھەممە تىللاردا مەدھىيەلەنگەن ئاللاھنىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق» [سۈرە ئىبراھىم 1-ئايەت].

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ قۇرەيىشنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن بولۇپ، پىل يىلى يەنى پىلنىڭ ساھىبى كەبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ئەبابىل قۇشلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى يوق قىلغان يىلدا مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئاتىسى ئابدۇللاھ بولسا، ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرەلمە ۋاقتىدا ۋاپات بولغان،   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەندە، سەئدىيەلىك ھەلىمە دېگەن ئايال ئېمىتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ياشقا كىرگەندە، ئانىسى ئامىنە بىلەن بىرگە مەدىنە مۇنەۋۋەرىدىكى تاغىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېرىپ مەككىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئانىسى ئامىنە ئەبۋا دېگەن جايدا ۋاپات بولدى، ئاندىن ئۇنى چوڭ ئاتىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ يېنىغا ئېلىپ تەربىيەلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەككىز ياشقا كېرگەندە چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ۋاپات بولدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاغىسى ئەبۇ تالىپ يېنىغا ئېلىپ تەربىيەلىدى، ئەبۇ تالىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەك كۆيۈنەتتى، ئىززىتىنى قىلاتتى، ئۇنى قىرىق يىلغا يېقىن مۇداپىئە قىلىپ كەلدى، ئاندىن ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولدى، ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ ئاتا-بوۋېسىنىڭ دىنىنى تاشلىۋەتتى دەپ ئەيىپلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئىمان كەلتۈرمىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېچىك ۋاقتىدا مەككە ئەھلىنىڭ قويىنى باقاتتى، ئاندىن خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد ئۈچۈن تىجارەت قىلىشقا شامغا سەپەر قىلدى، تىجارەتتە كۆپ پايدا ئالدى، خەدىچە ئانىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەمىيمىتى، ئەخلاقى ۋە ئامانەتدارلىقىغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بەش ياش ۋە خەدىچە ئانىمىز قىرىق ياشتا ئېدى، خەدىچە ئانىمىز ۋاپات بولغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا خوتۇن ئالمىدى.

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى گۈزەل شەكىلدە يېتىشكىلى مۇيەسسەر قىلدى، ئەدەپ-ئەخلاقلىرىنى گۈزەل قىلدى ۋە تەربىيەلىدى، تەلىم بەردى ھەتتا قەۋمىنىڭ ئېچىدە ئەخلاقتا، شەكىلدە ھەممىدىن گۈزەل بولدى، ئېسىللىكتە ھەممىدىن ئۈستۈن بولدى، مۇلايىم-كەڭ قورساق بولۇشتا ئۈلگە بولدى، سۆزدە راستچىل ۋە ئەڭ ئامانەتدار دەپ سۈپەتلىنىپ ھەتتا قەۋمى ئۇنى ئەمىن-ئىشەنچىلىك- دەپ ئاتايدىغان بولدى.

ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تىنچ-خالى جايدا بولۇش ياخشى كۆرەلدى، نەچچە كېچە-كۈندۈز ھىرا غارىدا خالى قالاتتى، ئۇ يەردە رەببىگە ئىبادەت قىلاتتى، دۇئا قىلاتتى، بۇت-ھەيكەللەرنى، ھاراقنى ۋە رەزىللىكنى بەك ئۆچ كۆرەتتى، ھاياتىدا ئۇنداق نەرسىلەرگە قاراپ باقمىدى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوتتۇز بەش ياشقا يەتكەندە، سەل ئاپىتى كەبىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغاندا كەبىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا قۇرەيشلەر بىلەن بىرگە ئېشتىراك قىلدى، ئۇلار ھەجەرۇل ئەسۋەدنى ئوز ئورنىغا قويۇشتا بىر-بىرى بىلەن تالىشىپ قالغاندا، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ ئىشقا ھۆكۈم قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر پارچە رەخت ياكى بىر توننى كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپ، ھەجەر ئەسۋەدنى ئۇنىڭغا قويدى، ئاندىن ھەر قەبىلىنىڭ رەئىسىنى چاقىرىپ رەختنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتۇشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەختنىڭ ئەتراپىنى تۇتۇپ ئۈستۈن كۆتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشنى ئېلىپ ئۆز ئورنىغا قويدى، شۇ بويۇنچە بىنا قىلىندى، ھەممەيلەن بۇنىڭغا رازى بولۇپ ئارىدىكى ئىختىلاپ تۈگىدى.

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەردە سېخىلىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، باتۇرلۇق دېگەندەك ئېسىل سۈپەتلەر بار ئېدى، ئۇلاردا يەنە كەبىنى ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش، تاۋاپ قىلىش، ھەج-ئۆمرە قىلىش، تۆگە ھەدىيە قىلىپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ قالدۇقلىرى بار ئېدى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاردا، زىنا قىلىش، ھاراق ئېچىش، جازانە يېيىش، قىزلارنى ئۆلتۈرۈش، تېرىك كۆمىۋېتىش، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇش دېگەندەك سۆكەلگۈچى يامان سۈپەت ۋە ناچار ئادەتلەر بار ئېدى.

تۇنجى قېتىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنىنى ئۆزگەرتىپ، بۇتقا چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلغان كىشى ئەمىر ئىبنى لەھىل خۇزائە قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇ كىشى مەككە ۋە باشقا شەھەرلەرگە بۇت ئەكىلىپ، كىشىلەرنى بۇتقا چوقۇنۇشقا چاقىرغان، ئۇ بۇتلاردىن: ۋۇددە، سىۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسرا قاتارلىقلار ئېدى.

ئاندىن كېيىن ئەرەپلەر باشقا بۇتلارنىمۇ ئىلاھ قىلدى، قۇدەيد تەرەپتىكىلەر مەناتنى، تائىپلىقلار لاتنى، نەخلە جىلغىسىدىكىلەر ئۇززانى، كەبىنىڭ ئېچىگە ھۇبەلنى، كەبىنىڭ ئەتراپىغا باشقا بۇتلارنى، ئۆيلىرىگىمۇ بۇتلارنى قويدى، كىشىلەر سېھرىگەر، رەمبال، باخشىلاردىن ھۆكۈم سورايدىغان بولۇپ كەتتى.

شېرىك ۋە بۇزۇقچىلىق مۇشۇ شەكىلدە تارالغاندا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشتا ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشنى تەرك قىلىشقا چاقىردى، قۇرەيشلەر بۇ چاقىرىقنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ‎أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ تەرجىمىسى: «ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» [سۈرە ساد 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ تەۋھىد بىلەن ئەۋەتكەنگە قەدەر كىشىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ۋەيران قىلدى، ھەق نامايەندە بولدى، باتىل يوقالدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقُلْ جَاءَ الْحَقُّ وَزَهَقَ الْبَاطِلُ ۚ إِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَهُوقًا   تەرجىمىسى: «ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۇفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» [سۈرە ئىسرا 81-ئايەت].

تۈنجى قېتىملىق ۋەھيى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىغا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا نازىل بولدى، ئۇ ۋاقىتتا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئوقۇشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن ئوقۇيالمايمەن دېدى، بۇ ئىش تەكرار بولدى، ئۈچىنچى قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ،‏ خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ ‎، اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ تەرجىمىسى: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر» [سۈرە ئەلەق 1-2-3-ئايەتلەر].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈرۈكى دۆپۈلدىگەن ھالەتتە قايتتى، ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېرىپ بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بەردى ۋە ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم دېدى، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالا سېنى ئەبەدى رەسۋا قىلمايدۇ، سەن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايسەن، كىشىلەرنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن، مېھماننى ياخشى كۈتىسەن، بىر ئىشنى ياخشى قىلالمايدىغان كىشىگە كەسىپ قىلىپ بېرىسەن، ھەقلىق ئىشلارغا ياردەم بېرىسەن». ئاندىن خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋپەلنىڭ يېنىغا كەلدى، بۇ ئادەم خىرىستىيان ئېدى، بولغان ئەھۋالنى ئېيتتى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان پەرىشتە دەپ، ئەگەر قەۋمى ئەزىيەت يەتكۈزسە ھەتتا يۇرتتىن چېقىرۋەتسىمۇ بۇنىڭغا سەۋېر قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى.

ئاندىن مەلۇم ۋاقىت ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەك بىئارام بولىدى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ھىلىقى پەرىشتىنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدا كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كىيىمىگە ئورىنىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ،‏ قُمْ فَأَنذِرْ تەرجىمىسى: «ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى پەيغەمبەر!، تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر» [سۈرە مۇددەسسىر 1-2-ئايەتلەر].

ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئارقىمۇ-ئارقا نازىل بولۇشقا باشلىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئون يىل ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالەتتە كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقنى ئاشكارا قىلىشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماستىن سېلىق-سىپايە، مۇلايىملىق بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە دەۋەت قىلدى، ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئاگاھلاندۇردى، ئاندىن قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئاندىن ئەتراپتىكىلەرنى ئاگاھلاندۇردى، ئاندىن پۈتۈن ئەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى، ئاندىن پۈتۈن ئالەمدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇردى، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ‎فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ تەرجىمىسى: «ساڭا بۇيرۇلغاننى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرىلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن» [سۈرە ھىجىر 94-ئايەت].

پەيغەمبەرگە بايلاردىن، يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەردىن ئازراق، ئاجىزلار، قۇللار، ئەرلەر، ئاياللار ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىن ھەققىدە ئەزىيەتكە ئۇچرىدى، بەزىلىرى ئازاپلاندى، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى، بەزىلىرى قۇرەيشنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قېچىپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى، بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالا بۇ دىنغا غەلبە ئاتا قىلغانغا قەدەر ئەزىيەتكە سەۋېر قىلىپ بىرگە تۇردى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئون يىل ئۆتۈپ ئەللىك ياشقا كېرگەندە، قۇرەيشنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان تاغىسى ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى ئېيتىپ ئۈلپەت بولىدىغان ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن قەۋمىنىڭ بالا-مۇسىبەتلىرى كۈچەيدى، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك شەكىلدە ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە جۇرئەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەۋىر قىلدى.

بالا-مۇسىبەت كۈچىيىپ، قۇرەيشلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە جۇرئەت قىلغىلى تۇرغاندا تائىپقا چىقتى، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئۇلار بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشماقتا يوق، ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزۈپ، تاش-چالمىلارنى ئېتىپ ئاياغلىرىنى قانغا بويىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە قايتىپ كېلىپ ھەجدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەردە كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەرەم مەسچىتىدىن ئەقسا مەسچىتىگە بۇراققا مىندۈرۈپ جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىقىدا كېچىدە ئېلىپ باردى، بۇ ئىسرا دەپ ئاتىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقسا مەسچىتىدە چۈشۈپ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلىپ ئاندىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئاسمانغا ئۆرلىدى، دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بەختلىكلەرنىڭ روھى ۋە سول تەرىپىدە بەختسىز-شەقىلەرنىڭ روھى بار ئېدى، ئاندىن ئىككىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە يەھيا ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن ئۈچىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن تۆتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن بەشىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن ئالتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن يەتتىنچى ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆردى، ئاندىن سىدرەتىل مۇنتەھاغا كۆتۈرۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا رەببى سۆز قىلدى، ئۇنى ئىززەت-ئىكرام قىلدى، ئۇنىڭغا ۋە ئۈممىتىگە بىر كېچە-كۈندۈزدە ئەللىك ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، ئاندىن يەڭگىللەشتۈرۈپ ئەمەلدە بەش ۋاقىت، ئەجىر-ساۋاپتا ئەللىك ۋاقىتنى قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى ئىكرام قىلىپ بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىنىدىغان نامازنى بەش ۋاقىتقا قارار قىلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى مەككىگە قايتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن كېچىدە بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئېدى، بۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر مۆمىن بولدى، ئىنكار قىلىپ يالغانغا چېقارغانلار كاپىر بولدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ ‏تەرجىمىسى: « ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئۆز قۇدرىتىنىڭ بەزى دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە ئىسرا 1-ئايەت].

ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنى تەييار قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج مەۋسىمىدە مەدىنىدىن كەلگەن خەزرەج قەبىلىسىدىن بولغان بىر جامائەت بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلار مۇسۇلمان بولدى، ئاندىن ئۇلار مەدىنىگە قايتىپ كەتتى، مەدىنىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىدى، كېلىدىغان يىلدا ئۇلار ئون نەچچە كىشى بولۇپ كەلدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەپ ئىبنى ئۈمەيرنى ئۇلارغا قۇرئان تەلىم بېرىش، ئىسلامنى ئۈگىتىش ئۈچۈن مەدىنىگە ئەۋەتتى، ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن مەدىنىدە كۆپ كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەۋىس قەبىلسىنىڭ كاتتىلىرىدىن سەئەد ئىبنى مۇئاز ۋە ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير قاتارلىقلار.

كېلىدىغان يىلى ھەج مەۋسۇمىدا ئەۋىس ۋە خەزرەجدىن يەتمىشتىن ئارتۇق ئەرلەر ھەجگە كەلدى، قۇرەشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزۈپ، ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدىنىگە كېلىشكە دەۋەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن مىنادا تۇرىدىغان كېچىلەرنىڭ بىرىدە ئەقەبەدە كۆرۈشۈشنى ۋەدە قىلدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغىسى ئابباسمۇ بار ئېدى، ئۇ شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ لېكىن قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىشى توغرىسىدا سورۇنغا ھازىر بولۇشنى ياخشى كۆرگەن ئېدى، ئالدى بىلەن ئابباس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە قەۋمگە گۈزەل سۆزلەرنى قىلدى، ئاندىن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئۇنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا جەننەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بەيئەت قىلدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىردىن -بىردىن بەيئەت قىلدى، ئاندىن چۈشكەن جايلىرىغا قايتىپ كەتتى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنى قۇرەيشلەر بىلىپ قېلىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قۇرەيشتىن قۇتقازدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەت نازىل بولغانغا قەدەر مەككىدە تۇرۇپ قالدى: وَلَيَنصُرَنَّ اللَّهُ مَن يَنصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر» [سۈرە ھەج 40-ئايەت].

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى، قۇرەيشلەر توساپ قالغاندىن باشقا ھەممە كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، مەككىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قالدى، قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىنى تۇيغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلدى، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئۇخلاشنى ۋە ئۆزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشنى بۇيرىدى، مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدىن چىقسا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېچىدە ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا كۈتۈپ تۇردى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكرىدىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ تەرجىمىسى: « (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر» [سۈرە ئەنپال 30-ئايەت].

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ئىرادىسىگە كىلىپ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە سۇر غارىغا چىقتى، ئۇ يەردە ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى گەرچە ئۇ مۇشرىك بولسىمۇ ئىشەنچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مەدىنىگە يول باشلاشقا ياللىدى، ئىككەيلەن ئۇنىڭغا تۆگىسىنى تاپشۇردى، قۇرەيشلەر بولغان ئىشتىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كەتتى ۋە ھەر يەردىن ئۇ ئىككەيلەننى ئىزدەشكە باشلىدى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى مۇھاپىزەت قىلدى، بۇلارنى ئىزدەش پەسەيگەندە، ئۇلار مەدىنىگە يول ئالدى، قۇرەش بۇ ئىككەيلەننى تىپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بۇ ئىككەيلەننى ياكى ئىككەيلەندىن بىرىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بەرگەن كىشىگە ئىككى تۆگە بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى، كىشىلەر مەدىنىڭ يوللىرىدا بۇ ئىككەيلەنى جىددى ئىزدەشكە كېرىشىپ كەتتى، سۇراقە ئىبنى مالىك بۇ ئىككەيلەننىڭ خەۋېرىنى بىلدى، ئۇ مۇشرىك ئېدى، بۇلارنى مەقسەت قىلىپ كەينىدىن كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دۇئا قىلغان ئېدى، ئۇنىڭ ئىتىنىڭ پۇتى يەرگە كېرىپ كېتىپ يىقىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىدىن زىيان تەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدى، سۇراقە قايتىپ كىلىپ يولدا ئۇلارنى ئىزدەپ ماڭغانلارنىمۇ قايتۇردى، ئاندىن مەككە پەتىھ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يىتىپ كەلگەندە، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇپ تەكبىر ئېيتىشتى، ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارغىچە خۇرسەنلىك بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە قۇباغا چۈشتى، ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە قۇبا مەسچىتىنى بىنا قىلىپ، ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى، ئاندىن جۈمە كۈنىدە تۆگىسىگە مېنىپ يولغا چېقىپ، جۈمە نامىزىنى سالىم ئىبنى ئەۋپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەھەللىسىدە ئوقۇدى، ئاندىن تۆگىسىگە مېنىپ مەدىنىگە كېردى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى قويىۋېتىڭلار بۇ بۇيرۇلغۇچى دېدى، تۆگە يۇرۇپ كېلىپ بۈگۈنكى مەسچىتنىڭ ئورنى بولغان جايغا كېلىپ چوكلاندى.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن مەسچىتكە يېقىن جايدىكى تاغىلىرىنىڭ يېنىغا چۈشۈشنى ئىرادە قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ئائىلىسى ۋە قىزلىرىنى ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئائىلىسىنى ئېلىپ كېلىدىغانغا ئادەم ئەۋەتتى، بارغانلار ئۇلارنى مەدىنىگە ئېلىپ كەلدى.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن تۆگىسى چۆككەن ئورۇنغا مەسچىت بىنا قىلىشقا باشلىدى، مەسچىتنىڭ قىبلىسىنى بەيتىل مۇقەددەس تەرەپكە قىلدى، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنى خورمىنىڭ ياغاچلىرىدىن قىلدى، ئۈستىنى خورما شاخلىرى بىلەن ياپتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كېلىپ ئون نەچچە ئايدىن كېيىن قىبلە كەبىگە ئۆزگەردى.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلارنى ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن قىلدى، يەھۇدىلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ ئۆزى بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تىنچلىق ۋە مەدىنىنى بىرلىكتە مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئەھدىنامە تۈزدى، يەھۇدى ئالىملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولدى، ئومۇمى يەھۇدىلار مۇسۇلمان بولۇشنى رەت قىلىپ كۇپىرنى تاللىدى، شۇ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلدى.

ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلىدا نامازغا ئەزان ئوقۇش يولغا قويۇلدى، قىبلە كەبە تەرەپكە ئۆزگەردى، رامىغان روزىسى پەرز قىلىندى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش بىلەن كۇچلاندۇردى، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، قەلىبلەر بىرلەشتى، شۇ ۋاقىتتا مۇشرىكلار، يەھۇدىلار ۋە مۇناپىقلار ھەممىسى بىردەك ھۇجۇم قىلدى، ئەزىيەت يەتكۈزدى، تۆھمەت قىلدى، ئۇرۇش قىلىش بىلەن جەڭ ئېلان قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى سەۋېر قىلىشقا، ئەپۇچان بولۇشقا، كەچۈرۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇلارنىڭ زۇلمى كۈچىيىپ، يامانلىقى زورايغاندا، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ تەرجىمىسى: «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر» [سۈرە ھەج 39-ئايەت].

ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى پەرز قىلدى. بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ  تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 190-ئايەت].

ئاندىن ئاللاھ تائالا ئومۇمى مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى پەرز قىلدى. بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً تەرجىمىسى: «مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار» [سۈرە تەۋبە 36-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىشقا ئاتلاندى، تاجاۋۇزچىلارنى تارمار قىلدى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن زۇلۇمنى يوق قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىش بىلەن ئۇنى كۇچلاندۇردى، ھەتتا دىننىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈن بولدى، ھىجىريەنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا بەدىردە مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياردەم بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى يوق قىلدى، ھىجىريەنىڭ ئۈچىنچى يىلى بەنى قەينۇقا يەھۇدىلىرى ئەھدىنى بۇزۇپ مۇسۇلمانلاردىن بىرىنى ئۆلتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەدىنىدىن شامغا سۈرگۈن قىلدى، ئاندىن قۇرەيشلەر بەدىردە ئۆلگەنلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى، ھىجىريەنىڭ ئۈچىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدا قۇرەيشلەر مەدىنەنىڭ سىرتىدىكى ئوھۇد تىغى ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش شىددەتلىك بولدى، ئوقچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلدى، مۇسۇلمانلار تولۇق نۇسرەتكە ئېرىشەلمىدى، شۇنداقلا، مۇشرىكلار مەدىنىگە كېرەلمەي مەككىگە قايتىپ كەتتى.

ئاندىن بەنى نەزىير يەھۇدىلىرى ئەھدىنى بۇزدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىگە تاش تاشلاپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بۇنىڭدىن قۇتقازدى، ھىجىريەنىڭ تۆتىنچى يىلى ئۇلارنى مۇھاسىرەگە ئېلىپ خەيبەرگە سۈرگۈن قىلدى.

ھىجىريىنىڭ بەشىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ دۈشمەنلىكىگە قارشى غازات قىلدى، ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، نۇرغۇن مال-چارۋا ۋە ئەسىرلەرگە ئېگە بولدى، ئاندىن يەھۇدىلارنىڭ كاتىۋاشلىرى ئىسلامنى ئۆز ئورنىدا يوق قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلەشمە قوشۇن ھازىرلىدى، مۇشرىكلار، ھەبەشلەر، غەتەپان يەھۇدىلىرى مەدىنە ئەتراپىغا توپلاندى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىنى بەربات قىلدى، ئۆزىنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَرَدَّ اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا خَيْرًا ۚ وَكَفَى اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ الْقِتَالَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا تەرجىمىسى:«ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇ» [سۈرە ئەھزاپ 25-ئايەت].

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى قۇرەيزە يەھۇدىلىرى خىيانەت قىلغانلىقى ۋە ئەھدىنى بۇزغانلىقى ئۇچۇن ئۇلارنى مۇھاسىرەگە ئالدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قارشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلغان ئەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى، ئايال-بالىلىرى ئەسىر ئېلىندى، مال-مۈلكى غەنىمەت بولدى.

ھىجىريەنىڭ ئالتىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى، مۇشرىكلار ئۇنى مەككىگە كېرىشتىن چەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۈدەيبىيە دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئون يىل ئۇرۇش توختىتىش، كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، ئۇلار قايسى تەرەپنى ئىختىيار قىلسا شۇ تەرەپتە بولۇش توغرىسىدا سۈلھى قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كېرىشكە باشلىدى.

ھىجىريىنىڭ يەتتىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا كۆپ ئەزىيەت يەتكۈزگەن يەھۇدىلارنىڭ كاتتىلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن خەيبەرگە يۈرۈش قىلدى، ئۇلارنى مۇھاسىرگە ئالدى، ئاللاھ تائالا ئۇلار ئۈستىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى، مال-مۈلۈك ۋە يەر-زېمىنلارنى غەنىمەت ئالدى، قىتئەلەردىكى پادىشاھلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى.

ھىجىريەنىڭ سەككىزىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيد ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانلىقىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، لېكىن رۇملۇقلار بۇلارغا قارشى زور قوشۇن توپلىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانلىرى ئۆلتۈرۈلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ قالغانلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتقازدى.

ئاندىن مەككە كاپىرلىرى خىيانەت قىلىپ ئەھدىنى بۇزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن زور قوشۇن بىلەن ئۇلارغا قارشى يۈزلەندى، ئاللاھنىڭ بەيتىنى بۇتلاردىن ۋە كاپىرلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن پاكىزلىدى.

ئاندىن ھىجىريەنىڭ سەككىزىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدا سەقىپ ۋە ھاۋازان قەبىلىسىنىڭ دۈشمەنلىكىگە قارشى ھۇنەين ئۇرۇشى بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى، مۇسۇلمانلار نۇرغۇن غەنىمەت ئالدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ تائىپقا كېلىپ، ئۇلارنى مۇھاسىرە قىلدى، ئاللاھ تائالا تائىپنى پەتھى قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ قايتىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار مۇسۇلمان بولدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتىپ غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ، ئاندىن ساھابىلار بىلەن بىرگە ئۆمرە قىلىپ ئاندىن مەدىنىگە قايتىپ كەتتى.

ھىجىريەنىڭ توققۇزىنچى يىلى بەك قېيىنچىلىك ۋە ھاۋا بەك ئىسسىق بىر ۋاقىتتا تەبۇك ئۇرۇشى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇملۇقلارغا قارشى قوشۇن تارتىپ كەلدى، تەبۇكقا چۈشتى، بۇ يەردە ئۇرۇش بولمىدى، بەزى قەبىلىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشتى، غەنىمەتلەرنى ئالدى ئاندىن مەدىنىگە قايتىپ كەتتى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان ئاخىرقى ئۇرۇشى بولدى، شۇ يىلى ئىسلام دىنىغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان قەبىلىلەرنىڭ ئەلچىلىرى كىلىشكە باشلىدى، ئۇلاردىن: بەنى تەمىيمنىڭ ئەلچىلىرى، تەي قەبىلىسىنىڭ ئەلچىلىرى، ئەبدۇلقەيسنىڭ ئەلچىلىرى، بەنى ھەنىپەنىڭ ئەلچىلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ يىلى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رەئىس قىلىپ كىشىلەر بىلەن بىرگە ھەج قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرگە بەرائەت سۈرىسىنى ئوقۇپ بېرىشكە ۋە كىشىلەرگە ئىلان قىلىشقا بۇيرىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇربان ھېيت كۈنى كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! كاپىر جەننەتكە كىرمەيدۇ، بۇ يىلدىن كېيىن مۇشرىك مۇشرىك ھالىتىدە ھەج قىلمايدۇ، بەيتۇللاھنى كىيىمسىز تاۋاپ قىلمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كىلىشىم قىلغان بولسا كېلىشىم ۋاختى توشقىچە كۈچكە ئېگە بولىدۇ».

ھىجىريىنىڭ ئونىنچى يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى، كىشىلەر مەدىنىدىن ۋە باشقا جايلاردىن ئۆزى بىلەن بىرگە ھەج قىلىشقا چاقىردى، توپلانغان كىشىلەر زۇلھۇلەيپىدىن ئېھرامغا كېرىپ زۇلھەججە ئېيىدا مەككىگە يېتىپ كەلدى، كەبىنى تاۋاپ قىلدى، ساپا-مەرچە ئارىسىدا سەئيى قىلدى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپات مەيدانىدا كىشىلەرگە مول مەزمۇنلۇق تارىخى خۇتبىنى سۆزلىدى، ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ئادالىتى ۋە ئومۇمى ھۆكۈملىرىنى بېكىتىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! سۆزۈمگە قۇلاڭ سېلىڭلار، بۇ يىلدىن كېيىن سىلەر بىلەن ئۇچرىشالايمەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ قېنىڭلار، مېلىڭلار، يۈز-ئابرۇيىڭلار خۇددى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۇنىڭلار، مۇشۇ .ېيىڭلار ۋە مۇشۇ شەھرىڭلارنىڭ ھارام بولغىنىدەك ھارامدۇر، دىققەت قىلىڭلار! جاھىلىيەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىككى قەدىمىمنىڭ ئاستىدا ئەنەلدىن قالرۇلغۇچىدۇر، جاھىلىيەتنىڭ قان دەۋاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچىدۇر، جاھىلىيەتنىڭ قانلىرىدىن تۇنجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنى بىزنىڭ رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ ئوغلىنىڭ قېنىدۇر، بۇ كىشى بەنى سەئەدتە ئېمىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى ھۈزەيل قەبىلىسى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئېدى، جازانىدىن تۇنجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىپنىڭ جازانىسىدۇر، ئۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدى.

ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ھالال قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى ھەققىڭلاردىن ئاياللار سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىنى ئۆيگە دەسسەتمەسلىك، ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا، ئۆز يولىدا ئاشۇرۋەتمەي ئەدەپلىسەڭلار بولىدۇ، ئاياللارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى: سىلەرنىڭ ئۇلارغا تۇرمۇشقا يارىشا كىيىم-كېچەك ۋە يىمەك-ئېچمەك ھازىرلاپ بېرىشىڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن كەتكەندىن كېيىن چېڭ ئېسىلساڭلار ئېزىپ كەتمەيدىغان نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، سىلەر مەن توغرىلىق سورالساڭلار، ئۇنداقتا نېمە دەيسىلەر؟، ساھابىلار: سىلىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكلىرى، نەسىھەت قىلغانلىقلىرى ۋە تولۇق ئادا قىلغانلىقلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز دېدى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چېقىرىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، كىشىلەرگە چېنەپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولسىلا دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى».

ئاللاھ تائالا بۇ دىننى مۇكەممەل قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى، ئاساسىنى بېكىتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا بولغاندا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

بۇ قېتىمقى ھەج ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋىدالاشتى، بۇنىڭدىىن كېيىن قايتا ھەج قىلمىدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.

ھىجىريەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى سەپەر ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى باشلاندى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى دۈشەنبە چاشكا ۋاقتى بىلەن قەبزە رۇھ قىلىندى، بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلار قاتتىق قايغۇردى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇپ، كىپەنلەندى، مۇسۇلمانلار سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى نامىزىنى ئوقۇدى، شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە دەپنە قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىنى قىيامەتكىچە باقى قالدى.

ئاندىن مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غاردىكى ھەمراھى، ھىجرەتتىكى سەپەردىشى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەلىپە قىلىپ تاللىدى، ئاندىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاندىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولدى، ئۇلار توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەردۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كاتتا نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، گۈزەل ئەخلاققا تەۋسىيە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ ‎،‏ وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ ‎،‏ وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ ‎،‏ فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ ‎، وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ ‎، وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ تەرجىمىسى: «ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟، قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟، سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟، يېتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ» [سۈرە زۇھا 6-11-ئايەتكىچە].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر كىشىدە جۇغلاشمىغان ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئېززەت-ئىكرام قىلدى. بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» [سۈرە قەلەم 4-ئايەت].

مۇشۇ ئېسىل ئەخلاق ۋە ماختالغۇچى سۈپەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلاشقا ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۇرشكە قادىر بولدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 159-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئومۇمى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا،‎ وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُّنِيرًا تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق» [سۈرە ئەھزاپ ٤٥-٤٦-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالتە تۈرلۈك خۇسۇسىيەت بىلەن پاشقا پەيغەمبەرلەردىن ئارتۇق قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئالتە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەردىن ئارتۇق قىلىندىم: ماڭا سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى بېرىلدى، دۈشمەنلەرنىڭ دىلىغا قورقۇنچ سېلىنىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، غەنىمەتلەر ماڭا ھالال قىلىندى، زېمىننىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن پاك ۋە ناماز ئادا قىلىنىدىغان قېلىندى، مەن بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم، پەيغەمبەرلىك مەن بىلەن تامام بولدى» [مۇسلىم رىۋايىتى 523-ھەدىس].

بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆز رەببىنىڭ جەننىتىگە كېرىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشى، شەرىئىتىگە ئەگىشىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر» [سۈرە نىسا 13-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتاپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى ماختاپ، ئۇلارغا قوش ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ مِن قَبْلِهِ هُم بِهِ يُؤْمِنُونَ ، وَإِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ قَالُوا آمَنَّا بِهِ إِنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّنَا إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلِهِ مُسْلِمِينَ ، أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُم مَّرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ تەرجىمىسى: «قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ» [سۈرە قەسەس سۈرىسى 52-54-ئايەتلەر].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرگە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ: ئەھلى كىتاپتىن ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاپسا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرسە، شەرىئىتىگە ئەگەشسە، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسە ئۇ كىشىگە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ...».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلەر كاپىردۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك، كاپىرنىڭ جازاسى دوزاختۇر: وَمَن لَّمْ يُؤْمِن بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَعِيرًا تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن(ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق. » [سۈرە پەتھ 13-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۇممەتنىڭ يەھۇدىلىرى بولسۇن، خىرىستىيانلىرى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ، مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 154-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان بولۇپ، پەقەت ئاللاھ تائالا بىلدۈرگەننى بىلىدۇ، غەيىپنى بىلمەيدۇ، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قُل لَّا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ ۚ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» [سۈرە ئەئراپ 188-ئايەت].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام بىلەن ۋە ئىسلامنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر» [سۈرە پەتھ 28-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆزى ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈشتۇر. ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر» [سۈرە شۇرا 48-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن كىشىلەرنى مۇشۇ دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كۇپىرنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چېقىرىشتا ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە كۆپ ئارتۇقچىلىقى بولغانلىقىدىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلدى، بىزنى كۆپ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، سالام يوللاشقا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ ۚ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر» [سۈرە ئەھزاپ ٥٦-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دىننى تارقىتىش يولىدا كۆپ تېرىشچانلىق قىلدى، ساھابىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تېرىشچانلىق قىلدى، بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ سۈننىتىنى لازىم تۇتۇش، ئۇنىڭ يولى بويۇنچە مېڭىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت].

ئىسلام پىترەت دىنىدۇر، ئادالەت دىنىدۇر، ئاللاھ تائالا ئومۇمى ئىنسانلارغا رازى بولۇپ تاللىغان دىندۇر. بۇ دىن ئۇسۇل، شاخچە، ئەدەپ-ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە تەرەپنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇممەت-مىللەت پەقەت مۇشۇ دىنغا ئەگىشىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن بەختلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن بۇ دىندىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر» [سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].

ئى ئاللاھ! سىلە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغايلا، سىلە ھەر زامان ماختالغۇچى، ئۇلۇغ ۋە تەڭداشسىز.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرىدىن

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android