بىرىنچى: تەنتەربىيە ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە سالامەتلىكىگە پايدىلىقتۇر، لېكىن دەۋرىمىزدىكى تەنتەربىيە ئالاھىدە خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، بۇ تەنتەربىيە ئۈچۈن شەرئى بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىش زۆرۈر، بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان كىشىگە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش دۇرۇس بولىدۇ، رىئايە قىلمىغان كىشىگە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ھارام بولىدۇ، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ جۈملىسىدىن:
1-تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچى قىزلار ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق بولىشى كېرەك، ئۇ ئەرلەر تەربىلىگۈچى بولسۇن ياكى ئۇستاز بولسۇن ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى ئىدارىدىكى كادىر بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆرىدىغان تاماشىبىنلار بولسۇن ئوخشاش، بۇ شەرتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىپ كۆرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئاشۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن دۇرۇس بولۇش شەرتى پەرقلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل، ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېھتىياتلىق ۋە ئەڭ سەتىرلىك بولغىنى تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن كۇلۇب، زال ۋە مەكتەپتە ئەمەس، گەرچە بۇ ئورۇنلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى بولمىسىمۇ بەلكى ئۆيىدە شۇغۇللىنىشى ياخشىدۇر، چۈنكى قىزلار ئۇ ئورۇنلاردا ئۆزلىرىنى كۆزىتىۋاتقان، سۈرەتكە ئىلىشقا ئۇرىنىۋاتقان ئادىمى شەيتانلاردىن ئەمىن بولالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋىتى ماختالمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلاردا ئەر-ئاياللار تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن ئارىلىشىپ شۇغۇللىنىدىغان بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، بۇ يەرلەرگە بېرىش كەسكىن چەكلىنىدۇ.
2- تولۇق ئۇرۇنۇپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ ۋە باشقا قىزلارنىڭمۇ قىسقا، نېپىز ۋە تار كىيىملەر كېيىپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى توغرا بولمايدۇ، كىيىمگە قويۇلغان بۇ شەرت ئەرلەرنىڭ ئالدىدا بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ ئالدىدا بولسۇن ئومۇمدۇر، بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش ياخشى بولىدۇكى، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن نۇرغۇنلىغان تەنتەربىيچىلەردە بۇ شەرت ئەمەلىيلەشمەيدۇ، بولۇپمۇ سۇ ئۈزۈش كىيىمى، چېلىشچىلار كىيىمى، پۇتبولچىلار كىيىمى، ۋالىبولچىلار كىيىمى، باسكىتبولچىلار كىيىمى، گىمناستىكىچىلار كىيىمى ۋە باشقا تەنتەربىيچىلەرنىڭ كىيىمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇقتۇر، كىيىمنى تولۇق كىيىشتىكى شەرتلەر ئەر-ئاياللارغا ئوخشاشتۇر، بۇ شەرتنى ئەك كۆپ بۇزغان ۋە ئەمەل قىلمىغانلار يەنىلا ئەر-ئايال تەنتەربىيچىلەردۇر.
3-تەنھەرىكەتتە قىمار ۋە گۆرۈگە(رەھىنە) قويىدىغان ئىشلار بولماسلىقى لازىم.
4-بۇ تەنھەرىكەت ئۆزئارا دەتالاش قىلىش ۋە دۈشمەنلىشىشكە ئېلىپ بارماسلىق كېرەك، ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئومۇمى خەلق ئۆز ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن تۈرلۈك جۇغراپىيىگە بۆلۈنگەنلىكى بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى يەنىمۇ بۆلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر بىر كۇلۇبىنى قوللاپ، ئۇنىڭ تەرەپدارى بولۇپ، باشقا بىر كۇلۇبىنى قوللاپ ئۇنىڭ تەرەپدارى بولغانلار بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتىدۇ، بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئىش.
5-تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇغۇللىنىش كېرەك، ئاياللار تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى توغرا بولمايدۇ.
6-تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە ئويۇن جەريانىدا مۇزىكا قويماسلىق كېرەك.
7-چاچ پاسونى، كىيىم-كېچەك ۋە ئىسىم قويۇشتا كاپىر ئاياللارغا ئوخشىۋالماسلىق لازىم، بىز ئومۇمى جەھەتتىن كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەنگەن، چاچ پاسونى، كىيىم-كېچەك ۋە ئىسىم قاتارلىق ئىشلاردا كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش ئۇلارنى بەك كۆككە كۆتۈرگەنلىك بولۇپ قالىدۇ.
8-ئويۇن كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ياكى بېشىغا ئۇرىدىغان ئۇرۇش ئويۇنلىرى ۋە بەزى ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئېگىلىپ سالام بېرىدىغان كاپىرلارنىڭ شوئارلىرى قوللىنىدىغان ئويۇنلار بولماسلىقى كېرەك.
مۇشۇ شەرتلەر تولۇق بولغاندا خانىم-قىزلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى دۇرۇس بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز قىزلارنى ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاش ۋە ۋاقتىنى قەدىرلەشنى، بۇنداق ئىشلار بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز، خانىم-قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەرىپىنى ساقلىشى ۋە ھېمايە قىلىشى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى لازىم تۇتۇش بىلەن بولىدۇ. ئۇ بۇيرۇقلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆيىدە تۇرۇش، ئېھتىياجى بولمىسا سىرتلارغا چىقماسلىق قاتارلىقلاردۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ تەرجىمىسى: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار» [سۈرە ئەھزاپ 33 -ئايەت].
بۇ پرىنسىپ ۋە شەرتلەر تولۇق بولغاندا مۇسۇلمان قىز ئۆزىنىڭ قىز ھەمراھلىرى بىلەن قىزلارغا خاس بولغان، ئەرلەرنىڭ كىرىشىدىن ۋە ئادىمى شەيتانلارنىڭ مارىشىدىن ئەمىن بولغان ئورۇندا تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
ئەمما بۇ پرىنسىپ ۋە شەرتلەرنىڭ مەكتەپ، ئىنستىتۇت ۋە ئۇنۋېرسىتلاردا ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش پىراگرامىسىغا"تەنتەربىيە" دەرسىنى كىرگۈزۈش بولسا، قىزلارنىڭ يولدىن چېقىپ كېتىشى، ئەدەپ-ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئەۋرەتلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ھايانىڭ يوق بولىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بولدى، ئۇنىڭدىن سىرت چىنىقتۇرغۇچى ئۇستازلار، ئەر ئوقۇتقۇچىلار، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى دېگەندەك كىشىلەر بولىدۇ، ئىشلار تەرەققى قىلىپ بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان ھالەتكە كەلدى، ئەپسۇس بۇ ئىش كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىدە كەڭ تارالماقتا.
شەيخ ئابدۇل كەرىم خۇزەرى ئۇستازدىن: قىزلار مەكتەپلىرىگە شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە قارشى كەلمەيدىغان شەكىلدە "تەنتەربىيە" دەرسىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدا، قىزلار مەكتىپىگە "تەنتەربىيە" دەرسىنى كىرگۈزۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇستاز مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " قىزلار مەكتىپىگە "تەنتەربىيە" دەرسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش بولسا، ئاللاھ تائالا بىزنى ئەگىشىشتىن چەكلىگەن شەيتاننىڭ يولىغا ئەگىشىشتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلالاً طَيِّباً وَلا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ـ پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇ». [سۈرە بەقەرە 168 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇ» [سۈرە بەقەرە 208 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمِنَ الْأَنْعَامِ حَمُولَةً وَفَرْشاً كُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ وَلا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ تەرجىمىسى: «ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر»[سۈرە ئەنئام 142 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَنْ يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ». [سۈرە نۇر 21-ئايەت.]
ئاللاھ تائالا بىزگە شەيتاننىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بەك ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى، بىزنى شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرىدى، شەيتاننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى ۋە ئىززىتى بىلەن قەسەم قىلغاندەك، ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئازدۇرۇشقا بەك ھېرىسمەندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ تەرجىمىسى: «ئىبلىس ئېيتتى: ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن». [سۈرە ساد 82 -ئايەت].
بىز شەيتاننىڭ مۇشۇ تەنتەربىيە ئۈچۈن شەيتاننىڭ، كىشىلەر ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىش، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ زىكىردىن ، تائەت-ئىبادەتلەردىن توسۇش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلىرى ھېچ كىشىگە مەخپى ئەمەس، بىزگە خوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيىنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىدىن چېقىپ كېتىپ، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگىشىپ ئەدەپ-ھايادىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇلار قەدەممۇ قەدەم چېكىندى. قىزلار دەسلەپتە ئاياللار كۆرىدىغان مەيدانلاردا تولۇق ئۇرۇنۇپ ئوينىدى، ئاندىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەردىن تەدرىجى چۈشۈشكە باشلاپ، ئاخىرىدا ھەتتا دىندار بولمىسىمۇ، ئەقىللىق، كۈنلۈكى بار مۇسۇلمان كىشى رازى بولمايدىغان ئەڭ ناچار ھالەتكە چۈشتى، ئەگەر تەييارلىق قىلىش ۋە مەشىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى ئائىلىدە تۇرۇپ ئەۋلادلارنى دىندار، تەقۋادار، پەزىلەتلىك، ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر، قىزلارنىڭ مەكتەپ، ئۈنۋېرسىتلاردا تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقسىزلىق ۋە ھاياسىزلىقىغا قارىغان ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشى تەلەپ قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. [شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇزەرى پەتىۋالىرى 1 -توم 21-22 -بەت].
سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! ئىمكانىيتىڭىز بولسا سىز بىزنىڭ تور بەتتىكى مۇنۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ:
قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى توغرىسىدا (1200).
قىز ئوقۇغۇچى ئۆز يۇرتىدا قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا بولامدۇ؟ ياكى باشقا يۇرتقا بېرىپ مەھرەمسىز تۇرۇپ، قىز-ئوغۇللار ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا ياخشى بولامدۇ؟. (128996).
قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى (82392).