0 / 0
109/ذو الحجة/1446 , 05/ئىيۇن/2025

ئەسلى ھارام بولغان مال ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش، ئۇنىڭدىن ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ۋە مىراس ئېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 114798

ئاتام سۇغۇرتا شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئاتام بۇ شىركەتتە  ئىشلىگەندىن بىرى سۇغۇرتا شىركىتىدە خىزمەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇ بۇ خىزمەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندە يېشى ئەللىككە يېتىپ قالغان ئېدى، شۇنىڭ بىلەنمۇ ئاتام خىزمەتنى تەرك قىلمىدى، ھازىر ئاتام ئاتمىش يەتتە ياشقا كىردى، يەتتە يىلدىن بېرى ئىشقا كەلمەستىن دەم ئېلىشىقا چىقىپ ئارام ئېلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئايلىق ئالماستىن كومۇسيۇنغا ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پىنسىيەگە چىقماقچى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم نەسىھەت قىلسام ئۇ ماڭا:  يېقىندا بۇ خىزمەتنى تەرك قىلىمەن دېدى. ئاتام خىزمەت قىلغان شىركەتتىن ئېرىشكەن ماللىرىنى تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلغان: دەسلەپتە ئالغان مائاشنى پايدا بېرىدىغان جازانە بانكىسىغا قويۇۋەتكەن، ئاندىن ئۇ پۇلنى بانكىدىن ئېلىپ ئۇنى ھالال بولغان قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا سەرمايە قىلىپ پاي سالغان، بۇنى ئوچۇقلاشتۇرغاندىن كېيىن: سىلەردىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ئاتامنىڭ بۇ ماللىرى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ ياكى ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مالمۇ؟، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان بولساممۇ ئاز مائاش ئالىمەن، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن، ئالغان مائاش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى قامداشقا يېتىدۇ، مەن، ھەمشىلىرىم، ئانام ئاتامنىڭ مۇشۇ ماللىرىدىن پايدىلانساق توغرا بولامدۇ؟، ئاتام بىزگە ئۇ مالدىن خىراجەت قىلىپ بېرىدۇ، ئاتام يەنە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇ مالنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى سەرپ قىلىپ ماڭا ھەمشىرىلىرىمنىڭ ھەر بىرىمىزگە ئايرىم ئۆي ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاتامنىڭ ئېلىپ بېرىدىغان ئۆيىنى ۋە بەرگەن ماللىرىنى قوبۇل قىلىمەنمۇ ياكى رەت قىلىمەنمۇ؟.  بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەتراپقا كەڭ تارقالغان، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان تىجارەت سۇغۇرتىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك قىلىنمايدۇ، بۇ شەرىئەت پرىنسىپىغا خىلاپ، ئالداش ۋە قىمار شەكلىگە قۇرۇلغان كېلىشىمدۇر، ئۇنىڭ بەزى تۈرلىرىدە كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز مەجبۇرى ھەق ئالىدۇ، بۇ كېلىشىمدە تۈرلۈك يامانلىقلار جۇغلانغان، دىنى ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۇلارنىڭ قارشىسىدا بۇنى توغرا دېگەنلەر ئاز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

ئىككىنچى: خىزمەت ۋە ئاتىڭىزنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىدە خىزمەت قىلغىنىغا ئالغان ئىش ھەققى مەسىلىسىگە كەلسەك:  بىز ئالدى بىلەن ئاتىڭىزغا ئاللاھدىن ھەقىقى قورقۇشنى ئەسلىتىمىز، يەتمىش ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئادەم!  سۇغۇرتا شىركىتىگە خىزمەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھازىرغىچە خىزمەت قىلىۋاتسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۇ يەردە خىزمەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ قاچان ئۆز رەببىدىن قورقىدۇ، ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان خىزمەتنى قاچان تەرك قىلىدۇ؟، بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۆزىنىڭ ھايات ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟، ئۆزى ئۈچۈن مۇشۇ ياشقا يەتكەندە ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان ھالەتتە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى پۈتۈلگەن بولسا، بۇنىڭغا قانداقمۇ رازى بولىدۇ؟، بۇنداق ياشتىكى كىشىنىڭ ئورنى بولسا مەھەللىسىدىكى مەسچىت بولۇپ، ناماز ئوقۇيدۇ، قۇرئان تىلاۋېتى قىلىدۇ، دەۋەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ماكانى ھەرەم بولىدۇ، ھەج قىلىدۇ، ئۆمرە قىلىدۇ، ئېتىكاپ قىلىدۇ، رەببىگە ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ماكانى ھەرگىزمۇ قىمار سودىسىغا قۇرۇلغان شىركەت ئەمەس، ئۇنىڭ مەقسەت قىلىدىغىنى قانداق قىلغاندا يېڭى ئابونىلارنى جەلىپ قىلىش ۋە باشقىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىگە ھىدايەت ئاتا قىلىشنى، ھاياتىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمىز.

ھارام خىزمەتنى قىلىش ئارقىلىق كەسىپ قىلغان مالغا كەلسەك:  بۇ خىزمەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرى بولسا ھالال بولىدۇ، يەنى شۇ جەرياندا ئالغان مائاش، مۇكاپات، كاماندروپكا پۇللىرىنىڭ ھەممىسى ھالال بولىدۇ، ئەمما ئۇ خىزمەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئالغان پۇللار بولسا ھارام بولىدۇ، يەنى شۇ جەرياندا ئالغان مائاش، مۇكاپات، كاماندروپكا پۇللىرىنىڭ ھەممىسى ھارام بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىنىڭ بۇ توغرىدا بەرگەن بەزى جاۋاپلىرى مۇنداق:  سىزنىڭ جازانە بانكىسى ۋە شىركىتىدە تۇرغان ياكى خىزمەت قىلغان مۇددىتىڭىزدىكى خاتالىقلىرىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بۇ خىزمەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئالغان مائاش ۋە باشقا توپلىغان پۇللىرىڭىز توغرىسىدا سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، يەنى  ھالال بولىدۇ.

پەتىۋادا: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپى، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان.شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"  15 -توم 46 -بەت. ]

بۇ پەتىۋا ھۆكمىنى بىلمەستىن بانكا ۋە سۇغۇرتا شېركىتى دېگەندەك جازانە مۇئامىلىلىرى بولىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنچىلىك بىر ئادەم ئىشلەۋېرىڭ دۇرۇس بولىدۇ دېگەن بولسا، بۇ تۈردىكى ھەر بىر كىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ھالال بولىدىغانلىق شەرتىنى ئاتىڭىز ئىلىپ كەلمىدى، ئۇ بولسىمۇ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ خىزمەتنى تەرك قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن قول ئۈزۈشتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى ئالغان نەرسىنىڭ ھالال بولىشى ئۈچۈن ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن ھارام ئىشتىن قول ئۈزۈشنى شەرت قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». [سۈرە بەقەرە 275 -ئايەت].

ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار: ئىنسان جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئالغان نەرسىلەر ھالال بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى ئۇ كىشى بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن بۇنىڭدىن دەرھال يېنىپ تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ".  ["بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى"  3 -توم 377 -بەت. ]

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىمۇ مۇشۇ سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن، ئۇلارنىڭ 106610- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىكى پەتىۋاسىغا قارالسۇن.

ئەمما ئۇ جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، ئۇ تۈردە خىزمەت قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئۈچىنچى:  ئەمدى ھارام خىزمەتنى قىلىپ ھارامدىن كەسىپ قىلىپ پۇل تاپقانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئاستىدىكى پەرزەنتلەر ۋە ئاياللىرىغا ئۇ كىشى تەرىپىدىن قىلىپ بېرىلگەن خىراجەتلەر ھارام بولمايدۇ، ئۇنىڭ گۇناھى بولسا ھارامدىن مالنى كەسىپ قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىلارنىڭ ھارام يول بىلەن مال كەسىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەھۇدىينىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ تامىقىنى يېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىمىز.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئاتام(ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلسۇن) جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلاتتى، بىز ئۇنىڭ مېلىدىن يېدۇق، ئىچتۇق، خىراجەت قىلدۇق بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بىزگە ئاتامنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن باشقا يەنە چوڭ ئاچامنىڭ ئالغان ئىش ھەققى بار، بىز چوڭ ئائىلە بولۇپ خىراجىتىمىزنى ئاچامنىڭ ئىش ھەققىدىن ئالساقمۇ بولامدۇ ياكى ئاچامغا نىسبەتەن بىزگە خىراجەت قىلىپ بېرىش ۋاجىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتامنىڭ ئىش ھەققىدىن ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مېنىڭچە: سىلەر خىراجەتنى ئاتاڭلارنىڭ ئىش ھەققىدىن ئىلىڭلار بۇ سىلەرگە سىڭىشلىك بولىدۇ، جاپاسى ئۇنىڭغا بولىدۇ، چۈنكى سىلەر ئاتاڭلاردىن ھەقلىق بولغان مالنى ئالىسىلەر، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ نەزىرىدە مال، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مال ئەمەس، سىلەر ئۇنى ھەققى بىلەن ئالىسىلەر، گەرچە مالغا ئېرىشىش جەريانىدا چارچاش، بەدەل تۆلەش ۋە ئۇنىڭ گۇناھى ئاتاڭلارنىڭ ئۈستىگە بولسىمۇ بۇ سىلەرگە مۇھىم ئەمەس، يەھۇدىلارنىڭ جازانە قىلىدىغان، ھارام يەيدىغانلىقىنى ئېنىق تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىينىڭ سوغىسىنى قوبۇل قىلغان تامىقىنى يېگەن، ئۇنىڭدىن مال سېتىۋالغان، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇرۇس يول بىلەن يېگەن، مالغا دۇرۇس يول بىلەن ئىگە بولسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، بۇنىڭ مىسالى:  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن خىزمەتچىسى"بەرىيرە"گە گۆش سەدىقە قىلدى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىردى، قارىسا قازاندا گۆش قايناۋاتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق ئەكىلىڭلار دېدى، ئۆيدىكىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گۆش ئەكەلمەي باشقا يېمەك ئەكەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام«قازاندا گۆش كۆرگەنتىمغۇ؟»دېدى، ئۇلار: شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! لېكىن بەرىيرىگە سەدىقە قىلغان گۆش ئېدى دېيىشتى(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە يېمەيتتى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ گۆش بەرىيرىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بىزگە ھەدىيە بولىدۇ»دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە يېيىش ھارام بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇ گۆشنى يېدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سەدىقە دەپ ئالمىدى بەلكى ئۆزىگە قىلىنغان ھەدىيە دەپ ئالدى.

ئاۋۇ قېرىنداشلارغا دەيمىزكى: ئاتاڭلارنىڭ مېلىدىن سىڭىشلىك، كۇپايە قىلغۇدەك يەڭلار، ئۇنىڭ ۋابالى ۋە گۇناھى ئاتاڭلارغا بولىدۇ، ئاللاھ ئاتاڭلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىپ، تەۋبە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ". [ "ئايلىق ئۇچرىشىش"  16 -نومۇر 45-بۆلۈم].

مۇشۇ ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مالنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك: سىلەرگە بۇ مالدىن بېرىلسە ئۇنى سىڭىشلىك ئىستىمال قىلىڭلار، سىلەرگە بېرىلگەن مال نەخ پۇل بولسۇن ياكى ئۆي-زېمىن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش.

ئاتاڭلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن سىلەرگە قالدۇرۇپ تەرىكىگە كەلسەك: سىلەرگە مىراس قالدۇرۇلغان مالنىڭ قاتارىدا باشقىلاردىن زۇلۇم قىلىپ ئېلىنغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىگىسى كېلىپ قالسا ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئىگىسى بولمىسا ياكى ئىگىسىنى تېپىش مۇمكىن بولمىسا، تەرىكىنىڭ ئېچىدىن مۇشۇ مىقداردىكى مالنى ئايرىپ ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەدىقە قىلىۋېتىڭلار، ئۆزى ھارام بولغان مالنىڭ ھۆكمى شۇنداق بولىدۇ، ئەمما خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھارام مال سىلەرگە ھالال بولىدۇ، ئاتاڭلارغا ھارام بولىدۇ، بۇنى يۇقىرىدا شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدىمۇ بايان قىلدۇق، لېكىن ئىمكانىيەت بولسا بۇنىڭدىنمۇ ساقلانساڭلار ۋە ئۇنىمۇ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىۋەتسەڭلار  ياخشى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش سىلەرگە كەسكىن ۋاجىپ ئەمەس.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: جازانە قىلىدىغان ئادەم ماللىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى قالدۇرۇپ دۇنيادىن كەتتى، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسى پەرزەنتلىرىگە ھالال بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: "ئۇ مالدىن پەرزەنتلەر جازانىدىن كەلگەن دەپ بىلگەنلىرىنى مىراس ماللىرى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ، مۇمكىن بولسا ئۇ ماللارنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا، سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، مالنىڭ قالغانلىرى ئۇلارغا ھارام بولمايدۇ بەلكى ھالال بولىدۇ".

لېكىن شەكلىك بولۇپ قالغان مالنى:  بۇ ماللار قەرز ئادا قىلىش ياكى تۇرمۇش خىراجەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنمىغان بولسا، ئۇنى قويۇپ قويۇش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ماللارنى ئاتا بەزى پىقھى ئالىملىرى رۇخسەت قىلغان جازانە مۇئامىلىسى بىلەن ئالغان بولسا، ۋارىسلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ھالال مال بىلەن ھارام مال ئارىلىشىپ كېتىپ ئۇنىڭ مىقدارىنى بىلەلمىسە، مالنى ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى ھالالغا، يېرىمىنى ھارامغا چىقىرىدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 28 -توم 307 -بەت.]

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھارام مال كەسىپ قىلىپ تەربىيىلىشى توغرا بولمايدۇ، سوئال سورىغۇچى بۇنى بىلىدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ بىر خاتالىقى يوق، گۇناھ-خاتالىق ئاتىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ.

ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ھەممىسى ئوغۇرلانغان مالدىن ئېلىنغان بولسا، ۋارىسلار مېلى ئوغۇرلانغان كىشىنى بىلسە،  ئۇلارغا ئوغۇرلانغان مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئىگىسى بىلىنمەيدىغان-ئېنىقسىز-بولسا، ئۇ ماللارنى مال ئىگىسى نامىدىن مەسچىت رىمونت قىلىش، پەقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش دېگەن ياخشىلىق ئورۇنلىرىغا سەرپ قىلىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ، بىز بۇنى يۇقىرىدىمۇ بايان قىلدۇق".

پەتىۋادا: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپى، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  26 -توم 332 -بەت.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
ئەسلى ھارام بولغان مال ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش، ئۇنىڭدىن ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ۋە مىراس ئېلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ