پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىھرامدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

سۇئال

ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن چەكلىنىش زۆرۈر بولغان ئىشلار قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئېھرام كىيگەندىن كىيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئەسلىدە ئۇ دۇرۇس بولسىمۇ ئىنسان ئېھرام كىيگەنلىكى سەۋەبىدىن قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1-بېشىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُتەرجىمىسى: قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].

ئالىملاربەدەننىڭ باشقا جايلىرىنىڭ مويلىرىنى ئىلىش، تىرناقنى ئىلىش ۋە قىسقارتىشنى بېشىنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇشنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىغان.

2-ئېھرامنى كىيىپ نىيەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن بەدىنىگە بولسۇن ياكى ئېھرام كىيىمىگە بولسۇن ياكى يېمەك-ئىچمەك ياكى يۇيۇنىدىغان ۋاقىتتا ئومۇمەن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېھرامنى كىيىپ نىيەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا، ئېھراملىق ھالەتتە تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەققىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ كىشىنى سۇ بىلەن سىدىر دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇيۇڭلار، ئۆزىنىڭ ئىككى پارچە ئېھرام كىيىمى بىلەن كىپەنلەڭلار، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭلار. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

3-ئېھرام كىيگەندىن كىيىن ئەر-خوتۇننىڭ جىنسى ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ تەرجىمىسى: ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت].

4-ئايالىنى شەھۋەت بىلەن قوچاقلىماسلىق. بۇمۇيۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان جىنسى ئالاقە قىلماسلىق دېگەن ھۆكۈمنىڭ قاتارىدىن، چۈنكى ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ توي قىلىشى ۋە ئاياللارغا توي تەكلىپى قويۇشى چەكلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرنىڭ ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىشى ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ.

5-ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].

ئېھراملىق كىشىنىڭ ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە ئېھراملىق بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ھالەتتە بولسۇن دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەرەپات دائىرىسىدە ئېھراملىق بولسىمۇ دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇش ئوت-چوپلەرنى يۇلۇش قاتارلىق ئىشلار ھەرەمگە ئالاقىدار ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېھرام بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق.

6-ئېھرام كىيگەندىن كىيىن ئەرلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن: ئەرلەر كۆينەك، قالپاق، ئىشتان، سەللە ۋە ئۆتۈك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك. چۈنكى بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئېھراملىق كىشى قايسى كىيىملەرنى كىيىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئېھراملىق كىشى كۆينەك، قالپاق، ئىشتان، سەللە ۋە ئۆتۈك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيمەيدۇ دېگەن ۋە ئاستى تەرەپنى ئورايدىغان نەرسە تاپالمىغان كىشى ئىشتان كىيسە بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاياغ تاپالمىغان كىشى ئۆتۈك كىيسە بولىدۇ، دېگەن.

يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان بەش تۈرلۈك نەرسىنى ئالىملار ئىنسان جىسمىغا ئۆلچەپ تىكىلگەن دەپ بۇنى يىڭنىدە تىكىلگەن نەرسىلەر دەپ ئىپادىلەيدۇ، كۆپچىلىك ئىنسانلار سەللە دېگەن يىڭنىدە تىكىلمىگەن ئۇنى شۇنداقلا ئورايدۇ دەپ قارايدۇ، ئىش ئۇنداق ئەمەس، ئالىملارنىڭ مەقسەت قىلىدىغىنى ئىنسان ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ياكى بەدەننىڭ بىر قىسمىغا ئۆلچەپ تەييار قىلىپ كىيىدىغان كۆينەك، ئىشتان قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىبارەت، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئىنسان تەييار رەختنى چاپاننىڭ ياكى ئىشتاننىڭ ئورنىدا يۆگىسە ھېچ گەپ يوق ئەمما يىڭنىدە تىكىلمىسىمۇ تەييار توقۇلغان كۆينەكنى كىيسە توغرا بولمايدۇ.

7- ئېھرام كىيگەندىن كىيىن ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلاردىن: ئايال كىشى يۈزىگە نىقاپ تاقىماسلىق، نىقاپ دېگەن ئاياللار ئىككى كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى ئورايدىغان نەرسىدىن ئىبارەت بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن. شۇنىڭدەك يۈزىگە چۈمبەل تاقىمايدۇ. يەنى يۈزىنى ئوچۇق قويىدۇ، ئۆزىگە مەھرەم بولمايدىغان يات ئەرلەر بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا يۈزىنى شارپا ياكى چۈمبەل بىلەن يىپىۋالسا بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئېھرام كىيگەندىن كىيىن چەكلىنىدىغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ، بىلمەي ياكى باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن قىلىپ قالغان كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ تەرجىمىسى: سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈشنىمۇ ئېھرامدا چەكلىنىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ مۇنداق دېدى: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌوَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِّثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر. [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].

بۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان كىشىگە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنىڭدەك مەجبۇرلانغان كىشىگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَن كَفَرَ بِاللَّـهِ مِن بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلَّا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالْإِيمَانِ وَلَـٰكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْرًا فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللَّـهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا - كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ. [سۈرە نەھل 106-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتە كۇپىر سۆزىنى دىيىشكە مەجبۇرلانغان كىشى، ئەگەر ئۇ سۆزنى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ دېيىلگەنلىكتىن، باشقا ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلانسا ئەلۋەتتە گۇناھ بولمايدۇ.

يۇقىرىقى ئىشلارنى ئۇنتۇغان ھالدا سادىر قىلغان كىشى ئېسىگە ئالغاندا ياكى باشقىلار ئەسلەتكەندە، دەرھال ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭدەك بىلمەي قىلغان كىشىمۇ بىلگەن ۋاقىتتا دەرھال ئۇ ئىشتىن چەكلىنىشى لازىم. مەجبۇرلانغان كىشىمۇ مەجبۇرلىنىدىغان ئامىللار يوقالغاندا دەرھال قول ئۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭ مىسالى: ئېھراملىق كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ بىشىنى ئورىۋالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەندە دەرھال بىشىنى ئاچىدۇ، قولىنى پۇراقلىق نەرسە بىلەن يۇغان بولسا ئېسىگە كەلگەن دەرھال قولىنى شۇ پۇراق تۈگىگىچە يۇيىدۇ.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "مەنارۇل ئىسلام" ناملىق ئەسىرى 2-توم 391-394-بەتلەر]