"بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى خاتا ۋە زور گۇناھدۇر، ئەراپاتتىن كېيىنمۇ بىر قانچە كۈن غۇسۇل-تاھارەت ئالماستىن ناماز ئوقۇپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى قوبۇل قىلمايدۇ». ئۇ كىشىگە غۇسۇل-تاھارەت ئالماستىن ئوقۇغان بارلىق نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمما قىلغان ھەججىگە كەلسەك، ئۇ كىشى پەرز تاۋاپنى (ئىپازە تاۋىپىنى) قايتىدىن قىلىشى كېرەك، ئۇ كىشى ئەمەلىيەتتە پەرز تاۋاپنى جۇنۇپ ھالەتتە قىلغان بولۇپ، جۇنۇپ ھالەتتە قىلىنغان تاۋاپ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى جۇنۇپ ئادەمنىڭ مەسچىتتە تۇرىشىمۇ چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ تەرجىمىسى: «جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار». [سۈرە نىسا 43-ئايەت].
ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئايالى بولسا، بۇ كىشى مەككىگە قايتىپ پەرز تاۋاپنى قايتىدىن ئادا قىلمىغۇچە ئايالىدىن يىراق تۇرسۇن(جىنسى مۇناسىۋەت ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلمىسۇن)، بۇ ھالەتتىكى ئادەم بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆمرىگە ئېھرام كېيىپ كېلىپ تاۋاپ ۋە سەئيە قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇنۇپ ھالەتتە ئادا قىلغان پەرز تاۋاپنى قايتىدىن ئادا قىلسۇن، مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، كەمچىللىك سادىر قىلغانلىقى، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز تەكرارلىمايدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ چىن دىلىدىن سەمىمى تەۋبە قىلسۇن".
"ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 363-364-بەت.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.