شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

چەكلەنگەن ئىشلاردا مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بەزى كىشىلەرنىڭ: شىم، ۋە شىم-كاستۇم كىيىش ھارام چۈنكى ئۇ كاپىرلارغا ئوخشىۋالغانلىق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، بۇ گەپ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھ تائالا مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا ئوخشىۋېلىشىنى ھارام قىلدى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمكى يات بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4031-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشنىڭ ھاراملىقى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى-خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلار ئورتاق بولمايدىغان ئىشلاردا بولىدۇ.

خۇسۇسىيەت دېگەن سۆزنى ئوچۇقلاشتۇرغاندا: ئەگەر بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى كۆرۈنسە، ئەلۋەتتە ئۇ كىشى توغرىسىدا:" بۇ ئوخشاپ قىلىش چەكلەنگەن كىشىلەردىن ئىكەن دېيىلىدۇ، بۇ پەقەت مۇشۇ كىشىلەرلا قىلىدىغان ئىشلارغا خاس بولىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: پەقەت مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قىلىش سەۋەبىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھۆكمى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋە ئورۇننىڭ ئالمىشىشى بىلەن، ئۆرپ -ئادەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن   پەرقلىق بولىدۇ.

     ئەگەر كىيىمنىڭ مۇشۇ تۈرى پەقەت كاپىرلار يۇرتىدىلا كىيىلىدىغان بولسا، بۇنى مۇسۇلماننىڭ ئۇ شەھەردە كىيىشى ھارام بولىدۇ، ئەمما باشقا يۇرتتا بۇنى مۇسۇلمان ۋە كاپىرمۇ كىيىدىغان بولسا بۇنى ئۇ شەھەردە كىيىش دۇرۇس بولىدۇ.

   شىم ۋە شىم-كاستۇم قاتارلىق كىيىملەر بۇ كاپىرلارغا خاس كىيىم ئەمەس، بەلكى بۇ كىيىملەرنى مۇسۇلمانلار ھەممە شەھەردە كىيىدۇ، بۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىي كىيىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى كىيىش بىلەن كاپىرغا ئوخشاپ قالغان بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: شىم ۋە شىم-كاستۇم قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىش دۇرۇس بولىدۇ.  

    بىز يۇقىرىدا شىم ۋە شىم-كاستۇم قاتارلىق كىيىملەرنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا دائىمىي كومىتېت ھەيئىتىنىڭ 105412-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا ۋە 105413- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش مەسىلىسىدىكى  قائىدە نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كاپىرلار ئوخشاپ قىلىش سىرتقى كۆرۈنۈشتە، كىيىم-كىچەكتە، يىمىك-ئىچمەكتە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا بولىدۇ. ئوخشاپ قىلىش دېگەن ئومۇمى سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان كاپىرلارغا خاس بولغان بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ كاپىرلارنىڭ ئىشىدىن دەپ قارىسا، مانا بۇ ئۇنىڭدىكى قائىدە، ئەمما مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ كەتكەن ئىشلار بولسا، بۇنىڭدا ئوخشاپ قىلىش خاتا بولمايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئەسلى كاپىردىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيگىنىدەك ئۆزى ھارام بولمىسا بولىدۇ". ["مەككە ھەرەم دەرسلىرى ۋە پەتىۋالىرى" 3-توم 367-بەت].

    كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىكى ئۆلچەم نېمە؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىكى ئۆلچەم  كاپىرلارغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلىش، مۇسۇلمان كاپىرغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلىش، ئەمما جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان، مۇسۇلمان ۋە كاپىرلار ئورتاق بولىدىغان، ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئوخشاپ قالغانلىق بىلەنلا ھارام بولمايدىغان بەلكى ھاراملىقى يەنە بىر تەرەپتىن بولغان  ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر، بىز ھازىر بايان قىلغان بۇ سۆزلەر ئوخشاپ قىلىش دېگەن سۆزنىڭ دالالىتى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلاردۇر. پەتھۇل بارىنىڭ ساھىبى بۇ سۆزنىڭ ئوخشىشىنى بايان قىلىپ 10-توم 272-بەتتە مۇنداق دېگەن: "سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى بېشىنىمۇ ئورايدىغان كىيىمنى بۇ راھىبلارنىڭ كىيىمى دەپ كىيىشنى ياقتۇرمىغان. بۇ توغرىدا ئىمام مالىكتىن سورالغاندا، كىيسە بولىدۇ دېگەن. بۇ خرىستىئانلارنىڭ كىيىمى دېيىلگەندە، بۇ كىيىم بۇ يەردىمۇ كىيىلىدۇ دېگەن". 

    مەن ئىبنى ئۇسەيمىنگە: "ئەگەر ئىمام مالىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئېھراملىق كىشى كۆينەك، سەللە، ئىشتان، باشنى ئورايدىغان چاپان قاتارلىق نەرسىلەرنى كىيمەيدۇ» دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلغان بولسا ئەلۋەتتە ياخشى بولغان بولاتتى دېدىم.

    يەنە پەتھۇلبارى 1-توم 307-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بىر ئاتقا مىنگەندە ئاستىغا پەي ياستۇق قويۇپ ئولتۇرۇشتىن چەكلەش بولسا، دىنى مەنپەئەت تەرەپتىن ئەجەملەرگە ئوخشىۋالغانلىقتىن، لېكىن ئۇ ئەجەملەرنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ۋاقىتلىرىدىكى شوئارى ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ شۇئارىغا خاس بولغان بۇ ئىش داۋام قىلمىغاندىن كېيىن ئوخشىۋېلىش دېگەن مەنا يوقالدى، ياقتۇرماسلىقمۇ ئاخىرلاشتى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   "ئەقىدە پەتىۋالىرى" 245-بەت. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى