جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاۋاپ بىلەن سەئيىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان بەلگىلەنگەن ۋاقىت بارمۇ؟

سۇئال

 تاۋاپ بىلەن سەئيىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان بەلگىلەنگەن ۋاقىت بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تاۋاپ بىلەن سەئيىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان بەلگىلەنگەن ۋاقىت يوق، تاۋاپنى قىلىپ بولۇپلا سەئيىنى قىلىش شەرت ئەمەس، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپ بىلەن سەئيىنى ئارقىمۇ-ئارقا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تاۋاپنى ئەتتىگەندە قىلىپ سەئيىنى كەچتە قىلسىمۇ بولىدۇ، ياكى تاۋاپنى قىلىۋېتىپ سەئيىنى بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا خاتالىق بولمايدۇ، چۈنكى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇلاپ قىلىش پەرىز ياكى ۋاجىپ ئەمەس". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 421-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى