4,080

تەراۋىھ نامىزىدا ئاجىز، بىمار، ياشانغان قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 106526

ئىمامنىڭ تەراۋىھ نامىزىدا ئاجىز، بىمار، ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قېلىشى تەلەپ قىلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇنداق قېلىش تەراۋىھ نامىزى ۋە باشقا پەرز نامازلارنىڭ ھەممىسىدە تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قايسىڭلار كىشىلەرگە ئىمام بولساڭلار، نامازنى يەڭگىل ئوقۇسۇن چۈنكى جامائەتنىڭ ئارىسىدا، ئاجىز،ياشانغان، ھاجەتمەنلەر ۋە كېچىك بالىلار بار». ئىمام جامائەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلىشى، رامىزاندا تەراۋىھ ۋە ئاخىرقى ئون كۈندىكى تەھەججۈت نامازلىرىدا ئۇلارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. چۈنكى جامائەت ئارىسىدىكى كىشىلەر ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنى تەراۋىھ نامىزىغا كېلىشكە قىزىقتۇرۇشى لازىم. ئەگەر ئىمام جامائەتكە ئېغىر كىلىدىغان ھالەتتە قىيام، رۇكۇ، سەجدىلەرنى ئۇزۇن قىلىۋەتسە، ئۇلارنى نامازغا كېلىشتىن ئۈركۈتۈپ قويسا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى نامازغا رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇرۇن كېلىشكە قىزىقتۇرۇپ، بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمىسىمۇ بىرئاز قىسقىراق ئوقۇشى لازىم. كىشىلەر نامازنى خۇزۇ-خۇشۇ بىلەن، ئارامدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ، بۇ شەكىلدە ئازراق ئوقۇلغان ناماز (رەكەت سانىدا) خۇزۇ-خۇشۇ بولمىغان، كىشىلەردە خوش ياقماسلىق، ھورۇنلۇق ۋە زېرىكىش پەيدا قىلغان (كۆپ ئوقۇلغان) نامازدىن ياخشىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android