ئەسلىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىگە خەتنە قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭمۇ خەتنىسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنلا خەتنىسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ياكى باشقا ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا خەتنە قىلىشنى كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىسلام قەلبىگە ئورناشمىغان ھالەتتە بەزى ئىشلارنى كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋالغانلىقىدىن ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن خەتنىسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرۈشتىن كېلىپ چېقىدىغان پاساتچىلىق يەڭگىل ۋە ئاز بولىدۇ .
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: ئىسلام مەركەزلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاپ ناملىق ماقالىسى 1-توم 4-بەت.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.