جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار ھالىتىدە نىپاسنىڭ قىنى كەلسە قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال

   ئايال نىپاستىن بىر ھەپتىدە پاكلىنىپ، رامىزان ئېيىدا بىر قانچە كۈن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە روزا تۇتقان بولسا، ئاندىن يەنە قان كەلگەن بولسا، بۇ ھالەتتە روزىسىنى بۇزامدۇ؟، ئىلگىرى روزا تۇتقان كۈنلىرىنىڭ ۋە روزىنى بۇزغان  كۈنىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     نىپاسدار ئايال قىرىق كۈنىدە پاكلىنىپ، بىر قانچە كۈن روزا تۇتقاندىن كىيىن يەنە قايتا قان كەلگەن بولسا، ئۇ ئايال قىرىق كۈننى تاماملاپ پاك بولغانغا قەدەر نىپاسدار ھالەتتە بولىدۇ، بۇ جەرياندا نامازنى ۋە روزىنى تەرك قىلىدۇ، قىرىق كۈننى تاماملىغاندىن كىيىن گەرچە تولۇق پاكلانمىسىمۇ يۇيۇنۇپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى قىرىق كۈن دېگەن ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا نىپاسنىڭ ئاخىرقى مۇددىتىدۇر. قىرىق كۈن توشقاندىن كىيىن ئۇ ئايال قان تولۇق ئۈزۈلگەنگە قەدەر ھەر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، قىرىق كۈندىن كىيىن گەرچە پاك بولمىسىمۇ يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقتىدىكى قان بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك نامازدىن، روزىدىن ۋە يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمايدىغان قان ھېسابلىنىدۇ.

    لىكىن قىرق كۈندىن كىيىن كەلگەن قان ئۇ ئايال ئادەت كۈنلىرىگە مۇۋاپىق كېلىپ قالسا، بۇ ھەيزنىڭ قىنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئايال ھەيزدار دېيىلىدۇ، نامازنى ۋە روزىنى تەرك قىلىدۇ.

     ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 146-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى