3,097

يۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ

سوئال: 10394

چېچىمنى ۋە يۈزۈمنى ئوچۇق قويۇپ روزا تۇتسام روزام توغرا بولامدۇ؟ خىزمەتكە بارغان ۋاقتىمدا چېچىم، بوينۇم ۋە قوللىرىم ئوچۇق قالىدۇ، باشقا جايلىرىمنى يۆگەيمەن بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھغا خاستۇر.

روزىڭىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تولۇق قوبۇل بولىشى ۋە ھەسسىلەپ ساۋاپقا ئىگە بولىشىڭىز ئۈچۈن يات ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا تولۇق ھىجابلىق يۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئىبادەتنىڭ تەقەززاسى تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ناماز ۋە باشقا ئەمەللەرمۇ شۇنداق بولىدۇ.

مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ ھىجابنى تەرك قىلىپ تۇرۇپ روزا تۇتسىمۇ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. ئەمما ھىجابنى تەرك قىلغاننىڭ گۇناھى بولىدۇ. قىز-خانىملارنىڭ چېچىنى ئوچۇق قويۇشى روزىنىڭ بۇزۇلۇشىغا تەسىرى بولمايدۇ. لېكىن تولۇق ھىجابقا كىرمەسلىك ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ئاللاھ بۇنىڭ جازاسىنى بېكىتكەن.

بىز سىزنى ۋە باشقا قىز-خانىملارنىمۇ ئاللاھنىڭ: مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرى پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن. ۋە تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. ۋە لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا نەسىھەت قىلىمىز.

ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ مۇبارەك ئايدىن ھاسىل بولىدىغان تەقۋادارلىققا نائىل قىلسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android