بىرىنچى: ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش بولسا ئىسلام دىنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن تەبىئىي سۈننەتلەردىن بىرىدۇر، ئىلگىرىكى دىنلارمۇ بۇنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش، تىرناقنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش قاتارلىقلار تەبىئىي سۈننەتلەردىندۇر». [بۇخارى رىۋايىتى5890 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى261-ھەدىس].
يەنە بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئەڭ كۆپ بولغاندا قىرىق كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت بەلگىلەپ قىرىق كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان». [مۇسلىم رىۋايىتى 258 -ھەدىس].
ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاللانغان ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە بەلگىلەپ بەرگەن قىرىق كۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ، قىرىق كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئېلىشقا تىگىشلىك ئورۇنلارنىڭ تۈكلىرى بەك ئۇزۇراپ كەتسىمۇ قىرىق كۈندىن بۇرۇن ئالمىغان كىشى سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ". [ "نەيلۇل ئەۋتار" 1 -توم 143-بەت].
يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن: ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىشنى قىرىق كۈنگىچە كېچىكتۈرسە بولىدۇ، ئەمما قىرىق كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ.
مۇسۇلمانغا ئاللاھ تائالانىڭ قانۇن-پرىنسىپلىرىنى ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر». [سۈرە ھەج 30 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوب تەرجىمىسى: «كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر». [سۈرە ھەج 32 -ئايەت].
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئېرى شەخسى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە، ئەقىلگە ۋە ساغلام تەبىئەتكە زىت ھالەتتە چارىپايلارغا ئوخشاپ قالسا، ئايالىنىڭ بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىدۇر، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش دېگەندىن، بەدەننى پاكىزلاش، ئارىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇيغۇلىرىغا رىئايە قىلىش دېمەكتۇر. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارى"دا مۇنداق دەيدۇ: " بۇ تەبىئىي پىترەتلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەر ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ ئېشىنىش بىلەن بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: كۆرۈنىشى گۈزەل بولۇش، بەدەن ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي تەرەپتىن پاكىزە بولۇش، ناپاكلىكتىن ئېھتىيات قىلىش، ئارىلاشقان، بىرگە يۈرگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا يىرگىنىشلىك پۇراقلار بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى تارتىش، ئاتەشپەرەس، يەھۇدى، ناسارا ۋە بۇتقا چوقۇنىدىغان كاپىرلارنىڭ ھەيئىتىگە ئوخشىمايدىغان بولۇش، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇش ۋە ئاللاھ تائالا گۈزەل ياراتقان شەكلىنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىقلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا سىلەرنى سۈرەت-شەكىلگە كەلتۈردى، سۈرىتىڭلار-شەكلىڭلارنى گۈزەل قىلدى».
ئۆزىنىڭ تەبىئىي خىسلەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشمۇ ئۆزىنىڭ گۈزەل شەكلىنى، ھەيئىتىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ گوياكى، سىلەرنىڭ سۈرىتىڭلار، شەكلىڭلار گۈزەل قېلىندى، ئۇنى ئەخلاقسىزلىق، شەخسى تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك دېگەندەك قەبىھ ئىشلار بىلەن سەتلەشتۈرمەڭلار دېمەكتۇر.
ياكى چىراي-شەكلىڭلارنىڭ گۈزەللىكىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار، ئېسىللىك، مۇرۇۋۋەتنى ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار، چۈنكى ئىنسان گۈزەل بىر شەكىلدە كۆرۈلسە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا مايىل بولىدۇ، سۆزلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، پىكىر-قاراشلىرى ئالقىشلىنىدۇ، ئەگەر قەبىھ-سەت رەتىسىز بولسا، ئىشمۇ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ".
بۇ ئايالغا نەسىھەت قىلىش زۆرۈر، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ساغلام تەبىئىتىگە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ۋە قانۇن -پرىنسىپلىرىنى ئۇلۇغلاشقا قايتسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھۆكۈملەرنى مۆمىنلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە يېتىشى ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ غەيرى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە باراۋەر بولىشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، ياخشى بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟». [سۈرە مائىدە 50 -ئايەت].
ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل ۋە گۈزەل ھېچ بىرى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ياخشى-ئەۋزەل دەپ ئويلاپ قالغان كىشى ئىمانىنى تەكشۈرۈپ باقسۇن.(بۇ چۈشەنچە ھەتتا ئىنساننى دىندىن چىقىرىدۇ).
ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەنگە سالامەتلىك تىلەيمىز.