جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كاپىرلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلىنى يېيىش ۋە ئۇلارنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

34496

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 10548

سۇئال

مەن جۇڭگوغا كىلىشتىن بۇرۇن ، كاپىرلار بوغۇزلىغان ، ياكى توغىرسى ئۇلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى مۇسۇلماننىڭ يېيىشىگە بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم . بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتتا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر كىچىك ئاشخانا بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا گۆشلەر تېپىلىدۇ . لىكىن مەن ئۇنىڭ ئىسلامى ئۇسۇلدا بوغۇزلانغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ۋەئۇنىڭدىن شەكلىنىمەن ، مەلۇمكى ، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئوخشاش شەكلەنمەيدۇ ۋە ئۇنى يەيدۇ . ئۇلار توغرىنى قىلىۋاتامدۇ ياكى ھارامنى يەۋاتامدۇ ؟ ۋە شۇنىڭدەك تاماق قاچىلىرىغا نىسبتەن ، مۇسۇلمانلارنىڭ قاچىلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ قاچىلىرى ئارىسىدا پەرق يوق . بۇ ئىشلارغا قارىتا مەن نىمە قىلىشىم لازىم ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلاردىن ئىبارەت ساماۋى كىتاپ كىشىلىرىدىن باشقا كاپىرلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلىنى يىيىشكە بولمايدۇ ، مەيلى ئۇ مەجۇسىي ، ياكى بۇتپەرەس ، ياكى كوممۇنىسىت ياكى باشقا تۈردىكى كاپىرلار بولسۇن . ھەمدە شورپا ۋە باشقا ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلى ئارلاشقان نىمىمۇ ھەم . چۈنكى ئاللاھ بىزگە كىتاپ كىشىلىرىنىڭ تائامىدىن باشقا كاپىرلارنىڭ تائامىنى بىزگە رۇخسەت قىلمىدى : ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﻻﻟﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﺎﻻﻟﺪﯗﺭ . ئايەت .
ئۇلارنىڭ تائامى بولسا : ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغان مىلى ، خۇددى ئىبنۇ ئابباس ۋە باشقىلار ئېيىتقاندەك .
مىۋە-چىۋە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلىرىغا كەلسەك ، ئۇنىڭدا ھىچنىمە بولمايدۇ . چۈنكى ئۇ ھارام قىلىنغان تائام دائىرسىدە ئەمەس . مۇسۇلمانلارنىڭ تائامى بولسا ئۇ مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارغا ھالال ، ئەگەر ئۇلار پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقىلارغا دۇئا قىلمايدىغان بولسا . مەسىلەن ، پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالار( ئۇلۇغ كىشىلەر) ،قەبرىدىكىلەر ۋە باشقا كاپىرلار ئىبادەت قىلىدىغان نىمىلەر .
قاچا-قۇچىلارغا كەلسەك ، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ تائاملىرىغا ، ھاراقلىرىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان قاچىلىرىدىن باشقا ئايرىم قاچىلىرى بولۇشى لازىم . ئەگەر ئۇلار تاپالمىسا ، مۇسۇلمان ئاشپەزلەر كاپىرلار ئىشلىتىدىغان قاچىلارنى يۇيىۋىتىپ ئاندىن مۇسۇلمانارنىڭ تائامىنى ئۇنىڭغا قويۇشى كىرەك ؛ ئىككى سەھىيھتە ئىسپاتلاندىكى ، ئەبۇ سەئېلەبە خەشەنىيدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ پەيغەمبەردىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇشرىكلارنىڭ قاچىلىرىدا تائام يىيىش ھەققىدە سورىغان ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا : ئۇنىڭدا يىمەڭلار ، پەقەت ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تاپالمىساڭلار ، ئۇنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدا يەڭلار . دىگەن .
ئاللاھ مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ھەمراھلىرىنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .

كتاب مجموع فتاوى ومقالات متنوعة لسماحة الشيخ العلامة عبد العزيز بن عبد الله بن باز يرحمه الله ، م/4 ، ص/435

مەنبە: www.islamqa.com