جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا ئۇنتۇغان ھالدا بىر نەرسە يەپ سالسا روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ

سۇئال

سوئال: رامىزاندا ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يەپ ياكى ئېچىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر
كىمىكى روزىدا ئۇنۇتقان ھالدا يەپ -ئىچىپ سالسا روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىردا مۇنداق دېگەن: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق( يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە، بۇ ئايەت ئوقۇلغاندا ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق قىلىمەن دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ قويغان ياكى ئىچىپ قويغان بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر.بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.
شۇنىڭدەك ئۇنتۇپ قىلىپ رامىزاندا كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قالسىمۇ مۇشۇ ئايەتنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويۇنچە ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىنىڭ روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ كۈننىڭ روزىسىنى قايتا تۇتۇش ۋە كاپارەت بېرىش يوق دېگەن، بۇ ھەدىسنى ھاكىم سەھىھ دېگەن. ھەدىستىكى" ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغان بولسا" دېگەن سۆز روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمەت، پەزلى ۋە ئېھسانىدىن ئىبارەت، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا كۆپ ھەمدۇ-سەنا ۋە تەشەككۇرلەر ئېيتىمىز
شەيخ بىن بازنىڭ پەتىۋا توپلاملىرى4-توم 193-بەت
( ئەمما رامىزاندا ئىنسان روزىدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئايالى بىرگە بولۇش كۆرەلمەيدىغان ياكى كۆرەلسىمۇ نىسبەتنى ئىگەللىمەيدىغان ئەھۋالدۇر،چۈنكى ئەر ئۇنتۇسا ئايالى ئىسىگە سىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىشى ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. -مۇھەررىر-)
 

مەنبە: www.islamqa.com