پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاندا ئانانىزىم قىلىش بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ھەققىدە

سۇئال

   مېنىڭ بىر دوستۇم سورىدى: ئۇ رامىزان ئېيىدا ئانانىزىم قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟ رامىزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇشۇ بىر كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    دوستىڭىز ئۆزىنىڭ شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ھارام ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكى ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە بايان قىلىنغان، بۇنىڭ تەپسىلاتى 329 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك بۇ ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەبىئىتى يىرگىنىدىغان، مۇسۇلمانغا لايىق بولمايدىغان ناچار ئىشتۇر.

   شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاسىيلىق، مەئسىيەت ئىنسانغا ئەگەر قىلمىشىغا تەۋبە قىلمىسا، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىزلىك ئىلىپ كېلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ.

   بۇنىڭ تەپسىلاتى -23425 ، 8861 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    بۇنداق ناچار ئادەتنىڭ زېيىنى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇ ئىنسان بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ ھەسرەتلىنىش، پەرىشان بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

   ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغان مەسىلىنىڭ ھۆكمى: ئانانىزىم قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ مەنىي چىققان بولسا، شۇ كۈندىكى روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كىرگۈچە روزىدار ھالىتىدە قالىدۇ، رامزاندىن كېيىن شۇ كۈندىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

 بۇنىڭ تەپسىلاتى 380742571 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى