پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىگىسى جازانە قەرز بىلەن سېتىۋالغان ئۆينى ئېجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

  مەن بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىدىغان ياش، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىمەن، ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇ ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغانلىقىنى بىلدىم، ئۆينىڭ كىراسى ئۆي ئېگىسى بانكىغا ئايلىق تۆلەيدىغان قەرىزدىن كۆپ، ئۇ كىشى مەن بەرگەن ئايلىق  ئېجارىدىن بانكىغا تۆلەپ ئاشقىنىنى پايدا ئالىدۇ، كۈچلۈك قارىشىمدا ئۇ كىشى بۇ ئۆينى مۇشۇ شەكىلدە ئىجارە قىلىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋاپتىكەن، مېنىڭ سوئالىم: مېنىڭ بۇ ئۆينى كىراغا ئېلىپ ئولتۇرۇشۇم گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك بولامدۇ ياكى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جازانە شەكىلدە قەرز ئېلىش كەسكىن ھارام بولۇپ، جازانە توغرىسىدا جازانە ئالغۇچى، بەرگۈچى، يازغۇچى ۋە گۇۋاھچىلىرىنىڭ گۇناھتا ئوخشاش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جازانە ئالغان، بەرگەن، يازغان ۋە گۇۋاھ بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتتە ئوخشاش دېگەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1598-ھەدىس].

   ئۆسۈملۈك قەرز ئىلىپ، ئۆي ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالسا، ئۇ كىشى قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سەمىمىلىك بىلەن تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ نەرسىلەردىن يەنى ئولتۇرۇش، سېتىش، ئېجارىگە قويۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇ ئۆينى ئېجارىگە ئېلىپ ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ، گەرچە ئۆي ئىگىسى  بانكىدىن ئۆي سېتىۋېلىش ۋە ياكى باشقا تىجارەتلەرنى قىلىمەن دەپ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان بولسا ئۇنىڭ جىنايىتى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى جازانە مۇئامىلىسى قىلدى. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن  22905 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا  ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى