جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بۇغداي ئۇنى بەرسىمۇ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بۇغداي ئۇنى بەرسىمۇ توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   پىتىر سەدىقىسىدە كىشىلەرنىڭ تەمىنات قىلىدىغان نەرسىلىرىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن بۇغداي ئۇنى بەرسىمۇ توغرا بولىدۇ.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇغداي ئۇنى بەرسە توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىن ئوچۇق دەلىل كەلگەن". ["ئەلمۇغنى" 2-توم 357-بەت].

    ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان 618- ھەدىستە، ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «ئۇلار يەنى ساھابىلار پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن ئۈچ كىلو مىقداردا بۇغداي ئۇنى بېرەتتى»، لېكىن بۇ ھەدىس زەئىپ، بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى زەئىپ دېگەن. ["ئىرۋائۇل غەلىيل" 848-ھەدىسگە قارالسۇن].

    ھەدىسنىڭ زەئىپ بولغانلىقى پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بۇغداي ئۇنى بەرسە توغرا بولمايدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، چۈنكى پىتىر سەدىقىسىدە زۆرۈر بولغان نەرسە شۇ يۇرتتىكى ئومۇمى خەلق يېمەكلىك قىلىدىغان نەرسىنى بېرىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ"ئىئلامۇل موقىئىيندا"3-توم 12-بەتتە مۇنداق دېگەن: "پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن شۇ يۇرتتىكى ئومۇمى كىشىلەر يېمەكلىك قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن بەرسە توغرا بولىدۇ دېگەن پرىنسىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، گەرچە بۇ توغرىدىكى ھەدىس زەئىپ بولسىمۇ بۇغداي ئۇنى بەرسە توغرا بولىدۇ".

    پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بۇغداي ئۇنى بەرسە توغرا بولىدۇ دېگەن قاراش، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، زامانىمىزدىكى ئالىملاردىنمۇ شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرغان. 

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"25-توم 69-بەتتە، مىرداۋىي"ئەلئىنساپ" 3-توم 180-بەتتە، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بۇغداينىڭ ئۇنىنى بەرگەن ۋاقىتتا بۇغداينىڭ مىقدارى بىلەن بېرىش كېرەك، چۈنكى بىر سا  يەنى(ئۈچ كىلو)  ئۇن، بىر سا يەنى(ئۈچ كىلو )بۇغدايدىن ئاز بولىدۇ، ئەگەر بۇغداي بىلەن باراۋەر مىقداردا ئۇن بەرسە بۇ بۇغداينىڭ مىقدارىدىن ئاز بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ". 

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ" شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 179-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بۇغداي ياكى ئارپىنىڭ ئۇنىدىن بىر سا يەنى ئۈچ كىلو بەرسە توغرا بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە ئۇننىڭ مىقدارى ئاساس بولىدۇ، چۈنكى بۇغداي ئۇن قىلىنغاندا، ئۇنىڭ كېپەكلىرى چېقىپ كېتىدۇ، بىر سا ئۇن يەنى ئۈچ كىلو ئۇن ئىككى يېرىم كىلو بۇغدايغا باراۋەر كېلىدۇ".

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى