شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

گۆرۈگە قويۇلغان مالغا زاكات كېلەمدۇ؟

سۇئال

   مەلۇم مىقداردا مال قەرز ئالدىم، ئالغان قەرزنىڭ ئورنىدا بەزى ئالتۇننى گۆرۈگە قويدۇم، گۆرۈگە قويغان ئالتۇننىڭ زاكىتىنى ئايرىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

  گۆرۈگە قويۇلغان ئالتۇن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان بولسا ياكى سىزنىڭ يېنىڭىزدا باشقا ئالتۇن بولسا، ئۇنىڭغا قوشسىڭىز زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، يىل توشقان بولسا ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ. مەزكۇر ئالتۇن مالنىڭ ئورنىدا گۆرۈگە قويۇلغانلىقى زاكاتنىڭ پەرىز بولىدىغانلىقىنى چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭىزدىكى مالدۇر.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ  "ئەل مەجمۇئ" 5-توم 318-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" زاكات ماللىرىدىن چارۋا ياكى باشقا ماللارنى گۆرۈگە قويۇپ يىل توشقان بولسا، ئۇ مالدا تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۇ مالغا زاكات پەرىز بولىدۇ".

    شەيخ مەنسۇر بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۆرۈگە قويۇلغان مالىغىمۇ زاكات پەرىز بولىدۇ، ئۇنىڭ زاكىتىنى گۆرۈگە ئالغۇچى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن گۆرۈگە قويغۇچى چىقىرىدۇ". ["كەشپۇل قىنائ ئەن مەتنىل ئىقنائ" 2-توم 175-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "گۆرۈگە قويۇلغان مالغا زاكات پەرىز بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "گۆرۈگە قويۇلغان مال زاكات چىقىرىدىغان ماللاردىن بولىدىكەن ئۇ مالغىمۇ زاكات پەرىز بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زاكىتىنى گۆرۈگە ئالغۇچى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن گۆرۈگە قويغۇچى چىقىرىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى بىر قوينى يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىدا گۆرۈگە قويدى(قوي دېگەن زاكات پەرىز بولىدىغان چارۋىلاردىن) ئۇنىڭدا چوقۇم زاكات پەرىز بولىدۇ، چۈنكى گۆرە دېگەن زاكاتنىڭ پەرىزلىكىنى چۈشۈرۋېتەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زاكىتىنى گۆرۈگە ئالغۇچى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن چىقىرىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 34-توم 18-بەت].

   ئەگەر قەرز بەرگۈچى گۆرۈگە ئالغان مالدىن زاكاتنى ئايرىشقا رۇخسەت قىلمىسا، قەرز ئالغۇچى ئەگەر ئۆزىنىڭ باشقا مېلى بولسا، زاكاتنى شۇ مالدىن چىقىرىدۇ، ئەگەر باشقا مېلى بولمىسا، گۆرۈگە قويۇلغان مالنى ئاجرىتىپ ئالغۇچە ساقلايدۇ ئاندىن ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى