پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ۋىزا كارتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

97846

تارقاتقان ۋاقىت : 08-07-2018

كۆرگۈچىلەر : 1879

سۇئال

يەرلىك بانكىلاردىن چىقرىلغان (توردا ئىلىم-سېتىم قىلىنىدىغان) ئىسلامى ۋىزا كارتى دەپ ئاتىلىدىغان كارتىنى ئىشلىتىش توغرا بولامدۇ؟، بىر ئالىمنىڭ ۋىزا كارتىدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ، پەقەت توردا بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەنلىكتىن بۇ ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، مەن مۇشۇ تۈردىكى بانكىلاردىن بىرىگە تىلىپۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم، ئۇلار ماڭا: ۋىزا كارتىدا بىر نەرسە سېتىۋالسا ئۇنىڭغا باج كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ پايدىنى تەڭ بۆلىشىدىغان پاي سودىسى بولغانلىقى ئۈچۈن مال سېتىۋالغان ئايدىمۇ باج كەلمەيدىكەن، پەقەت ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئايلىق بۆلۈپ بېرىشكە قايتۇرغاندا باج كىلىدىكەن، مەن ھەيران قالدىم، مال ئۇلارنىڭ بولمىسا پايدىنى قانداقمۇ تەڭ بۆلىشىدىغاندۇ؟، ئەمما ۋىزا كارتى بىلەن نەخ پۇل چىقىرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: چېقارغان نەخ پۇلغا ئەسلىدىكىدىن كۆپرەك نەخ پۇل قايتۇرىدىكەن، مېنىڭ سوئالىم: مېنىڭ ئويلىغىنىم، ۋىزا كارتىنى ئىشلىتىش دۇرۇس بولسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن نەخ پۇل چىقارمايمەن، توردىن بىر نەرسە سېتىۋالسام، ئۇنىڭ پۇلىنى شۇ ئاي ئىچىدە تولۇق تاپشۇرىمەن، شۇنداق قىلساق مەن ئۈچۈن بۇ ۋىزا كارتىنى ئىشلىتىش توغرا بولامدۇ؟ ۋىزا كارتى نەخ پۇل چىقارغاندا ئەسلىدىكىدىن زىيادە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا بولمىغان جازانە شەرتىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ كارتىنى چېقىرىش ئۈچۈن ئىمزا قىلسام گۇناھكار بولىمەنمۇ؟، شۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تۆۋەندىكى شەرئى چەكلىمىلەرگە دىققەت قىلىش بىلەن ۋىزا كارتى بىلەن مۇئامىلە قىلسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ:

1-پايدىنى شەرت قىلسا ياكى ۋاقتىدا تۆلىمىسە جازا بېكىتسە.

2-ۋىزا كارت خىزمىتى ئۈچۈن نىسبەت ئېلىش، قىلغان ئىشقا ئاساسەن ئەجىر ئېلىش دۇرۇس ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىلىش بولسا جازانە ھېسابلىنىدۇ.

3- كارت بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە نەخ پۇل سېتىۋېلىش.

ئىسلام پىقھى ئىكېسپىدىسىيەسى بۇ توغرىدا قارار چىقارغان بولۇپ ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش بايان قىلىنغان. بۇ توغرىدا 97530 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئىككىنچى: جازانە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش  ۋە ئۇنىڭغا كىرىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر قەرىزنى كېچىكتۈرمەستىن ئادا قىلىش ئىرادىسى بىلەن بولسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كېلىشىم توغرا ئەمەس، بۇنىڭغا ئىمزا قويۇشمۇ دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۇنتۇلۇپ قىلىش ياكى كېسەل بولۇپ قىلىش ياكى قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئادا قىلالمىسا، چوقۇم جازانىغا كىرىپ قالىدۇ.

    "ئەل ئىنساپ"4-توم 473-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: مالىكى مەزھىپىدىكى توغرا قاراشتا، بۇنداق شەكىلدىكى كېلىشىم توغرا بولمايدۇ، گەرچە ۋىزا كارتىغا ئىگە بولمىغان ۋە ئۇنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن ئىمزا قىلىش چەكلىنىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا كارت سىستېمىسىغا كىرىشىگە قەدەم بېسىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بىرىنچىدىن: سىز ئۇنىڭغا كېرىش ئۈچۈن ئاشۇ باتىل شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمگە ئىمزا قىلىسىز. ئىككىنچىدىن: كارتىنى سىز كۆڭلىڭىزدە ئەسلىدىكىدىن ئارتۇق تۆلەيدىغان جازانە شەكلىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، نەخ پۇل چىقىرىش ئۈچۈن قوللانمايمەن دەپ ئويلىسىڭىزمۇ، كارت شۇنىڭغا يارايدۇ، ئىنسان ئۆز نەپسىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ۋە پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلارغا توغرا قىلماسلىقى كېرەك، مال-دۇنيانىڭ پىتنىسى بەك يامان بولىدۇ.

13735-13725 ۋە 3402- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى