چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

بۆرىكىنى سېتىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

سۇئال

    بىزنىڭ بۆرەك كېسىلى بولۇپ قالغان بىر بىمارىمىز بولۇپ، ئۇنىڭغا بۆرەك ئالماشتۇرماقچى، بىر كىشى بۆرىكىنى بەرمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئەللىك مىڭ(50000) رىيال تەلەپ قىلدى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     بۆرەككە ئېھتىياجلىق بولغان كىشىنىڭ دۇرۇس يوللار بىلەن بۆرەك ئالماشتۇرۇشى توغرا بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ بۆرىكى ياكى باشقا بىر ئەزاسىنى سېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئەركىن-ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىسىنى يىگەنلەرگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى سېتىشمۇ ئاشۇ ھۆكۈمنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، چۈنكى ئىنسان دېگەن ئۆزىنىڭ جىسمىغا ۋە ئەزالىرىغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرىكىنى ئەللىك مىڭ رىيالغا ساتىمەن دېگەن بولسا، بۇنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش بەزى ئاڭ-سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەرنى ھەددىدىن ئېشىپ مالنى مەقسەت قىلىپ ئەزالىرىنى سېتىشقا ئىلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈندۇر". ["شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما"  3 -توم 62 بەت ] .

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى