پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزدار كىشىگە زاكات بېرىلسە، قەرزنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

97252

تارقاتقان ۋاقىت : 14-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 735

سۇئال

   مەن قەرزدار، قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زاكاتنى ئالىمەن، مەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، قەرزنى كېيىن ئادا قىلسام بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    قەرزدار كىشىگە قەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات بېرىلسە، ئۇنى قەرزدىن باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پۇللارنى ئۇ كىشىگە باشقا ھاجىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەرزنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بېرىلدى.

    بەھۇتىي"كەشپۇل قىنا" 2 -توم 283 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قەرزدار كىشىگە قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە بېرىلسە، گەرچە ئۇ كىشى كەمبەغەل بولسىمۇ ئۇ نەرسىنى قەرزدىن باشقىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ مالنى پەقەت قەرزنى ئادا قىلىمەن دەپ ئالدى".

يەنى قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت مۇئەييەن سەۋەپ ئۈچۈن ئالدى، ئۇنى قەرزدىن باشقىغا سەرپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى