شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەيز كېلىپ بىر كۈندىن كېيىن دۇغ بىر نەرسىلەرنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

تۇنجى كۈنى ئادەت كەلدى، كېيىن توختاپ قالدى، ئاندىن جىگەررەڭ ئاجراتمىلار چۈشتى، يەنى مېنىڭ ئادىتىم تۆت كۈن بولاتتى، ئۇنىڭدىن بىر كۈنى كېيىن ھېچ نەرسە كەلمىدى، مەن يۇيۇنۇپ، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇدۇم، قۇرئان تىلاۋەت قىلدىم، روزا تۇتتۇم، ئاندىن كېيىن كېچىدە يەنە ئادەت كىلىپ قالدى، مەن بۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟ تىلاۋەت قىلغان قۇئان ئايەتلىرىنىمۇ قايتىدىن تىلاۋەت قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەيزدىن پاك بولۇش دېگەن ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ:

   بىرىنچىسى: ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ئاق سۇنىڭ كېلىشى .

   ئىككىنچىسى: ھەيز ئورۇنىنىڭ تولۇق قۇرىشى، يەنى ھەيز ئورنىغا پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى قويسا، قويغان نەرسىگە قېزىل ياكى سېرىق نەرسىلەر يۇقماي قويغان ھالەتتە پاكىزە بولسا بۇ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

   ھەيزدار ئايالغا بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتتا ئادەت كىلىدۇ، ئاندىن بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت پاكىز بولىدۇ يەنى بىر نەرسە كەلمەيدۇ، ئاندىن يەنە قايتىدىن ھەيز كىلىدۇ.

    جىگەرەڭ نەرسىلەرنى ئاجىرتىپ چېقىرىغان دۇغلۇق پاكلىق ئەمەلىلەشكەندىن كېيىن كەلگەن بولسا، بۇنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايمىز، بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، ئەگەر بۇ نەرسىلەر تولۇق پاك بولۇشتىن بۇرۇن كەلگەن بولسا، بۇمۇ ھەيزنىڭ قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق دەيمىز:

    1-ھەيز كىلىپ بىرىنچى كۈنىدىن كېيىن توختىغان بولسا، يەنى ھەيز كىلىدىغان ئورۇن تولۇق قۇرۇپ توختىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا سىز پاك بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيسىز ۋە روزا تۇتىسىز، ئەمما ھەيز كىلىدىغان ئورۇن تولۇق قۇرىمىغان بولسا، ھەيز داۋاملىشىۋاتقان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكەن دۇغ نەرسىلەر ھەيزنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    2- تۆت كۈندىن كېيىن قان توختاپ، تولۇق ئاقلىقنى ياكى تولۇق قۇرۇش ھاسىل بولغان بولسا، سىز يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىسىڭىز توغرا قىلغان بولدىڭىز، ئەگەر كېچىدە قايتىدىن قان كەلگەن بولسا، بۇنىڭ سىزنىڭ شۇ كۈنلۈك روزىڭىز ۋە نامىزىڭىزغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، ئوقۇغان ناماز ۋە تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ.

   3-بىز ئىلگىرى 2564- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ھەيىزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلغان، ھەيز پەقەت قۇرئاننى بىۋاستە تۇتىشتىن توسىدۇ، ئەگەر ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان ئوقۇماقچى بولسىڭىز قولىڭىزغا پەلەي كېيىپ ياكى قۇرئاننىڭ بەتلىرىنى بىۋاستە تۇتماستىن باشقا بىر نەرسىلەر بىلەن ۋاراقلىسىڭىز بولىدۇ، ئومۇمەن سىزگە قۇرئان تىلاۋىتىنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ سىزگە ساۋابى بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى