سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

 روزىدار گۇناھ-مەسىيەتتىن، روزىسىنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك؟

سۇئال

رامىزاندا گۇناھ-مەسىيەتتىن روزامنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: قېرىندىشىم! بۇ سوئالنى سوراپ ناھايىتى ياخشى قىلدىڭىز، بۇ سوئال سىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان تائەت-ئىبادەتكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىڭىزنى، ئەتراپقا كەڭ تارقالغان گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن بۇ تائەت-ئىبادەتنىڭ پەزىلىتىنىڭ كەمىيىشى ياكى زايە بولۇپ كىتىشتىن ئەنسىرگەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ھەممەيلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، روزا تۇتۇش پەقەت يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشتىن تەقۋادارلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن يولغا قويدى. روزا ماھىيەتتە ئىنساننى گۇناھ-مەسىيەتتىن توسىدۇ، چەكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا ئۈندەيدۇ. ھەقىقى روزا پەقەت بەدەننىڭ روزىسى ئەمەس بەلكى قەلبنىڭ روزىسىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي ھەدىسلەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىمۇ مۇشۇ مەنىنى چۆرۈدىگەن ھالدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ناچار ئىشلارنى تەرك قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچ ھاجىتى يوق. [بۇخارى رىۋايىتى 1804-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەزى روزا تۇتقۇچىلارغا تۇتقان روزىسىدىن پەقەت ئاچ قالغانلىقىلا قالىدۇ، بەزى ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كىچىدە ئوقۇغان نامىزىدىن پەقەت ئۇيقۇسىز قالغانلىقىلا قالىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 8693-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان 8/257-ھەدىستە سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تەرغىبنىڭ (1/262) سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۈممەتنىڭ ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلىرى روزىلىرىنىڭ ماددى-مەنىۋىي تەرەپتىن پاكىزە (يەنى گۇناھ-مەسىيەتتىن پاك) بولىشىغا بەك ھېرىسمەن بولاتتى.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتۇش دېگەن: پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىش ئەمەس بەلكى يالغانچىلىق، ناچار سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش دېمەكتۇر".

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "سەن روزا تۇتقان ۋاقتىڭدا،قۇلىقىڭنى، كۆزۈڭنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلا، تىلىڭنى يالغان سۆز ۋە غەيۋەتلەردىن ساقلا، قول ئاستىڭدىكى خىزمەتچىلەرگە ئازار يەتكۈزمە، روزا تۇتقان كۈنلىرىڭدە چوڭ سۈپەت، كەمتەر ۋە تەمكىن بولغىن، روزا تۇتقان كۈنىڭ بىلەن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىڭنى ئوخشاش ئۆتكۈزمە".

ھەفسە بىنتى سىيرىن رەھىمەھۇللاھ تابىئىنلار ئىچىدىن چىققان چوڭ ئالىمە بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "روزا بىر قالقان بولۇپ، بۇنى ئۆز ئىگىسى تىشىۋەتمەيدۇ، بەلكى غەيۋەت-شىكايەت تېشىۋېتىدۇ".

مەيمۇن ئىبنى مېھران مۇنداق دەيدۇ: "ئەھمىيەتسىز روزا يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلغان روزىدۇر". [يۇقىرىقى ئەسەرلەرنى: ئىبنى ھەزمى "ئەل مۇھەللا" ناملىق ئەسەر 4-توم 308-بەتتە بايان قىلغان].

بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرنى بىلگەندىن كىيىن بەزى ئالىملارنىڭ روزا تۇتۇپ گۇناھ-مەسىيەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن سۆزلىرىدىن ھەيران قالمايمىز. توغرىسى روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ، روزا تۇتۇشتىن بولغان ھەقىقى غايىگە زىت كېلىدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "غەيۋەت روزىنى بۇزىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن دەلىل بايان قىلىدۇ. ئىمام ئەۋزائىي بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: غەيۋەت روزىدارنىڭ روزىسىنى بۇزىدۇ، غەيۋەت قىلغۇچىغا شۈ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئىمام ئىبنى ھەزمى چەكتىن ئاشۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتقۇچى ئۆزىنىڭ روزىدارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلغان ھەرقانداق گۇناھ روزىنى بۇزىدۇ، قىلغان گۇناھ ئەمەلى بولسۇن ياكى ئاغزاكى بولسۇن ئوخشاش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ناچار ئىشلارنى تەرك قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچ ھاجىتى يوق. تۈگىدى. ["پەتھۇل بارى "4-توم 104-بەت].

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىگە روزا پەرز بولىدىغان مەسىلىدە سىلەر ھەيران قىلىۋاتىسىلەر، ئەگەر روزا تۇتۇش زۆرۈر بولىدىغان ئىش گۇناھ-مەسىيەت دېسەك، ئىنساننىڭ گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىش روزىدىكى ئاساسى مەقسەتتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَتەرجىمىسى:ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە، تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا پەرز قىلىندى دېدى، ھەرگىزمۇ ئاچ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ياكى ئۇسساپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ياكى ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى، دېمىدى. مانا بۇ روزا تۇتۇشتىن بولغان ئاساسى مەقسەتتۇر. بۇ ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە تەكىتلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: كىمكى روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ناچار ئىشلارنى تەرك قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچ ھاجىتى يوق. [بۇخارى رىۋايىتى 1804-ھەدىس]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى بولسا ھەقىقى روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما سىرتقى شەكلى بولسا، ئىپتار قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّـهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى:ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. مانا بۇ روزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ پەقەت بەدەننىڭ روزىسىدۇر. ئەمما قەلبنىڭ روزىسى بولسا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىدىغان ھەقىقى روزىدۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، كىمكى سىرتقى جەھەتتىن بەدىنى روزا تۇتسا، چىن قەلبىدىن روزا تۇتمىسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئىنتايىن چالا بولغان بولىدۇ، بىز بۇنداق شەكىلدىكى روزىنى باتىل دېمەيمىز، لېكىن ناقىس-چالا دەيمىز. خۇددى ناماز توغرىسىدا، نامازدىكى ھەقىقى مەقسەت تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرۇپ ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، قەلبنىڭ نامىزى بەدەننىڭ نامىزىدىن بۇرۇن بولۇش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش. لېكىن ئىنسان قەلبى بىلەن ناماز ئوقۇماي پەقەت بەدىنى بىلەن ناماز ئوقۇسا، گوياكى ئۇ كىشىنىڭ قەلبى ھەر جايدا بولۇپ، ئوقۇغان نامىزى چالا بولغان بولىدۇ. لېكىن سىرتقى تەرەپنى ئېتىبارغا ئالغاندا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما نامازدىن ھاسىل بولىدىغان ساۋاپ ۋە پەزىلەتمۇ مەزكۇر نامازنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنسان گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلانماي روزا تۇتسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى بەك چالا بولىدۇ، لېكىن شۇ كۈنلۈك روزىغا كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى ئىبادەت دۇنيادا سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ." تۈگىدى. ["ئەركىن ئۇچرىشىش پروگراممىسى" ناملىق ئەسەر 1-توم 116-بەت].

ئىككىنچى: ئالىملار سەبىرنى ئۈچكە ئايرىدى: ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە سەبىر قىلىش. گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىشقا سەبىر قىلىش. تەقدىرىگە سەبىر قىلىشتىن ئىبارەت. روزىدا مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك سەبىرنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ.

ئىبنى رەجەب ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەبىرنىڭ ئەڭ ياخشى تۈرى بولسا روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى روزا ئۈچ تۈرلۈك سەبىرنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن سەبىر قىلىش دېگەن ئىبادەت بولۇپ، روزىدار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى تەرك قىلىدۇ، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىدۇ. سەھىھ ھەدىستە يەنى ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ روزىدىن باشقا ھەممە ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، ئەمما روزا مەن ئۈچۈندۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋىتىنى تەرك قىلدى. يەنە ھەم: روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ھاسىل بولغان دەرتلىك تەقدىرگە سەبىر قىلىشتۇر". تۈگىدى. ["جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم" ناملىق ئەسەر 219-بەت].

كىمكى ئۆزىنىڭ روزىسىنى ئاللاھ تائالا يولغا قويغان شەكىلدە روياپقا چىقىرىدىكەن، ئۇ كىشى كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن زور مۇكاپاتقا سازاۋەر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى كۇپايە قىلىدۇ: ﴿إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾ تەرجىمىسى:پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ. [سۈرە زۇمەر 10-ئايەت].

ئۈچىنچى: مۇسۇلمان روزىسىنى ئاسىيلىق سەۋەبىدىن چالا بولۇپ قىلىشتىن مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتكە سەبىر قىلىشنى روياپقا چېقىرىش زۆرۈر بولىدۇ. بەزى ئالىملار گۇناھ-مەسىيەتكە سەبىر قىلىش بولسا سەبىرنىڭ باشقا ئىككى تۈرىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر، ئۇنداق بولمىغاندا ئىنسان ناچارلىق قاپلىغان جەمئىيەتتە ئاسانلا گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ: ئىنساننىڭ گۇناھ-مەسيەتكە سەبىر قىلىشىنىڭ ساۋابى ئارتۇقمۇ؟ ياكى تائەت-ئىبادەتكە سەبىر قىلىشنىڭ ساۋابى ئارتۇقمۇ؟ دېگەن مەسىلە. بىر قىسىم ئالىملار: بىرىنچىسىنى كۇچلاندۇردى ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە سەبىر قىلىش دېگەن راستچىل كىشىلەرنىڭ ئادىتى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك بىر قىسىم سەلەپ ئالىملىرىمۇ: ياخشى ئەمەللەرنى ياخشى كىشىلەرمۇ ۋە پاسىق-پاجىر كىشىلەرمۇ قىلىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى پەقەت راستچىل-سەمىمى كىشىلەرلا تەرك قىلالايدۇ چۈنكى گۇناھ-مەسىيەتكە بولغان چاقىرىقتائەت-ئىبادەتنى تەرك قىلىشقا بولغان چاقىرىقتىن كۈچلۈك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتكە بولغان چاقىرىق ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا بار بولغان، نەپسى خالايدىغان، لەززەتلىنىدىغان بىر ئىش، تائەت-ئىبادەتنى تەرك قىلىشقا بولغان چاقىرىق بولسا، ھورۇنلۇق، سەل قاراش، خوش ياقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتكە بولغان چاقىرىق كۈچلۈكتۇر، دېدى. ئۇلار يەنە: گۇناھ-مەسىيەتتە نەپسىنىڭ قىزىقىشى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، دۇنيانىڭ سەۋەبلىرى، ناچار ھەمراھ، نەپسىنىڭ تەلىپى، سۈركىلىش، تەبىئىتىنىڭ مايىللىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننى گۇناھ-مەسىيەتكە چاقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى جەملىنىپ، قەلبتىن غالىب كەلسە، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا سەبىر قىلىشتىنمۇ كۈچلۈك سەبىر بولامدۇ؟! ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا سەبىر ئاتا قىلمىسا، ئۇ ئىنسانغا سەبىر نەدىن كېلىدۇ؟. مانا بۇ سۆزنىڭ دەلىلى ئاشكارا ۋە كۈچلۈكتۇر". تۈگىدى. ["تەرىق ئەلھىجرەتەين" 414-بەت].

گۇناھ-مەسىيەتكە سەبىر قىلىش بولسا بىرقانچە سەۋەبلەر ئارقىلىق بارلىققا كىلىدۇ، بۇ توغرىدا پىكىر قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنىڭدا كېسەلنىڭ ھەممە سۈپەتلىرى ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ يوللىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان.

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "گۇناھ-مەسىيەتلەرگە سەبىر قىلىشنىڭ ئاساسى بىر قانچە سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلايدۇ:

بىرىنچى: بەندە گۇناھ-مەسىيەتنىڭ قەبىھلىكى، رەزىللىكى ۋە پەسلىكىنى بىلىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى گۇناھ- مەسىيەتنىڭ پەسلىكى ۋە رەزىللىكىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن چەكلىدى، خۇددى كۆيۈمچان دادا ئۆز بالىسىنى زىيانلىق ئىشلاردىن قوغدىغانغا ئوخشاشتۇر. گەرچە گۇناھ-مەسىيەتكە بولىدىغان ئازاپلار تەپسىلى بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، مۇشۇ سەۋەبلەر ئەقىللىك كىشىلەرنى گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى تۈردە ھايا قىلىشتۇر. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى ھايا قىلىدۇ،ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن چىكىنىدۇ.

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان خەيرى-ئېھسان ۋە نېمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. چۈنكى گۇناھ-مەسىيەت نېمەتنى يوق قىلىدۇ. ئىنسان بىر گۇناھ قىلىدىكەن ئاشۇ گۇناھنىڭ ھېسابى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلىغان بىر نېمەت يوقىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلسا توغرا يولغا قايتسا، ئاشۇ نېمەت ياكى شۇنىڭ ئوخشىشى ئۇ كىشىگە قايتىدۇ. ئەگەر گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقەتكە قايتمىسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إن الله لا يغير ما بقوم حتى يغيروا ما بأنفسهمتەرجىمىسى: ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ). [سۈرە رەئدە 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

نېمەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىمان ۋە ئىسلامدۇر. گۇناھنىڭ كاتتىلىرى، زىناخورلۇق، ئوغرىلىق، ھاراق ئىچىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار ئىنساندىن نېمەتنىڭ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىر قېتىم گۇناھ قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن بىر يىلغىچە كېچىدە قىيامدا تۇرۇشتىن مەھرۇم قالدىم". يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىر قېتىم گۇناھ قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالدىم". بۇ توغرىدا بىر شائىر مۇنداق دېگەن: "ئەگەر سەن ئالى نېمەتتە بولساڭ، گۇناھ-مەسىيەت ئۇ نېمەتلەرنى يوق قىلىدۇ".

ئومۇمەن: گۇناھ-مەسىيەت ئوتۇننى كۆيدۈرىدىغان ئوتقا ئوخشاش بولۇپ، نېمەتلەرنى كۆيدۈرىدۇ. جانابى ئاللاھ نېمەتنىڭ يوق بولىشىدىن ۋە نېمەتنىڭ ئازابقا ئۆرۈلۈشىدىن ساقلىسۇن.

تۆتىنچى: ئاللاھ تائالادىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، ئازابىنى تەستىقلاش، ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سەۋەب ئىلىم، ئىشەنچ بىلەن كۈچىيىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئاجىزلىشىدۇ.، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إنما يخشى الله من عباده العلماء تەرجىمىسى:ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، [سۈرە فاتىر 28-ئايەت].

سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا ئىلىم-مەرىپەت كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن مەغرۇرلىنىشقا جاھىللىق يىتەرلىكتۇر".

بەشىنچى: ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سەۋەپتۇر. چۈنكى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە ئىتائەت قىلىدۇ. كۆڭۈلدە مۇھەببەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈچەيسە، ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئىتائەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى تەرك قىلىش كۈچلۈك بولىدۇ.ھەقىقەتەن گۇناھ-مەسىيەت ۋە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ قەلبتىكى ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن سادىر بولىدۇ. ئۆز خوجايىننىڭ جازاسى ۋە ئازابىدىن قورقۇپ گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىش بىلەن، ئۆز خوجايىنىغا بولغان مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىشپەرقلىق بولىدۇ.

ئالتىنچى: نەپسىنىڭ ئېسىللىكى، پاكلىقى، ئۈستۈنلۈكى، ساپلىقى نەپسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان، ئورنىنى تۆۋەنلىتىدىغان، پەسلەشتۈرىدىغان، ناچار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان سەۋەبلەرنى تاللاشتىن ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ.

يەتتىنچى: گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناچارلىقى، ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ قەبىھلىكى، ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان زىياننى بىلىش ئىلىمنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بولىدۇ. گۇناھ-مەسىيەتتىن پەيدا بولىدىغان زېيانلار: يۈزىنىڭ قارىداپ كېتىشى، قەلبنىڭ قاراڭغۇلىشىشى، سىقىلىشى، غەمگە چۈشۈشى، بىئارام بولىشى، دەرت-ئەلەم تارتىشى، ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىقى، غەزەپلىنىشنىڭ ئادەتكە ئايلىنىشى، ئەتراپتىكىلەر بىلەن بولغان ئىتىپاقلىق پارچىلىنىشى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىشى، گۈزەللىكىنى يوقىتىشى، ھەيرانلىق ئىچىدە ياشىشى، ئۇنىڭ ۋەلىسى ۋە ياردەمچىلىرىنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشى،ئوچۇق دۈشمىنىڭ ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېلىشى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلىغان ئىلىمنىڭ يوقىلىشى، ئىلگىرى بىلگەن بىلىملىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى ئۇنتۇلۇشى، ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كېسەللىكنىڭ ئۆلۈمگە ئىلىپ بېرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، نەتىجىدە گۇناھ -مەسىيەت قەلبىنى ئۆلتۈرىدۇ. قەلبى ئۆلگەن كىشىدە ھاياتقا گۈزەل قاراش تۇيغۇسى يوقىلىدۇ.

ئومۇمەن: گۇناھ-مەسىيەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، بەندىنىڭ بىلگىنىدىن كۆپراقتۇر، شۇنىڭدەك تائەت-ئىبادەتنىڭ گۈزەل تەسىرىمۇ ئىنساننىڭ بىلىم دائىرىسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇچرايدىغان يامانلىق، بالا-مۇسىبەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بولىدۇ.

سەككىزىنچى: قۇرۇق ئارزۇلارنى كۆپ قىلماسلىق. شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇرۇق ئارزۇ تىز يوقىلىدۇ، خۇددى ئۇ بىر يۈرتقا كىرىپ چىقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن مۇساپىرغا ياكى دەرەخ سايىسىدا ئارام ئىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشاشتۇر، ئىنسان ئۆزىنىڭ دۇنيادا تۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئازلىقى، يۆتكىلىشىنىڭ تېزلىكىنى بىلگەن ۋاقتىدا، ئۆزىگە زىيانلىق، پايدىسى بولمىغان ۋە كۆتۈرۈش ئېغىر بولغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ھازىر قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن قۇرۇق ئارزۇلارنى كۆپ قىلىشتىنمۇ زىيانلىق نەرسە ۋە قۇرۇق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى تەرك قىلىشتىنمۇ پايدىلىق نەرسە بولمىسا كېرەك.

توققۇزىنچى: يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ يېيىشتىن، كىيىم-كېچەكلەرنى زىيادە كىيىشتىن،كۆپ ئۇخلاشتىن ۋە كىشىلەر بىلەن ئورۇنسىز ئارىلىشىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ھەقىقەتەن گۇناھ-مەسىيەتكە چاقىرىدىغان قوزغاتقۇچى كۈچ مۇشۇنداق ئارتۇق ئىشلاردىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنساندىن توغرا يولدىن چەتنەشنى تەلەپ قىلىدۇ، دۇرۇس ئىشلارنى قىلىش قىيىن بولىدۇ، ھارام-چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئاتلىنىدۇ، ئىنسانغا زىيانلىق بولغان ئىشلارنىڭ ئەك كاتتىسى، بىكارچىلىق، ئىشسىزلىق، چۈنكى نەپسىنى بوش قويىۋىتىشكە بولمايدۇ، نەپسىنى مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلمىسا، چوقۇم ئۇ زىيانلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

ئونىنچى: بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇغلايدۇ: ئىمان كۆچىتىنىڭ قەلبتە مۇستەھكەم ئورنىشى، بەندىنىڭ گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىشقا سەبىر قىلىشىقەلبىدىكى ئىمانىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈك بولىشىغا باغلىق بولىدۇ. ئىمانى كۈچلۈك بولغانسېرى ئۇنىڭ سەبىر-تاقىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئىمان ئاجىزلاشقانسىرى سەبىر-تاقىتىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. قەلبىگە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمان مۇستەھكەم ئورناشقان، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان كىشى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ، ئۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆچ كۆرىدۇ. قەلبىگە ئاللاھ تائالانىڭ جازا-مۇكاپات، جەننەت-دوزاخقا بولغان ئىمان ئورناشقان كىشى مۇشۇ ئىلىم تەقەززا قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ. كۈچلۈك ئىمانى بولماي تۇرۇپگۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى تەرك قىلىشقا قادىر بولىمەن دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. قەلبتە ئىمان چىرىغى كۈچلانغاندا، ئۇنىڭ نۇرلىرى ئەتراپنى يورۇتىدۇ، مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ نۇرلار ئەزالارغا تارقىلىپ ئۇلارغا يورۇقلۇق بېرىدۇ، نەتىجىدە ئىمانى چاقىرىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، ئۆچ كۆرمەستىن، ئېغىر كەلمەستىن ئىتائەت قىلىدۇ، بويسۇنىدۇ، خۇددى بىر كىشىنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېقىن كىشىسى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ زىياپەتكە چاقىرسا خۇرسەن بولغاندەك، ئىمانى چاقىرىققا چاقىرىلغاندا خۇرسەنلىككە چۆمىدۇ، ھەر ۋاقىت چاقىرغۇچىنى كۆزىتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ئۆز رەھمىتىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر" تۈگىدى. ["تەرىق ئەلھىجرەتەين" ناملىق ئەسەر 414 -408-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

مۇسۇلمان كىشىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەردىن روزا تۇتۇشتىن مەقسەت قىلغان ھەقىقى غايىسىنى بىلىشى، گۇناھ-مەسىيەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنى بىلىشى، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىشى، ئۇنى تاشلىشى ۋە ئۆچ كۆرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان بۇ سۆزلەر بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12468- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى