پەيشەنبە 18 شەۋۋال 1443 - 19 ماي 2022
Uygur

نامازدا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىنسان نامازغا تۇرغاندا ھەر رەكەتتە ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش كېرەكمۇ ياكى ئاۋۋالقى رەكەتتە دېسە كۇپايە قىلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان ۋاقىتتا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ تەرجىمىسى: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن.» [سۈرە نەھىل 98-ئايەت].

    پاناھ تىلەشنىڭ مەنىسى: بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىش بولۇپ، ئىنساننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ دېيىلىدۇ، گوياكى پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ماڭا دىنىم ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمدا زىيان يەتكۈزۈشىدىن، بۇيرۇلغان ياخشى ئىشلاردىن چەكلەپ، چەكلەنگەن يامان ئىشلارغا قىزىقتۇرۇشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار: نامازدا ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. "ئەل مۇغنى" 2-توم 145-بەت.

     بەزى ئالىملار ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى  بايان قىلدى ۋە بۇ قاراشقا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنى دەلىل قىلىپ، ئايەتتىكى بۇيرۇق ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ دېدى. بۇ ئىبنى ھەزمىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشقا مايىل بولدى. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1-توم 14-بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى: ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىش سۈننەت دېگەن قاراشنى تاللىدى. دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "نامازدا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش سۈننەت بولۇپ، ئۇنى قەستەن ياكى سەھۋەن ئۇنتۇلۇپ قىلىشنىڭ زىيىنى يوق. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 6-توم 381-بەت].

ئىككىنچى: پاناھلىق تەلەپ قىلىشنىڭ شەكىللىرى:

    1-ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم. (قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن).

    2-ئەئۇزۇ بىللاھى سەمىيئۇل ئەلىيم مىنەششەيتانىر رەجىيم. (قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن).

    3- ئەئۇزۇ بىللاھى سەمىيئۇل ئەلىيم مىنەششەيتانىر رەجىيم مىن ھەمەزىھى ۋە نەپخىھە ۋە نەپەسىھى.

(قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن، بوغىۋېلىشىدىن، چوڭچىللىقىدىن ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن). ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1-توم 13-بەت].

    ئۈچىنچى: ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىش نامازدا ۋە نامازنىڭ غەيرىدە بولىدۇ، نامازدا ئاۋالقى رەكەت بىر قېتىم دېسە كۇپايە قىلىدۇ، ھەر بىر رەكەتتە دېيىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرىنچى رەكئەتنىڭ سەجدىسىدىن  ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا جىم تۇرماستىن، قىرائەتنى ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين دەپ باشلايتتى، مانا بۇ بىرىنچى رەكەتتىن باشقا رەكەتلەردە باشلاش دۇئاسى ۋە ئەئۇزۇ دىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". [مۇسلىم رىۋايىتى].

    نامازنىڭ ھەر بىر رەكئەتلىرىدە ئەئۇزۇ دېيىش توغرىسىدا ئىمام ئەھمەدتىن ئوخشىمايدىغان رىۋايەتلەر كەلگەن، بىرىنچى رىۋايەت يۇقىرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس، چۈنكى ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەتنىڭ ھەممىسى بىر ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن بىر رەكئەتتە ئەئۇزۇ دېسە ھەممىسىدە دېگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئەتا ئىبنى رەباھ، ھەسەن بەسەرىي، نەخەئىي ۋە سۇپيان سەۋرى قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىككىنچى رىۋايەت بولسا: ھەر بىر رەكئەتتە ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش، بۇ ئىبنى سىرىين ۋە ئىمام شافى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ: «قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن» دېگەن ئايىتىدىن ئىلىنغان قارىشى بولۇپ، ئەئۇزۇ دېيىش قىرائەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، گەرچە بىر ناماز بولسىمۇ ھەر رەكەتكە قىرائەت قىلغاندا ئەئۇزۇ دېيىش كېرەك بولىدۇ، قىرائەت تەكرارلىنىدىكەن، ئەئۇزۇ دېيىشمۇ تەكرارلىنىدۇ. ["ئەل مۇغنى" 2-توم 216-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادىل مىئاد" 1-توم 242-بەتتە: ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيمنى بىر قېتىم دېيىش بىلەن كۇپايە قىلىش ئاشكارىدۇر.

     ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت بىرىنچى رەكەتتە دېگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، سۈننەتتە كەلگەن يول بويىچە دېيىش بۇ ئەڭ ياخشىدۇر، ئۇ بولسىمۇ بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىشتىن ئىبارەتتۇر". ["نەيلۇل ئەۋتار" 2-توم 231-بەت].

    تۆتىنچى: ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيمنى نامازدا قايسى ئورۇندا دېيىش توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بولدى، قىرائەتتىن كېيىن دەيمىز دېگەن سۆز بولسا ئاجىزدۇر.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا كۆپچىلىك ئالىملارنىدىن مەشھۇر بولغان قاراش: ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىرائەتتىن بۇرۇن دېيىشتۇر". ["قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى" 1-توم 13-بەت].

    جەسساس مۇنداق دەيدۇ: "ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيمنى قىرائەتتىن كېيىن دەيمىز دېگەن سۆز بولسا ئاجىز ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا خىلاپدۇر، ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم دېيىش ھەقىقەتەن قىرائەت قىلغاندا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىرائەتتىن بۇرۇن دېيىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّىٰ أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ  تەرجىمىسى: «بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.» [سۈرە ھەج 52-ئايەت] مۇشۇ سەۋەپتىن ئاللاھ تائالا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيمنى قىرائەتتىن بۇرۇن دېيىشكە بۇيرىغان". ["ئەھكامىل قۇرئان" 3-توم 283-بەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى