يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

شىركەتتە بانكىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئىشلەش توغرىسدا

سۇئال

   بىر كىشى شىركەت بىلەن بانكىلار ئارىسىدا ئىش بىجىرىش ۋەكىلى خاراكتىرىدىكى خىزمەتتە ئىشلەيدۇ، كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلىپ بۇ خىزمەتنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن كىشىگە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆگىتىدۇ، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   جازانە بانكىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىشىغا كەلسەك پەقەت بانكىغا پۇل ياتقۇرۇپ كېرەكلىك ھاجەتلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت بولغان بىر ئىسلام بانكىسى يوق، شىركەت ئىقتىسادىنى ساقلاش ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرىدا بانكىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشتەك ئىشلارنى قىلسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.

   ئەگەر بانكا بىلەن بولغان مۇئامىلە بانكىدىن بىۋاستە قەرز ئېلىش ياكى باشقا بىر شەكلىدە بانكىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بىر نەرسە سېتىۋېلىش، بانكىغا تايىنىپ ھېسابلارنى ئېچىش قاتارلىق  چەكلەنگەن مۇئامىلە ئىشلىرى ھارام بولىدۇ، يەنە بىر كىشىنىڭمۇ بۇنداق ئىشنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا گۇناھ بولىدىغان ۋە دۈشمەنلىك بولىدىغان ئىشلارغا ياردەملەشكەنلىك ۋە جازانىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئۇنى ئىقرار قىلغانلىق بولىدۇ.   

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

   جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازانىنى يېگۈچى، ۋەكىل بولغۇچى، يىزىپ بەرگۈچى، ئىككى گۇۋاھچى قاتارلىقلارغا لەنەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتتە ئوخشاشتۇر» دېگەن. 

    ئۇ كىشىگە بېرىلىدىغان جاۋاپ: ئەگەر شىركەت بانكا بىلەن مۇشۇ شەكلىدە مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، سىز بۇ خىزمەتنى تاشلاپ ياخشى قىپسىز، ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز.

    ئۆزىڭىز بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ ئۇرنىڭىزغا باشقا بىر كىشىنى  سەپلەپ قويغىنىڭىز توغرا بولماپتۇ، چۈنكى ئۇ ھارامغا ياردەم بېرىشكە دالالەت قىلىشتۇر. بۇ ۋاقىتتا سىزگە ۋاجىپ بولغان ئىش، سىز ئورنىڭىزغا ئەكىرىپ قويغان قېرىنداشقا بۇ ئىشنىڭ شەرئىي ھۆكمىنى بايان قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ بۇ خىزمەتنى قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشتۇر، ئەگەر بۇنىڭغا قېتىلسا ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئەگەر قېتىلمىسا، جاۋاپ بەرمىسە، سىز ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلدىڭىز. ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى