پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چەكلەنگەن بېسىمدارچىلىق كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

بېسىمدارچىلىق يىمەكلىك ۋە ساقلىنىدىغان ئوزۇق-تۈلۈكتە بولامدۇ ياكى بازاردا سېتىلىدىغان ھەممە نەرسىدە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بېسىمدارچىلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا، ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: مەئمەر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بېسىمدارچىلىق قىلغان ئادەم خاتا ئىش قىلغان بولدى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " لۇغەت ئالىملىرى "خاتا ئىش قىلغان ئادەم دېگەن: ئاسىي-گۇناھكار دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ ھەدىس بېسىمدارچىلىق قىلىشنىڭ  چەكلەنگەن- ئىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ" دەيدۇ.

    ئىسلام شەرىئىتى بېسىمدارچىلىق قىلمىشىدا كىشىلەرگە زىيان يېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەكلىدى-ھارام قىلدى.

     ئۆلىمالار بېسىمدارچىلىق بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى، بەزى ئۆلىمالار: بۇ كىشىلەرنىڭ يىمەكلىك قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلىرىغا خاس بولىدۇ دەيدۇ، بەزى ئۆلىمالار: كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان، ئۇنى بېسىپ قويۇش بىلەن كىشىلەرگە زىيان يېتىدىغان ھەر قانداق نەرسىدە بولىدۇ، دەيدۇ. مانا بۇ ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىگە مۇۋاپىق بولغان توغرا سۆزدۇر.

    ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ: "نەيلىل ئەۋتار"5-توم 262-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى، ئادەم ۋە چارۋېلارنىڭ ئوزۇقلۇقى بىلەن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى ئايرىماستىن بېسىمدارچىلىق قىلىشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بەزى رىۋايەتلەردە: يېمەكلىك دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشقا مۇتلەق بايان قىلغان ھەدىسلەرنى چەكلەشكە يارىمايدۇ. بەلكى بۇمۇ مۇتلەق بايان قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنىڭ بىرىنى ئوچۇق بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر".

    شاپىئىي مەزھىبىدىكى رەملىي دېگەن ئالىم، ئۆزىنىڭ "ئەسنا مەتالىپ" ناملىق ئەسەرگە يازغان ھاشىيەسىنىڭ 2-توم 39-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بېسىمدارچىلىقنى كىشىلەر كۆپ ۋاقىتتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان يىمەك-ئېچمەك ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرگە قارىتىش لايىق بولىدۇ".

   مانا بۇ بېسىمدارچىلىقنى چەكلەشتىن ئىبارەت بولغان ھېكمەتكە مۇۋاپىق كىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرگە زىيان يېتىپ قىلىشتىن چەكلەشتىن ئىبارەتتۇر، دائىمى كومىتېتى پەتىۋا ئەزالىرىمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 6374- نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى ئامباردا ساقلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ بېسىمدارچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەقەت خاتا ئىش قىلغان ئادەم بېسىمدارچىلىق قىلىدۇ. [ئەھمەد، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نىسائى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئالىملار رىۋايەت قىلغان].

    بۇ نەرسىلەرنى بېسىۋېلىشتا كىشىلەرگە زىيان يېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلەنگەن، ئەمما كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەر بولسا ئۇنى ساقلاپ قويۇپ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغاندا، زىياندىن ساقلىنىپ، قېيىنچىلىقنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئامباردىن ئىلىپ چېقىپ ساتسا توغرا بولىدۇ". دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى 13-توم 184-بەت.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى