شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەقىقى بىر مۇسلىمە بولۇشنى خالايدۇ

8424

تارقاتقان ۋاقىت : 22-10-2020

كۆرگۈچىلەر : 3509

سۇئال

مەن بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلمايمەن، ئىسلامى كىيىملەرنى كىيىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيمەن. ھەقىقى مۇسلىمە بولۇش ئۈچۈن ئىشنى نېمىدىن ۋە قانداق باشلايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پرىنسىپلىرىغا تولۇق بويسۇنۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ناماز بولۇپ، ناماز دىننىڭ ئاساسىدۇر. بەندە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ھېساب بېرىدىغان تۇنجى ئەمەلدۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ئارىسىنى ئايرىيدىغان پاسىل بولۇپ، (قايسى ئۇسۇل بىلەن بولسۇن) نامازغا ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دەسلەپتە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشقا سەل قارىماستىن ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ باشقا پرىنسىپلىرىنى ئۆزىڭىزگە ئۆزلەشتۈرىشىڭىز لازىم. ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىسلام پرىنسىپىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ياردەمچى بولىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن: قۇرئان كەرىمنى دائىم ئوقۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىنى ئوقۇش، ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بايان قىلىنغان تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز ياخشى، سالىھە مۇسلىمە قىز-خانىملارنىڭ سۆھبىتىگە قاتنىشىڭ، ئۇلار بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنۇتۇڭ، چۈنكى ياخشى كىشىلەرنىڭ سۆھبىتى سىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىز ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز نەپسىڭىزدىن ھېساب ئىلىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّـهَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. [سۈرە ھەشر 18-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىككى ئورۇندا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرىدى، بۇنىڭ ئارىسىدا نەپسىدىن ھېساب ئىلىشقا بۇيرىدى. سىز قاراپ بېقىڭ!، قىيامەت كۈنى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، مۇنكەر ئىشلاردىن چەكلىنىشتىن ئىبارەت ئەمەللەردىن نېمىنى قىلدىڭىز؟. بەندىنىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇشى بولسا، قىيامەت مەيدانىدىكى قېيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇلارنى، خۇرسەنلىك ۋە خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلغان ئەڭ زور ۋاستىدۇر. سىز بۇ كۈن ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلدىڭىز؟، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىڭ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنىڭ، چۈنكى خاتالىقنىڭ داۋاملىشىشى قىيامەت كۈنىگە تەييارلانغان ئەڭ ناچار ئەمەلدۇر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىڭىز بىلەن ئاخىرەت دىيارىغا يۆتكىلىشكە تەييارلىق كۆرۈڭ. ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى، ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىڭىزغا مۇۋەپپىقىيەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.

ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا، ھىدايەتكە مەۋەپپەق قىلسۇن. ھاياتىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد